تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بىر قولدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، جوۋ پېڭ، ليۇ يىمىڭ، نيې نىڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىردى، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئوخشاشلا مۇھىم. نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قالپاقنى ئېلىۋەتسىمۇ مەسئۇلىيەتنى توختاتماسلىق، قالپاقنى ئېلىۋەتسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىق، قالپاقنى ئېلىۋەتسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى توختاتماسلىق، قالپاقنى ئېلىۋەتسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى توختاتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە نەزەر −

«ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش»

تەستە قولغا كەلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ياخشى ساقلاش دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى ياربويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىش.

ياربويى كەنتىنىڭ يىغىن زالىدىكى تامدا ئالاھىدە بىر پارچە جەدۋەل كىشىنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى تارتىدۇ. بۇ جەدۋەلدە ھەربىر ئائىلىدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئائىلە ئەزالىرى، كىرىمى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلار يېزىلغان بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن ئىككىلىك كود بار، يان تېلېفوندا سىكاننېرلاپلا ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

«خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لى مەنشۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر ئايدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتى چىرا ناھىيەسىدە ئومۇملاشتى. «مۇبادا خەۋپ - خەتەر كۆرۈلسىمۇ، نامرات نوپۇسلار چوقۇم ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ، كىرىمى ئازايمايدۇ، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەيدۇ.» چىرا ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ جىنباۋ مۇنداق دېدى: چىرا ناھىيەسى قېپقالغان نامرات نوپۇسلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق تاماملاپ، تېخىمۇ ئېنىق پىكىر يولى، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىر ۋە ئادەتتىن تاشقىرى سالماق بىلەن نامرات نوپۇسلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈستىدە توختالدى −

«نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك»

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكەت ھالىتىدىكى جەريان، ئاز ساندىكى تۆۋەن كىرىملىك ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئاممىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى تېخىمۇ مۇرەككەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ زور بولۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ.

ۋەكىل نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ «بىر ئادەممۇ كەم قالماي، بىر ئائىلىمۇ چۈشۈپ قالماي» ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش»

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جيا ديەنزېڭ مۇنداق قارىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشتا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇھىم ھالقا. قاراتمىلىقى بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

«نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش پىرىنسىپى بويىچە، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.» ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئائىلىلەرگە قارىتا ئادەمگە، ئائىلىگە قاراپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلسا. «ياردەم بېرىش» ئاساسلىقى كېسەل سەۋەبىدىن، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن نامرات ئائىلىلەرگە قارىتىلسا؛ «يۆلەش» ئاساسلىقى ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسى بار ئائىلىلەرگە قارىتىلسا؛ «يېتەكلەش» ئاساسلىقى تەرەققىيات ئاساسى ۋە زاپاس كۈچى بار ئائىلىلەرگە قارىتىلىپ، ئۇلار ئۆزىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە يېتەكلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى مۇستەھكەملەنسە.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايمەن −

«ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى مېنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم بەردى»

4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەندە دائىم قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، ياربويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇخېلىل بەكرىنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا تۇنجى قىلىدىغان ئىشى كەنتتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتو ۋولت تاختىسىنى كۆزىتىپ، فوتو ۋولت تاختىسىدىكى چاڭ - توزانلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

فوتو ۋولتلۇق توك تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش خادىمى بولۇش ئابدۇخېلىلنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇزاق مۇددەت سىرتتا ئىشلەشكە ئامالسىز قالغانىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما پەقەت كۈنلۈك ئىشلىيەلەيتتى، ئائىلە كىرىمىنىڭ بىرقەدەر تۇراقسىز بولۇشى ئابدۇخېلىلنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى بولۇپ قالغانىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە تەلىپىنى بىلىپ، مەخسۇس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش پىلانى تۈزۈپ، ئۇنى كەنتتىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى.

«ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتىم، مەن ناھايىتى قانائەتلەندىم ھەم بۇنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن.» ئابدۇخېلىل مۇنداق دېدى: ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى بىلەن مەن ھەم ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان، ھەم كىرىمىمنى ئاشۇرالايدىغان بولدۇم.

«ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمى پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.» لى مەنشۇ مۇنداق دېدى: ھازىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرلۈك دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرى تېخىمۇ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ، بارلىق ئەترەت ئەزالىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل چىرا ناھىيەسى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى فوندى قىلدى، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان نامرات ئائىلىلەرنى پەرۋىشكار، يول ئاسراش ئىشچىسى، يۇقۇم مۇداپىئە خادىمى، تازىلىق ئىشچىسى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى