تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يىغىپ ساقلاش سارىيىدا ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭ

نۇردۇن ساتتار:

يىغىپ ساقلاش سارىيىدا ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ باغرى مەھەللىسىدىكى «نۇردۇن قىزىل ئەسلىمە يىغىپ ساقلاش سارىيى»نى ھەممە كىشى دېگۈدەك بىلىدۇ. يىغىپ ساقلاش سارىيىنىڭ ئىگىسى − بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى نۇردۇن ساتتار.

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى ئۇزىتىپ بولغاندىن كېيىن، نۇردۇن مۇخبىرغا يىغىپ ساقلاش سارىيىنى ئېچىشتىكى ئەسلىي مۇددىئاسى ئۈستىدە توختالدى: «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەنمۇ ياخشى ۋاقىتقا ئۇلاشتىم، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. مەن يىغىپ ساقلاش سارىيىم ئارقىلىق، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە خاتىرىلىرىنى قايتا ئەسلەتكۈزىمەن، بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەرگە تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاتقۇزىمەن، شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1951- يىلى تۇغۇلغان نۇردۇن ئىلگىرى ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئامالسىز ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان، كېيىن يەنە ئارمىيەگە قاتناشقان، پارتىيەگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن، ئوقۇتقۇچى بولغان.

ئەينى يىلى، كىتاب سەۋەبلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن نۇردۇن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن نەچچە ئون يىل سەرپ قىلىپ يىغقان، سېتىۋالغان 20 مىڭ پارچىگە يېقىن كىتابىنى تىزىپ ئۆزىنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان ھويلىسىدا بىر كىچىك كىتاب ئوقۇش ئۆيى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز ئوقۇشى ئۈچۈن تەمىنلىدى، ئەينى چاغدا ئۇ پەقەت ئۆزىگە نەپ بەرگەن كىتابلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇردۇن ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى ۋە زېھنىنىڭ ھەممىسىنى كىتاب ئوقۇش ئۆيىنى ياخشى باشقۇرۇشقا سەرپ قىلدى، ھەر قېتىم كىتاب ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇرمەنلەرمۇ نۇردۇننىڭ ئاڭلىغۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭدىن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن «دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى»نىڭ رولى بارغانسېرى زورايدى، بۇ جاي مەھەللە ۋە ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا ئۆگىنىشىدىكى ياخشى مەنزىلگاھىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى بىر بازىغا ئايلاندى.

2016- يىلى، تۇرپان شەھىرى، ئىدىقۇت رايونىنىڭ كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، نۇردۇن كىتاب - رەسىم ئۆيى، «نۇردۇن قىزىل ئەسلىمە يىغىپ ساقلاش سارىيى» قۇرۇپ چىقىلدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇردۇن باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مەيلى قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، يىغىپ ساقلاش سارىيىغا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەنلەر بولسىلا، ئۇ ھەمىشە بالدۇرلا يىغىپ ساقلاش سارىيىدا ساقلاپ تۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، 400 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق يەرنى ئىگىلىگەن «نۇردۇن قىزىل ئەسلىمە يىغىپ ساقلاش سارىيى»دا جەمئىي 330 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم - سۈرەت ئەسىرى، نەچچە 10 مىڭ پارچە تۈرلۈك كىتاب كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ كادىرلىرى، نۇردۇن ۋە باشقا پۇقرا تەشۋىقاتچىلار دائىم بۇ جايدا پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ ھەر مىللەت ئامما سۈرەتلىك ماتېرىياللارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، خاتىرىلىرىنى قايتا ئەسلەپ، تارىخنى ئۆگىنىپ، قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.

ئەڭ دەسلەپكى «دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى» «دېھقانلار كىتاب - رەسىم ئۆيى»دىن بۈگۈنكى كۈندىكى «قىزىل ئەسلىمە يىغىپ ساقلاش سارىيى»غىچە؛ ئادەتتىكى بىر دېھقاندىن بىر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىغىچە، نۇردۇن پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە تارقاتماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن مەن پېشقەدەملىك رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى