يار بېشى كەنتى:
نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمىدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ جېن، ليۇ فېڭجىڭ، جامبولات ماناربېك
[ئاخبارات سىزمىسى] كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يار بېشى كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىشى، يۆلىشى بىلەن نامرات ئاھالە ئايگۈل مۇسا (سولدا) بىر دۇكان ئېچىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان بولدى.
(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇختەر ئەپرى سىزغان)
«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، مەن دەل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلماقچى، سىلەر مەن بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار.» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسىدىن قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى يار بېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى مياۋ پۇ مۇخبىرلارنى باشلاپ كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن چىقتى.
خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى ئېچىش... كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يار بېشى كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەپەككۇر يولى بارغانسېرى روشەنلەشتى، نەتىجە - ئۈنۈم بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمى بارغانسېرى پۇختا، كۈچلۈك بولدى.
ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش
ھاۋا ئىسسىدى، ئادەملەر ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەرنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن، نامرات ئاھالە ئابدۇللا سادىق ئارام ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، دەرھال مېۋىلىك دەرەخلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچتى.
«قاراڭلار، بۇ ئۆرۈك دەرەخلىرى نېمىدېگەن ياخشى ئۆسكەن، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ ئۆرۈك سېتىپ قىلىدىغان كىرىمى چوقۇم بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ.» مۇخبىرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئابدۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ سالاملاشتى.
يار بېشى كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، يېرى ئۈنۈمسىز؛ نامراتلار كۆپ بولۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى بىر مەھەل %71.44كە يەتكەن.
يار بېشى كەنتىدە 5921 مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈكلۈك 650 مو، ياڭاقلىق 200 مو، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەرۋىش تېخنىكىسى كەمچىل، باشقۇرۇشى يىرىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئېغىر بولغاچقا، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس ئىدى.
مېۋىلىك كۆچەت تىكسە كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ خىزمەت ئەترىتى ئۈرۈمچىدىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلدى. مۇتەخەسسىس: ئۆرۈك دەرىخى، ياڭاق دەرىخىنى ئۆستۈرگەندە مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى كۆچەتنى ئىلمىي تىكىش، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، دېدى.
يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قەلەمچە تىكىش، ئۇلاش، دەرەخ شاخلىرىنى چاتاش، سۇ ۋە ئوغۇتنى باشقۇرۇش، كېسەل، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، كەنت ئاھالىلىرى ئاڭلاپ توختىماي باش لىڭشىتتى.
كەنت ئاھالە كومىتېتى يەنە بىرنەچچە پەرۋىش قىلىش ماھىرىنى تاللاپ باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشىغا ياردەم بەردى.
«دەرەخ شاخلىرىنى چاتامدۇق؟ بولمايدۇ، مېنىڭ ئۆرۈكلىرىم، ياڭاقلىرىمنىڭ شاخلىرى باراقسان ئۆسكەن، چاتىۋەتسەم بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ.» مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتايدىغان مەزگىل يېتىپ كەلگەندە، ئابدۇللانىڭ ئىچى ئېچىشىپ، تېخنىكلارنىڭ قولىغا ئېسىلىۋېلىپ، دەرەخلەرنى چاتىغىلى قويمىدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ئابدۇللاغا داۋلى سۆزلەپ، سېلىشتۇرۇپ، كېپىللىك بەرگەندىن كېيىنلا، ئابدۇللا ئاندىن قولىنى قويۇۋېتىپ، تېخنىكلارنىڭ ئۆزىنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى چاتىشىغا يول قويدى.
مېۋە پىشىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئۆرۈكتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بەش مو ئۆرۈكلۈكتىن 7000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ئىلگىرىكى يىرىك پەرۋىش قىلغاندىكىدىن 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى، ئابدۇللا بېشىنى قاشلاپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يەنىلا ئىلىم - پەنگە ئىشىنىش كېرەك ئىكەن».
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كېرەك، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنى كونا باغلارنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، يەنە دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ياڭيۇ، بەسەي، تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى.
«بۇلتۇر يەر تېرىشقا تايىنىپ بىر يىلدا 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، يەر تېرىپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى ئابدۇللا.
ھەممە ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بار بولۇش
4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەيرىگۈل باراتنىڭ ئېرى ناھىيە بازىرىدىن قايتىپ كەلدى، خەيرىگۈل ئۇنى ئۆزىنىڭ كىچىك دۇكىنىغا باشلاپ كىرىپ، يېقىندىن بۇيانقى سودىسى توغرىسىدا خۇشال سۆزلەشكە باشلىدى.
خەيرىگۈل ئائىلىسىنىڭ يېرى ئاز، تۇرمۇشى قىيىن ئىدى. بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلىدى: «سىلەر ئىككىڭلار تېخى ياش، سىرتقا چىقىپ ئىش تېپىپ ئىشلىشىڭلار كېرەك، ئىككىلىڭلار پۇل تاپساڭلار، تۇرمۇشۇڭلار ناھايىتى تېزلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خەيرىگۈلنىڭ ئېرى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ خىزمەت تاپتى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى.
بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا، خەيرىگۈل يىراققا بارالمايتتى. «ئۆيگە يېقىن جايدا خىزمەت بارمۇ؟ مېنىڭمۇ ئىشلىگۈم بار.» خەيرىگۈل كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلدى.
«خىش زاۋۇتى، قۇرۇلۇش ئەترىتى بار، لېكىن ئايال يولداشلارنىڭ ئىشلىشىگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ.» كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قادىر ئابلىزنىڭ جاۋابى خەيرىگۈلنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈردى.
بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ «ئون كىچىك دۇكان» قۇرۇلۇشى كەنتتە يولغا قويۇلدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىر بوش يەرنى تاللاپ دۇكان سالدى.
پۇرسەت كەلدى. دۇكان پۈتمەي تۇرۇپلا، خەيرىگۈل ئالدىراپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كەلدى، «مېنىڭ دۇكان ئاچقۇم بار، لېكىن دەسمايەم يېتىشمەيدۇ، قانداق قىلىمەن؟»
«بۇ دۇكانلار نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن سېلىنىۋاتىدۇ، بىز سىزگە ياردەملىشىپ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ بېرىمىز» دېدى مياۋ پۇ.
مياۋ پۇ ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئورۇن − ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسىدىن ياردەم سورىدى، ئىدارە پارتىيە كومىتېتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئون نامرات ئائىلىنىڭ دۇكان ئېچىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
بۇلتۇر 10 - ئايدا، خەيرىگۈل قاتارلىق ئون نامرات ئائىلىنىڭ دۇكىنى ئېچىلىپ تىجارەت باشلاندى. «ھازىر بىر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزدا چاتاق يوق» دېدى خەيرىگۈل تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
مۇخبىر دۇكاندىن چىقىپ، كەنت بېشىدا ۋاسكېتبول مەيدانىچىلىك كېلىدىغان بىر بوش يەرگە سېمونت قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، بۇ خىزمەت ئەترىتى يېقىندا پىلانلىغان يەنە بىر كىرىمنى ئاشۇرۇش تۈرى − كەچلىك بازار ئىدى.
«بۇ يەر كەنتتىكى دۇكانلارغا يېقىن، مال سېتىۋېلىش قولايلىق؛ يېقىن ئەتراپتىكى بىرقانچە كەنت بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس، بەلگىلىك خېرىدارلار ئېقىمى بار. شۇڭا بىز بۇ يەردە كەچلىك بازار قۇرۇپ، يەنە بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ يايما ئېچىپ سودا قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدۇق» دېدى مياۋ پۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە 913 ئەمگەك كۈچى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىزمەت تېپىپ، ھەممە ئائىلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتە، كەنتتىكى غول يولنىڭ بويىدا، 40 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئەمەتنىياز قۇربان رېشاتكا ئورنىتىۋاتاتتى. بۇ كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تېپىپ بەرگەن ئىش بولۇپ، بىر كۈن ئىشلىسە بىر كۈنلۈك كىرىم قىلىدۇ.
تۇنجى قېتىم ئىشلەپ پۇل تاپقاندا، ئەمەتنىياز ناھايىتى كۈچىدى.
ئەمەتنىيازنىڭ بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى، كۈنلىرى بىرقەدەر قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. يار بېشى كەنتىدە ئەمەتنىيازنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىك 37 ئائىلە بار ئىدى، كەنت سىياسەتكە ئاساسەن ئۇلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈردى ھەم كۆپ تۈردە پايدا تەقسىملەپ بەردى.
بۇ يىل 3 - ئايدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى نامرات ئائىلىلەردىن ئاسان قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ئەمەتنىياز ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى ئېيتتى: «ئىجتىمائىي كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە پايدا تەقسىماتىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا نامراتلىشىپ كەتسەك قانداق قىلىمىز؟ مېنىڭ پۇت - قولۇم چاققان، يەنە ئىش بولسا قىلالايمەن. يېتىپ تۇرۇپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالغۇم يوق، ماڭا ماس كېلىدىغان خىزمەت بارمۇ؟»
بۇ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئادەمگە، ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
كەنت ئاھالە كومىتېتى يەنە ئەمەتنىيازغا ياردەم قىلىپ تەۋەلىكتىكى رەڭلىك خىش زاۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، رېشاتكىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ خىش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ.
«بىز ئەمەلىي ۋاقىتتىكى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنى ۋاقتىدا سىياسەت جەھەتتىن يۆلەيمىز ھەم ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنى پائال ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى مياۋ پۇ.