تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

شىنجاڭدىكى 96 ناھىيە (شەھەر، رايون) چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىنغان رايونلارنى بېكىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 20- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 96 ناھىيە(شەھەر، رايون) چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىنغان رايونلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىنغان رايونلاردىكى كۆلەملىك باقمىچلىق مەيدانى(تۈتۈن)دىن 995نى تاقاپ ۋە كۆچۈرۈپ، بېكىتىلگەن خىزمەت نىشانىنى ئورۇندىغان.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق تارماقلىرى تەمىنلەشكە، بىخەتەرلىككە، ئېكولوگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، يېزىلاردىكى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مال-چارۋا باقمىچىلىق كەسپىنىڭ جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى خىزمىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئاپتونوم رايون بويىچە 2800دىن كۆپ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى(كىچىك رايون)نىڭ چىقىرىندىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا چىقىرىندىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلىشىش نىسبىتى %69كە يېتىپ، مال-چارۋا، قۇشلارنىڭ چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش نىسبىتى %65تىن ئاشقان.

   ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 96 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئېكولوگىيەلىك مۇھاپىزەت رايونى، شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرى كۆچۈرۈلۈپ، مال-چارۋا باقمىچىلىقىدا بۇلغانمىدىن ساقلىنىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى