تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى

90تىن كۆپرەك مەبلەغ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ناھىيەلەرگە سېلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار سۈن جې، لى جىخاۋ) مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئەڭ يېڭى خەۋەر تېپىشىچە: 2019-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ 2 مىليارد 131 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىگە تەقسىملەپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %92ى نامرات ناھىيەلەرگە تەقسىملەنگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 32 نامرات ناھىيەگە تەقسىملەپ بېرىلگەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى 1 مىليارد 962 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %92ىنى ئىگىلىگەن. تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، نامرات مېيىپلەر ئائىلىلىرى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق تۆت تۈرلۈك «نۇقتىلىق ئوبيېكت»لارنىڭ ساقلانما مىقداردىكى خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئېغىر نامرات رايونلاردىكى باشقا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

مەبلەغنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەرقايسى جايلاردىن تولۇقلىما ياردەم ئوبيېكتىنى جەزمەن ئېلان قىلىشنى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئاشكارا بولۇش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاھالىلەرگىچە تارقىتىش ئاشكارا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق سومما بىلەن «تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكت»لارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش، مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا دەرىجىمۇدەرىجە يىللىق ئۈنۈم باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى