تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شىياۋدۇڭ، ئىخىتىيارىي مۇخبىر ساۋ يۆ خەۋىرى، فوتوسى) 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11:35 دە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى CZ6680 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئاستا-ئاستا قونۇشى بىلەن، چاقىلىق كىرورەن ئايرۇدرۇمىنىڭ بۇ يىلقى يولۇچى توشۇش مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن 2019-يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى نىشانى تاماملىدى.
چاقىلىق كىرورەن ئايرۇدرۇمى ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان 20-ئايرودۇرۇم بولۇپ، ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، شەندۇڭ ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۆت لىنىيەسى بار، ئۈرۈمچى، كورلا، چەرچەن، جېڭجۇدىن ئىبارەت شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۆت شەھەرگە ئۇچىدۇ.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى