تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«بايكا، مېنىڭ ئۆز ئاكام»

بايكا بىلەن ۋاڭ جيەنچياڭ يەم-خەشەك توشۇماقتا.   

   «بۇلتۇر، مېنىڭ باقمىچىلىقتىن قىلغان كىرىمىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭدا بايكا ئاكامنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى شياۋيىڭپەن بازىرى تائونخامور كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقان ۋاڭ جيەنچياڭ.

    بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جيەنچياڭ كەنتتىكى خېلى نامى چىققان باقمىچى، ئۇ تىلغا ئالغان بايكا بورتالا شەھەرلىك ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ كادىرى.

    ۋاڭ جيەنچياڭ مېيىپ بولۇپ، ئىلگىرى قوي بېقىشتىن قىلغان ئۈچ-تۆت مىڭ يۈەن بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى.

    2017-يىلى 1-ئايدا، بايكا بىلەن ۋاڭ جيەنچياڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ئادەتتە، بايكا داۋاملىق ۋاڭ جيەنچياڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ، ئىنىسىنىڭ قانداقراق تۇرۇۋاتقىنىنى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى.

    ئەينى يىلى چاغاندا، ۋاڭ جيەنچياڭ ئۆيىدە ئالدىراش ئىشلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ئىشىك چەككىنىنى ئاڭلىدى، ئەسلىدە بايكا ئۇنىڭ ئۆيىگە چاغان ئۆتكۈزگىلى كەلگەنىدى.

    «ئىنىم، چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، مەن ئۆيىڭىزگە چاغانلاپ كەلدىم» دېدى بايكا سوۋغىسىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ.

    «ئۆيۈمگە مەخسۇس چاغانلاپ كېلىدىغىنىڭىزنى ئويلىماپتىمەن، كېلىڭ، كېلىڭ» دېدى ۋاڭ جيەنچياڭ.

    «تۇغقانلار كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلسا ئاندىن يېقىنلىشىدۇ» دېدى بايكا.

   ۋاڭ جيەنچياڭنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئويى بارلىقىنى، ئەمما مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقتىن بۇنىڭغا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بايكا مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىز بانكىدىن باقمىچىلىق قەرزى ئىلتىماس قىلىپ باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرساق بولىدۇ. سىز خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىڭىزلا بولىدىكەن، مەن سىزنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن. 

بايكا قويغا يەم بېرىشىپ بەرمەكتە.

     ۋاڭ جيەنچياڭنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن، بايكا ئۇنىڭغا باقمىچىلىققا ئائىت نۇرغۇن كىتاب سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى ھەم ئۇنى باشقا جايلاردىكى باقمىچىلىق كوپىراتىپلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا ئاپاردى، بۇ ۋاڭ جيەنچياڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

    بايكا بازاردىكى مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىكلىرىنى باشلاپ كېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئېغىلنى دىزېنفىكسىيەلەش جايىدا بولمىغانلىقتىن قويلارنىڭ ئاغرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. تېخنىكلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ جيەنچياڭ بىلەن بايكا دەرھال ئېغىلنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇردى ھەم تېخنىكلارنىڭ يېتەكلىگىنى بويىچە ئېغىلنى دىزېنفىكسىيەلىدى.

بايكا بىلەن ۋاڭ جيەنچياڭ بىللە ئىشلىمەكتە.

     ۋاڭ جيەنچياڭ بىلەن تۇغقانلاشقان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بايكا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ يەم-خەشەك ئېلىپ، قىغلارنى توشۇپ، يەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ ئۇرۇق سېلىشىپ، سۇ يوللىرىنى رېمونت قىلىشىپ بەردى... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋاڭ جيەنچياڭنىڭ كۆڭلىگە مەھكەم ئورنىدى، ئۇ ھەر قېتىم بايكانى تىلغا ئالغاندا ئۇنى تەرىپلەپ: بايكا مېنىڭ ئۆز ئاكام، مەن ئۇنىڭغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، دەيدۇ.

    بايكا ۋاڭ جيەنچياڭغا پات-پات تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ، ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىمۇ بارغانسىرى قويۇقلاشتى. ۋاڭ جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، كۈنلىرىمنىڭ بارغانسىرى ياخشى بولۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقان ئاكامغا رەھمەت!

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى