تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سۇ نېمىشقا شۇنچە تاتلىق

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى يۇقىرى گال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلا ساۋۇت (سولدىن ئىككىنچى كىشى) سۈزۈك، تاتلىق تۇرۇبا سۈيى بىلەن چاي دەملەپ قوشنىلىرىنى كۈتتى، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لوڭ فوتوسى)

جەنۇبىي شىنجاڭدا ياز كىردى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆيدە، جۈمەكنى بۇراپ ئاچسىلا، سۈپسۈزۈك سۇ شارقىراپ چۈشىدىغان بولدى. پەيزاۋات ناھىيەسىدە شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 460 مىڭ ئادەم ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىرتاق شورلۇق سۇ ئىچىش تارىخىغا كوللېكتىپ خاتىمە بەردى. تاتلىق سۇ ئىچىش پۈتۈن پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سۇغا بولغان ئورتاق تەسىراتى بولۇپ قالدى.

«ھۆكۈمەت ئەزەلدىن سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى توختاتمىدى.» پەيزاۋات ناھىيەلىك شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى مۇنداق دېدى: «لېكىن پەيزاۋاتتا سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ھەقىقەتەن بەك تەس!»

كۆل سۈيى ئىچىدىغان دەۋردىلا، ھۆكۈمەت ئاممىنى تەشكىللەپ، كۆل سۈيىنى دېزىنفېكسىيەلىگەن، سۈزۈلدۈرگەن؛ كېيىن يەر ئاستى سۈيى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، يۇقىرى ئېقىنىدىن ئېقىپ كەلگەن بارلىق نەرسىلەر مۇشۇ يەردە تىنىدۇ، پۈتۈن ناھىيەدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى سۇلفات كىسلاتا تۇزى ئۆلچەمدىن ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ كەتكەن، قىسمەن رايونلاردا فىتور، ئارسېنمۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.

چەت، يىراق پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى بېيجىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى.

2014 - يىلى، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، دۆلەت پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، تېخنىك خادىملار پەيزاۋات ھەم ئەتراپتىكى رايونلارغا بېرىپ، بىر نەچچە لايىھەنى قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلدى، كىشىلەر مۇنازىرە قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، مودېل ياساپ، مۇمكىنچىلىكى بار بارلىق ئامىللارنى ئويلاشتى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، سۇ ئېلىش، سۇ يەتكۈزۈش، سۇ بىلەن تەمىنلەش - تەقسىملەشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بازار - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلىنىپ، پۈتۈن پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 460 مىڭ نوپۇس ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پەيزاۋات باش مەيدانىدىكى 16 مىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىندى. 1 مىليارد 749 مىليون يۈەن ئومۇمىي سېلىنما بۇ قۇرۇلۇشنى ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچىدىكى يەككە سېلىنما سوممىسى ئەڭ زور ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئايلاندۇردى.

100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇزتاغ چوققىسىدىكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان دولقۇنلۇق گەز دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى شۇ يەردىن باشلاندى، تازىلانغان سۇ 1827 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى غول ۋە تارماق تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى.

4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش سۇ زاۋۇتىنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن سۈيى تۇرۇبا يولىغا قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى؛ 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 12 يېزا - بازار ۋە پەيزاۋات باش مەيدانىنى كەينى - كەينىدىن سىناق تەرىقىسىدە سۇ بىلەن تەمىنلەش باشلاندى؛ 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمىگە يەتكەن تاتلىق سۈزۈك سۇ فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىپ، تەبىئىي چۈشۈش پەرقى پەيدا قىلغان زور بېسىم بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ ئاقتى.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى شادلىققا چۆمگەن ئامما ئارىسىدا، 15 مىڭ 300 نامرات نوپۇس بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلىنغان كىشىلەر توپى.

2020 - يىلى 6 - ئايدا، شىنجاڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ تۇپراقتا، سۇ توغرىسىدا يېپيېڭى بىر ئەسلىمە باشلاندى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى