تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

لى خۇەيگۇاڭنىڭ ياخشى قېرىندىشى ئوسمان

ئوسمان ئابدۇل لى خۇەيگۇاڭغا سۈپۈرگە بوغۇشۇپ بەرمەكتە.

    «15 تۇڭ سۇ تارتىمىز، ھەر بىر تۇڭ سۇ تەخمىنەن 500 كىلوگىرام، جەمئىي يەتتە يېرىم توننا، مۇشۇنداق بولغاندىلا تۇغقىنىمنىڭ بارلىق سەيلىرىنى سۇغىرىپ بولغىلى بولىدۇ.» 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى سەنتەي بازىرىنىڭ خۇاڭگاۋۋەن كەنتىدە، سەنتەي بازىرى كادىرى ئوسمان ئابدۇل ئۆزىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن تۇغقىنى لى خۇەيگۇاڭغا سۇ توشۇشۇپ بەردى.

    «بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭ، بۈگۈن بەش قېتىم توشۇدۇق، ئازراق تاۋۇز يەپ ئۇسسۇزلۇقىڭىزنى قاندۇرىۋېلىڭ.» لى خۇەيگۇاڭ ئوسمان ئابدۇلنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ تىلىپ قويغان تاۋۇزنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى.

    72 ياشلىق لى خۇەيگۇاڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مېيىپ، خوتۇنىنىڭ يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى بار، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن سۈپۈرگە بوغۇش، مايسا يېتىشتۈرۈش، سەي تېرىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. لى خۇەيگۇاڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ غورىگىل ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئوسماننىڭ ئىچى تىت-تىت بولدى. مايسا يېتىشتۈرۈشتىن باشلاپ سۈپۈرگە بوغۇشقىچە، ئوسمان بىرمۇبىر ئۆگىنىپ لى خۇەيگۇاڭغا ياردەملەشتى.

    «ھازىر قانداق ۋاقىتتا مايسا ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئۇ مەندىن ئېنىق بىلىدۇ، ئۇ پارنىكلارنى بالدۇرلا قۇرۇپ قويدى، بىز بىرلىكتە مايدا ئۆستۈرۈۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى، ئۇ سۈپۈرگىنى مەندىنمۇ تېز ھەم كۆپ بوغىدۇ.» لى خۇەيگۇاڭ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ تاۋۇزنى ئوسمان ئابدۇلنىڭ ئالدىغىراق سۈرۈپ قويدى.

    بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئوسمان ئابدۇل سۈپۈرگە بوغۇشنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە لى خۇەيگۇاڭغا سۈپۈرگىلەرنى سېتىشىپ بەردى. لى خۇەيگۇاڭنىڭ قولدا ياسىغان سۈپۈرگىلىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئانچە ياخشى بولمايۋاتقانلىقى، ئۆيىدە ئىلگىرى ياساپ قويغان يۈزگە يېقىن سۈپۈرگىنىڭ بېسىلىپ تۇرغىنىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوسمان ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈپۈرگىلەرنى بىرلىكتە تەشۋىق قىلدى، ئوسمان يەنە سۈپۈرگىلەرنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى. ئوسماننىڭ ياردىمىدە، لى خۇەيگۇاڭ ھەر يىلى قىشتا كېلىپ سۈپۈرگە سېتىۋالىدىغان بىر نەچچە مۇقىم خېرىدار تاپتى، بۇنىڭ بىلەن لى خۇەيگۇاڭنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولدى.

    «ھېسابلاب باقسام، ھەر يىلى ئۇنىڭغا 200چە سۈپۈرگىنى سېتىشىپ بېرەلەيدىكەنمەن، بىر سۈپۈرگە 25 يۈەن بولغاندا ئۇ كىرىمىنى 4000 يۈەن ئاشۇرالايدىكەن، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن خېلى كۆپ پۇل» دېدى ئوسمان ئابدۇل.

    يازدا سۇ توشۇش، قىشتا كۆمۈر يەتكۈزۈش، ئىككى يىلدىن بۇيان، ئوسمان بىلەن لى خۇەيگۇاڭ چىن مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلدى، لى خۇەيگۇاڭمۇ بۇ قېرىندىشىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى