شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا
«بۇ بىرقانچە يىلدا كەنتتە ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولدى، ھەممە ئائىلىلەر ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، داۋالانسا ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ، ياشانغانلار ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىدى!» دېدى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جامال مەمەت خۇشال ھالدا.
جامالنىڭ ئاددىي سۆزلىرىدىن قويۇق مىننەتدارلىق ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى مالىيە خامچوتىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت - سائادەتنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، ئىناق، بەختلىك ئۆتىدىغان يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلدى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى. 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى بويىچە ئەمەلىيەتتە 144 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تاماملىنىپ، ۋەزىپە مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، نۆل ئىشقا ئورۇنلاشقان ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش ھالىتى ساقلاندى.
بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ياشنى بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، تۈرلۈك ئىش ئورنىدىن 85 مىڭ 600نى رەتلەپ، جەملەپ ھەم كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بۇ يىل، كېلەر يىللىق بوش ئىش ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، %80تىن تۆۋەن بولماسلىق نىسبىتى بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەخسۇس تۈردە ئىشقا تەكلىپ قىلىشقا ئىشلەتتى (كەسىپ تاللاش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنى ئەمەلىيلەشمىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
يېقىندا، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىغا بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 104 ئوقۇغۇچىنى ئەۋەتتى، بۇ شۆيۈەننىڭ ئېلېكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ما فېڭمېي شۇلارنىڭ بىرى، ئۇ زاۋۇتنىڭ ئىزولياتسىيە سېخىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. «مەكتەپ بىلەن كارخانا ئىمزالىغان نىشانلىق تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئارقىلىق، مەن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەت تاپتىم، ئايلىق كىرىمىم 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى ما فېڭمېي.
«بىز سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تېز ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما جاۋفېڭ.
كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى
«ئالدىنقى قېتىم مەن ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا، 8000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدىم، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاپ قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۆزۈم ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى چىقاردىم. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى داۋالىنالايدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان قىلدى» دېدى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى يۇقىرى باغتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇخان مامۇت مىننەتدارلىق بىلەن.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەندە، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسقا ياردەم بېرىپ يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، بۇلتۇر نامرات نوپۇسنىڭ چوڭ كېسەل بويىچە مەخسۇس قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېسەل تۈرىنى 32 خىلغا كېڭەيتىپ، 164 بېكىتىلگەن دىياگنوز قويۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىنى بېكىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاغرىقلارنى چوڭ كېسەل بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىلەن قاپلاش نىسبىتىنى %98تىن ئاشۇرۇپ، «كېسەل يىلتىزى»نىڭ «نامراتلىق يىلتىزى»غا ئايلىنىپ قېلىشىنى كۈچەپ توسۇپ، نامرات ئامما ئۈچۈن «ساغلاملىق مۇداپىئە سېپى» قۇرۇپ بەردى.
خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادئارا داۋاملىشىشىنى توسۇشتىكى تۈپ تەدبىر. ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش»تىن ئىبارەت كۆپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئوقۇش ياردەم مەبلىغى سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردىن «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە جەمئىي 6 مىليارد 511 مىليون يۈەن ئوقۇش ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا 5 مىليون 559 مىڭ 100 ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزدى. «دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغى سىياسىتىگە رەھمەت، مېنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى قەشقەر داشۆسىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمىنە ئابلاجان مىننەتدارلىق بىلەن.
ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خەلق تۇرمۇشىنىڭ «ئاساسى»نى مۇقىملاشتۇرۇشتا. بۇ يىلقى يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق «كۈچلۈك، يادرولۇق» قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 8 مىليارد 510 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئۇنى شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلەتكەن.
بەخت - سائادەت ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈلدى
«كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 15 يىل ئۆستى، مېنىڭ كۈتۈنۈش پۇلۇم ھەر ئايدىكى نەچچە يۈز يۈەندىن ئۆسۈپ، ھازىر 4000 يۈەندىن ئاشتى، ئاڭلىسام بۇ يىل يەنە ئۆسىدىكەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان جاڭ جىڭ خۇشال ھالدا.
ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئاپتونوم رايونىمىز پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇدا تەڭشەش بىلەن بىللە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارغا قارىتا شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتى ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 60 ياشتىن ئاشقان نامراتلاردىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق تارقاتتى.
«ئىلگىرى ئائىلەمنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانىدىم، بەختكە يارىشا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بۇلتۇر 9 - ئايدىن باشلاپ، مەن ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدىغان بولدۇم» دېدى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختى قۇربان.
گۈزەل خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا ئېچىلماقتا. 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرىدىكى يېزا بەخت چوڭ ھويلىسى تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى. بۇ يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 207 يېزا بەخت چوڭ ھويلىسى قۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش شەكلى بىلەن ياشانغانلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، لازىمەتلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدى.
«ئۆستەڭلەرنى تولدۇردى دەريا سۇلىرى، سۇغاردى ئېتىز - ئېرىق، باغلارنى؛ دېڭىزدەك چوڭقۇر ۋەتەن مېھىر - شەپقىتى، ئىللىتتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان قەلبنى...» ئاددىي، ئەمما مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولغان بۇ ناخشىنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى باغچى كەنتىدىكى ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىدىكى توختىخان ئابدۇللا يازغان. ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىنىڭ يېنىدا بەخت چوڭ ھويلىسى جىددىي قۇرۇلماقتا. «يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، بىز بەخت چوڭ ھويلىسىغا كۆچۈپ كىرىمىز» دېدى توختىخان خۇشال ھالدا.