تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش: كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالدى، خەلق قەلبىنى ئىللىتتى

«2016 - يىلى، مەن تۇنجى قېتىم ئىشىك ئالدىدىلا سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتتۈم، تەكشۈرۈشتە تۇغما يۈرەك كېسىلىم بارلىقى ئېنىقلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىپ ساقايدىم.» 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، غۇلجا شەھىرى پەنجىم بازارلىق شىپاخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان تۆۋەنكى پەنجىم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمەرخان جېلىل ئۆچرەت ساقلاۋېتىپ، شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سالامەتلىك تەكشۈرۈشتەك ياخشى سىياسەت بولغاچقا، كېسىلىم ۋاقتىدا بايقالدى ھەم ۋاقتىدا داۋالاندىم».

2016 - يىلى 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى، شىنجاڭلىق شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ قۇرۇلۇش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەمئىي 76 مىليون 510 مىڭ ئادەم قېتىم سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمى تېزلىتىلدى.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

«ساغلاملىق ئۆتىڭى» قۇرۇش

ئىلگىرىكى يېزا - بازار شىپاخانىلىرىدا ئۈسكۈنىلەر تولۇق ئەمەس، دوختۇر - سېسترالار كەمچىل بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىشكە كېلىدىغان ئامما ئىنتايىن ئاز ئىدى.

2016 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالاش - سەھىيە شارائىتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالدى بىلەن ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى باشلاپ، يېزا - بازار شىپاخانىلىرىنى ئاۋاتلاشتۇردى. گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى قوچاقئۈژمىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل مەتسىدىق تۇنجى قېتىم ئىشىكى ئالدىدىلا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى.

بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە، پاتىگۈل نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىگە ئوخشاش تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، قان تىپىنى بىلىۋالدى، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە كېسىلى ئېنىقلاندى ھەم ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلدى، داۋالاندى.

بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋالاش بايلىقىنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، خادىملارنى يۆتكەپ ئەمەلىيلەشتۈردى، ئۈسكۈنە سېلىنمىسىنى ئاشۇردى ھەم ئۈسكۈنىلەرنى پەلەمپەيسىمان يېڭىلاشتەك كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورناتتى.

«ئاپتونوم رايونىمىز 2016 - يىلىدىن باشلاپ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېنىدىكى <ساغلاملىق ئۆتىڭى>دىن بەھرىلەندۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا - بازار شىپاخانىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى ئاران %38.84، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى %34.66 ئىدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق يېزا - بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى ئوخشاشلا %100 بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇر - سېسترالارنىڭ كەسپىي ماھارىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ھەممىسى ئۆستى.

خاسلاشقان مۇلازىمەت ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تىلغا ئېلىنسىلا، باي ناھىيەسىدىكى لى چۇنيىڭ بوۋاينىڭ قەلبى ئىللىپ كېتىدۇ. لى چۇنيىڭنىڭ خوتۇنى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، ناھىيەگە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە بارالمايتتى.

لى چۇنيىڭنى تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، باي ناھىيەلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار ئۇدا بەش يىل B چاۋ ئاپپاراتى، شىنديەنتۇ ئاپپاراتى، سۈيدۈك ئانالىز ئەسۋابى، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى.

«ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ھەقىقەتەن ياقتى!» دېدى لى چۇنيىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

2016 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەر قايسى تارماقلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن يەكۈنلەپ، بىر تەرەپتىن قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشىگە ھەقىقىي قولايلىق ياراتتى.

سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەرقايسى جايلار دېھقان - چارۋىچىلارنى مۇۋاپىق تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدى؛ يېشى چوڭ ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى؛ قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق بىلەن تەمىنلەش، ئازادە كېسەل كۆرسىتىش رايونى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېتەكلەش يولى ھەم سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلققە قولاي مۇلازىمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دىققەتنى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتىلارغا دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە «باستۇرۇپ سۇغىرىش»نى دەل جايىدا «تېمىتىپ سۇغىرىش»قا ئۆزگەرتتى.

«ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولدى.» گو ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2016 - يىلى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى كونكرېت سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەت ۋە خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىز سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت تۈرلىرىنى بېكىتتى.

2018 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان «خاسلاشقان» سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ كۆپ يۈزبېرىشىگە قارىتا، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە 15 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۆكرەك قىسمىنى Xنۇرىدا تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆپەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى يۆتكەپ داۋالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ سالامەتلىك ئارخىپ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا يېڭىلىدى.

2019 - يىلى ھەرقايسى جايلار سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلققە قولاي مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، خەلققە قولاي بولۇش تەرتىپلىرىنى ئەلالاشتۇردى.

سۈپەت ۋە خەلققە قولاي بولۇشنى ئۆلچەم قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى سەل تەڭشەپ، 45 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ قاندىكى ياغنى تەكشۈرۈش تۈرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىنى B چاۋدا تەكشۈرۈش، ئاياللارنىڭ سۈت بېزىنى B چاۋدا تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆپەيتتى.

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن سالامەتلىكنى باشقۇرۇشقىچە

«سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئاممىغا سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى، شۇنداقلا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.» گو ۋېيجياڭ مۇنداق قارىدى: پەقەت مەنبەدىن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلنى تىزگىنلەپ، كېسەل بولسا بالدۇر داۋالاپ، كېسەل بولمىسا بالدۇر ئالدىنى ئېلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش ۋە قايتا نامراتلىشىشنىڭ يۈزبېرىشىنى ئازايتىشلا ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تاكتىكىسى ھېسابلىنىدۇ.

يەكەن ناھىيەسى مىشا بازىرى كىسىمچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن تالىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى تەكشۈرۈپ بايقالدى، دەل ۋاقتىدا دورا ئىچكەچكە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ «سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ساغلاملىق ئارخىپى» «ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى»غا كىرگۈزۈلدى، ئائىلە دوختۇرى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ.

بەدەن تەكشۈرۈلدى، كېسەللىكنىڭ ئالدى ئېلىندى، كىشىلەر قەلبى ئىللىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىنىپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت ساغلاملىق ئۇسۇلىغا ئۆزگىرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىلمىي تەھلىل قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، تارقىلىشچان كېسەللەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەل تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش، داۋالاش لايىھەسىنى تەھلىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

گو ۋېيجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش، ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشنى باشقۇرۇش بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، قېلىپلاشقان مۇلازىمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، باشقا مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ