تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 6- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جېجياڭ خاڭجوۋدا 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى دېدى: بۇ قېتىم «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتنىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق توپ - توپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى، ئاجايىپ - غارايىپ يېڭىلىق يارىتىلغان تۈركۈم - تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ، ئۇرغۇپ تۇرغان «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر 6- ئايدىكى شىخۇ كۆلىنى «زۇمرەتتەك كۆل يۈزىنى قاپلىدى نېلۇپەر يوپۇرمىقى، قۇياش نۇرىدا قىزىرىپ ئېچىلدى نېلۇپەر گۈلى» دەپ تەسۋىرلىگەن، بۇنى بۈگۈنكى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاپ، رەڭدار تۈس ئېلىپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماھىيىتى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى قوزغاپ، تېخىمۇ زور چەكتە ھەربىر كىشىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى، يوشۇرۇن تالانتىنى قوزغىتىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشنى ساقلىدى. گەرچە ھازىر مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، بىراق جۇڭگو ئىقتىسادى ئېلاستىكلىققا ئىگە، بۇ ئېلاستىكلىق 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئىجادىيىتىدە يىلتىز تارتقان، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» مۇھىم تىرەك، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى تېخىمۇ زور قوزغىتىشقا تايىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى دېدى: «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولماقتا. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» دۆلىتىمىزنىڭ مول ئادەم كۈچى بايلىقىغا، بولۇپمۇ ياشلارغا كەڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقى ئېچىپ بەردى، بۇ، بىرقەدەر يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئاساسىغا ئىگە قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى بازار قائىدىسى بويىچە ئادىل رىقابەتلەشتۈرۈپ، يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئىجادىيەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جەزمەن كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئاۋامنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئاۋامنىڭ كۈچىنى توپلاپ، «ئالاقە تورى +» سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ مەنبەسى. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنما فوندى، تەۋەككۈل سېلىنما فوندىنى «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»قا مەدەت بېرىش، كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» يەنە جەمئىيەتنىڭ تىك يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش يولىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى، بولۇپمۇ «پۇقرا» ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەرەققىيات سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى تىرىشىش ئارقىلىق كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ، پۇرسەت ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، بازارنىڭ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كارخانىچىلار روھى، ھۈنەرۋەن روھى، كەسپىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ئىشنى ئىنچىكە قىلىپ، ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، قالتىسلىققا ئىنتىلىپ، سىپتا ئىجادىي تەپەككۇرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىستېمالچىلار قارشى ئالىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق بازارنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ يەنە «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» باش تېما كۆرگەزمە رايونىغا كېلىپ، ھەربىر كۆرگەزمە سۇپىسىغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەلا نەتىجىلىرىنى كۆردى، كۆرۈش تورى، رەقەملەشكەن ياسىمىچىلىق، دېڭىز - ئوكيان ئېقىن ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش، سۈنئىي يەم - خەشەكتە زاۋۇتلاشتۇرۇپ پىلە بېقىش، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. لى كېچياڭ ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «مەن بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىمەن، مەن ئىگىلىك تىكلەيمەن» دېگەن شوئارنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەيۋەتلىك دولقۇنىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. ۋەن گاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد ئون نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ۋەكىلى ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئاۋام» دېگەن خەتنى ئورتاق يېزىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەپتىلىكىنى رەسمىي باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ