تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات ئايرودۇرۇمىنىڭ يىللىق ساياھەتچىلەر مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ11-كۈنى، تيەنخاڭ GS7529 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ مۇقىم قونۇشىغا ئەگىشىپ، كۈنەس ناھىيەسى نارات ئايرودۇرۇمى بۇ يىل 100 مىڭ يولۇچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ 2006-يىلى 7-ئايدا ئايرودۇرۇمدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نارات ئايرودۇرۇمىنىڭ قاتنىشى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانات بولدى. ناھىيە بويىچە ساياھەتچىلىك داۋاملىق جانلىنىپ، ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، تيەنخاڭ شىركىتى، خۇاشيانىڭ ئۈچ ئاۋىياتسىيە شىركىتى نارات ئايرودرۇمىدا تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدە ئۇچۇش نۇقتىسى ئۈرۈمچى، كورلا، قاراماي، كۇچا، بورتالاغا يېتىپ بېرىپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلانما ئۇچۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، نارات ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 42.8 ئاشقان، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇش قېتىم سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 107.9 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچى: خەلققە قولايلىق بازار ئېچىلدى ئاھالىلەر كۆڭۈلدىكىدەك مال سېتىۋالدى
  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تىجارەت باشلاندى!
  • «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى