تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى ئالتۇنتاغنى بويسۇندۇردى

  5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالتۇنتاغدا، بىر ئاسراش ئاپتوموبىلى تۆمۈريول لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن جيەنفېي خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18:00لەردە، ئۇزۇنلۇقى 13 مىڭ 195 مېتىر كېلىدىغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىدىكى بىرىنچى ئۇزۇن تونېل ___ ئالتۇنتاغ تونېلىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئالتۇنتاغنى كېسىپ ئۆتۈشتەك قىيىن ئۆتكەلنى بويسۇندۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ چىڭخەي بۆلىكىدە 2018-يىلى ئاساسىي قۇرۇلۇش تاماملانغان. شىنجاڭ بۆلىكىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن قۇرۇلۇشلىرى ئاساسەن ئالتۇنتاغدا ئىدى. گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى چىڭخەي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭ چېگراسىغا كىرگەندىن كېيىن، تۆمۈريول لىنىيەسى دېڭىز يۈزىدىن 3500 نەچچە مېتىر ئېگىز ئالتۇنتاغ تاغلىق رايونىدىن 900 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۈزلەڭلىك رايونىغا تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، زور  پەرق سەۋەبىدىن تۆمۈريول لىنىيەسى چوقۇم ئالتۇنتاغ ئىچىدە ئەگرى-بۈگرى ئايلىنىپ، بىر نەچچە تونېلدىن ئۆتۈپ، ئېگىز كۆۋرۈكلەردىن ھالقىپ ماڭىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 717 كىلومېتىر، پۈتۈن لىنىيەنىڭ 22 يېرىدىكى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكنىڭ 20سى، 16 تونېلنىڭ 15ى ئالتۇنتاغنىڭ ئىچىگە جايلاشقان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدىكى بىردىنبىر كونتىرول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ___ ئالتۇنتاغ تونېلى قۇرۇلۇشچىلارنىڭ بەش يىلغا يېقىن تىرىشىشى ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1213.7 كىلومېتىر كېلىدىغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچىنچى چوڭ تۆمۈريول، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىم تۆمۈريول تورى غول لىنىيەسى ۋە تاق لىنىيەلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول ھېسابلىنىدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ھەر كۈنى تەخمىنەن 1.5 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، 7-ئايدا چىڭخەي بۆلىكىدىكى رېلىس بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، 10-ئايدا قاتناش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلاش مۆلچەرلەنمەكتە.

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلىرى ئالتۇنتاغ تونېلىغا كىرىش ئېغىزىغا رېلىس ياتقۇزۇپ، ئالتۇنتاغ تونېلىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلىرى ئالتۇنتاغ تونېلىدا رېلىس ياتقۇزماقتا.

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول 1-ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلىرى ئالتۇنتاغدا مەشغۇلات قىلماقتا.

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئالتۇنتاغ تونېلىدا رېلىس ياتقۇزۇلماقتا.

5-ئاينىڭ 28-كۈنى، يول ماتېرىياللىرى توشۇۋاتقان بىر پويىز ئالتۇنتاغدا 4-نومۇرلۇق تونىلغا كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى