1979 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قومۇل − يامانسۇ يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ 110 كىلوۋولتلۇق لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 132 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى.
1978 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋاڭ فېڭنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1 - جېڭۋېيلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
1974 - يىلى 1 - ئايدا دۆلەت قۇرۇلۇش كومىتېتى، دۆلەت پىلان كومىتېتى بېيجىڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەمكارلىشىش يىغىنى ئاچتى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ياساش باشلاندى.
1971-يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. 1974 - يىلى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تۆت چوڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
1967 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتۇشقا مەسئۇل بولدى.
1964 - يىلى 12 - ئايدا مەركەز «يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىش» چاقىرىقىنى چىقاردى، شىنجاڭدا «يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىش» ھەرىكىتى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى.