تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى پۈتۈش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان

خەلق گېزىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى پۈتۈش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى پۈتۈش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، <ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن> دەيدىغان قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى پۈتتى. بۇ 100 يىلدىن بۇيان ئېچىلغان ئۇلۇغ يول، يارىتىلغان ئۇلۇغ ئىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت مۇقەررەركى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ!»

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخى جەرياندا مۇستەھكەملەندى.

پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش مۇساپىسىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى مىسلىسىز مۇجەسسەملەندى، ئۇرغۇتۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەرسلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» باش شۇجى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پارتىيەمىزگە نىسبەتەن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلار، قىزىل يادىكارلىق ئورنى، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە مەيدان - سورۇنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، «ھەربىر جايغا بېرىپ، ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ياد ئەتكىنىمدە، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتكىنىمدە، قەلبىم بىر قېتىم لەرزىگە كېلىدۇ، روھىم بىر قېتىم تاۋلىنىدۇ. ھەر قېتىم ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن كېلىپ، نۇرغۇن تەسىرات بىلەن قايتىمەن».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى. ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى مەنزىلگە نەزەر سالساق، بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ۋە ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ قولغا ئالغان قىزىل ھاكىمىيەتنى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قۇرۇپ، تىرىشىپ ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك».

ماقالە بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ؛ كوممۇنىزم پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى، بۇ ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى چىڭىتىش كېرەك؛ ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى؛ پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسى بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز، بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ؛ پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىلگىرىكى ئىشلاردىن ئۆرنەك ئالغاندىلا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۆتكەن كۈرەش قىلىش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار قان تۆكۈپ قۇربان بېرىپ قولغا ئالغان قىزىل ھاكىمىيەتنى ياخشى ساقلاپ، ياخشى قۇرساقلا، بىز چوقۇم ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، تارىخ ۋە خەلققە يۈزكېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.