تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن چۇەنباۋ ۋە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئىلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىغا بولغان تونۇشىمىزنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى بەس - بەستە قاتنىشىپ، ئەستايىدىل ئۆگەندى، ھەر مىللەت ئامما پائال ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ دائىرىدە قاتنىشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش مەقسىتىگە يەتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا بولۇپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۈندىلىك ئىشلارغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، قەتئىي بوشاشماي سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قەتئىي بوشاشماي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئەتراپلىق ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قەتئىي بوشاشماي خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەش جەھەتتە يېڭى تەدبىر، قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجادىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بەشىنچىدىن، قەتئىي بوشاشماي ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى كېڭەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغداشنى سىياسىي ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا نامايان قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە شەكىللەنگەن ياخشى مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.