تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قىزىل ئەنئەنە مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش

قاراماي مۇزېيى:

​قىزىل ئەنئەنە مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش

قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⒃

قاراماي مۇزېيىنىڭ ئالدى ئىشىكى (4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تارتىلغان). □ چىڭ شەن فوتوسى□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر چىڭ شەن

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈپ

قاراماي شەھىرىنىڭ جۇڭغار يولىنى بويلاپ شەرققە قاراپ ماڭسىڭىز قاراماي مۇزېيىغا كېلىسىز. مۇخبىر بۇ مۇزېيغا يېقىنلاشقانسېرى «كۆڭۈلنى توختىتىپ يىلتىز تارتىدىغان، نېفىت چىقمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان» ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللار بارغانسېرى ئېنىق نامايان بولدى. ئۇ، نېفىتچىلار قىزىل ئەنئەنىسىنىڭ قارامايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، توختىماي داۋاملاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى.

مۇزېي ھويلىسىدا دەل - دەرەخلەر يېشىل تۈسكە كىرگەنىدى. مەزمۇت، ياپيېشىل قارىغايلار ئارىسىدا، جەۋلان قىلىپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

قاراماي مۇزېيىدىكى كۆرگەزمە كىرىش سۆز، يىراق قەدىمكى سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش، بىخ ئۇرغان دەسلەپكى مەزگىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشتىن ئىبارەت ئالتە قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى قاراماينىڭ تارىختىن ئىلگىرىكىدىن 21 - ئەسىرگىچە بولغان ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلاردىكى تەرەققىيات مۇساپىسى نامايان قىلىنغان ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئوخشىمىغان مەزگىلدىكى ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت، خەرىتە، ئەمەلىي بۇيۇم ھەمدە قۇم مودېل، ئەندىزە قاتارلىقلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

مۇزېيغا كىرگەندە، ئالدى بىلەن ئۈچ تەرىپى قاپارتما نەقىشلىك تامنى ئاساس قىلغان كىرىش سۆز قىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. سول تەرەپتە شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تاغ ئارىسىغا ئىككى ئويمانلىق جايلاشقان» يەر شەكلى قىياپىتى نامايان قىلىنغان، ئوڭ تەرەپتە قاراماينىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، ئوتتۇرىسىدا قاراماينىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى نامايان قىلىنغان.

«بۇ يەردە ئاساسلىقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشىدا، نەچچە ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ جان تىكىپ ئېلىشقان شانلىق مۇساپىسى نامايان قىلىنغان» دېدى قاراماي مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ۋاڭ ياچىن.

كىرىش سۆز زالىدىن سول تەرەپكە بۇرۇلغاندا، يىراق قەدىمكى سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش زالىغا كىرگىلى بولىدۇ، ياندىكى دىنازاۋۇر ئىسكىلىتى، باش تەرەپتىكى ئۇچار كەسلەنچۈك مودېلى، سىڭىشىش شەكلىدىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسى كىشىنى خۇددى يىراق قەدىمكى زامانغا بېرىپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يىراق قەدىمكى سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش زالىدا، بەش ياشلىق يۆ شۈخەن ئاپىسىنىڭ قولىنى تارتقىنىچە، قىزىقىپ توختىماي سوئال سورايتتى. ئاپىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بۇ يەردە قارامايدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئىلگىرىكى قىياپىتى ۋە نېفىتنىڭ شەكىللىنىشى چۈشەندۈرۈلۈپتۇ.

مىليونلىغان يىللاردىن بۇيانقى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا، يەر ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن ھەر خىل قەدىمىي جانلىقلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى ئورگانىك ماددىلارنى شەكىللەندۈرگەن. پېرم دەۋرى مەزگىلىدە ھەر خىل مىكرو جانلىقلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنىڭ چۆكۈشتىن ھاسىل بولغان ھىدروكاربونلار قاراماينىڭ يەر ئاستىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى مول. مىڭ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىپتىدائىي يەرلىك ئۇسۇلنى قوللىنىپ نېفىت ئايرىغان. بىخ ئۇرغان دەسلەپكى مەزگىل كۆرگەزمە زالىدىن بىز شۇنى بىلدۇقكى، 1909 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رۇسىيەدىن بىر «نېفىت قېزىش ماشىنىسى» (بۇرغىلاش ماشىنىسى) سېتىۋېلىپ كىرگۈزۈپ، مايتاغدا تۇنجى ماي قۇدۇقىنى قېزىپ، شىنجاڭ يېقىنقى زامان نېفىت سانائىتىنىڭ يولىنى ئاچقان.

ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەر تارىخقا ئايلاندى، لېكىن بەزى تارىخنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.

جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش قىسمىدا، 1949 - يىلىدىن 1978 - يىلىغىچە قاراماي نېفىتچىلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش كۈرەش تارىخى خاتىرىلەنگەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى چوڭ نېفىتلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارامايدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد يول ئاچقۇچىلار ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتماي نېفىت ئېلىش مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلار نېفىت ئىشلىرىغا بولغان قەتئىي ئېتىقادى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.

ۋاڭ ياچىن گەنسۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قاراماينىڭ تارىخىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى، قاراماي مۇزېيىغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەر بىر پارچە سۈرەت ھەمدە قايتا - قايتا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شەھەرنى قايتىدىن تونۇدى، نېفىتچىلارنىڭ ئۇلۇغ ئىش ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: چۈشەندۈرۈش قانداقتۇر ئاددىيلا بايان قىلىش ئەمەس، بەلكى بىر خىل روھنىڭ يەتكۈزۈلىشىدۇر، ئۇ نېفىتچىلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى يەتكۈزۈپ، ھازىرقىلارنى تەربىيەلەپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

چۈشەندۈرگۈچى ئارزۇ ئەكبەرجان «3 - ئەۋلاد نېفىتچى»، ئۇ كىچىكىدىن بوۋىسى ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. مۇزېيغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بوۋىسى ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چەكسىز ھاياجانلانغان. بەزىدە چۈشەندۈرۈۋېتىپ ئارزۇنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملىشىپ كېتىدىكەن.

قاراماي ياش شەھەر بولسىمۇ، ئەمما نەچچە ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ غەيرەتكە كېلىپ قاراماينى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەر خەلقئارا تەسىرگە ئىگە نېفىت شەھىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. قاراماينىڭ قىزىل ئەنئەنىسى ساقلىنىۋاتقان ھەر بىر مەدەنىيەت يادىكارلىق گۆھىرىگە ئويۇلدى، بارلىق قارامايلىقلارنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتتى.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مايبۇلاق 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقىپ، دۇنياغا يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىكنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ ئورنى بېكىتىلگەن سۈرەت، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ نېفىت ئەۋرىشكىسى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ ئۈچ بىسلىق بۇرغا ئۇچى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ تۇرۇبا قىسقۇچى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە قاراماي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

ئارزۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بىر قېتىم خىزمەتدىشى قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن نېفىت چىققان چاغدا خۇشال بولۇپ كەتكەن نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ نېفىتنى بىلەكلىرىگە، يۈزلىرىگە سۈرتكەن كۆرۈنۈشىنى سۆزلەپ بەرگەندە، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارمۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغانىدى.

كۆرگەزمە زالىدىن چىقىپ ھويلىغا كەلگەندە، بېيۋۇ 40 تىپلىق بۇرغىلاش ماشىنىسى كۈن نۇرى ئاستىدا جىمجىت تۇرغىنىچە، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە ئۆتمۈشىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى؛ مايبۇلاق گەمىسىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى ئەينى چاغدىكى «گەمە» ئىچىدىكى جاپالىق تۇرمۇش مۇھىتىنى قايتىدىن نامايان قىلغانىدى؛ قاراماينىڭ قىزىل ئەنئەنىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان «يول ئاچقۇچىلار» ھەيكىلى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن قارامايلىقلارنى باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشكە داۋاملىق يېتەكلەپ تۇراتتى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قاراماينىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئاشتى، شەھەر قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى... بۈگۈنكى كۈندىكى قاراماي تەرەققىياتتا بايلىققىلا تايىنىدىغان قاراشنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئويغىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى ئىسىم كارتىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

«كۆڭۈلنى توختىتىپ يىلتىز تارتىدىغان، نېفىت چىقمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان» شەرەپلىك ئەنئەنىنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتچىلار «مەن ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەن قەتئىي ئېتىقادى ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىپايان شورلۇق يەردە يىلتىز تارتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، قۇملۇق، چۆللۈك بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن «گىياھسىز، سۇسىز، ھەتتا قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتمەيدىغان» يەردىن بۇلدۇقلاپ تۇرغان نېفىتنى تارتىپ چىقاردى. بۇ خىل شەرەپلىك ئەنئەنە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، ئۇنىڭ ۋاقتى مەڭگۈ ئۆتمەيدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قارامايلىقلار ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، توختىماي داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى:

قاراماي مۇزېيى قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى جۇڭغار يولى 22 - نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، 1983 - يىلى قۇرۇلۇپ ئېچىلغان، ئەسلىي نامى «قاراماي كان تارىخى كۆرگەزمىخانىسى»، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بازىسى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى كارخانا روھى تەربىيەسى بازىسى. مۇزېي ئىچىدىكى كۆرگەزمە مەزمۇنى ئاساسلىقى ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، قاراماينىڭ تارىختىن ئىلگىرىكىدىن 21 - ئەسىرگىچە بولغان ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلاردىكى تەرەققىيات مۇساپىسى نامايان قىلىنغان ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملار ئىچىدە، دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى 34 يۈرۈش، 155 پارچە، دۆلەتنىڭ 2 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى 10 پارچە، دۆلەتنىڭ 3 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى 39 پارچە. ھويلىدا يەنە قاراماي نېفىتلىكىنى ئېچىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىشلىتىلگەن قۇدۇق جازىلىرى، نېفىت تارتىش ماشىنىسى، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە تىراكتور قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇملار ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى − مايبۇلاق گەمىسى كۆرگەزمىگە قويۇلغان. قاراماي مۇزېيى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئېچىۋېتىش ۋاقتى ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.