تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شارائىت شۇنچە جاپالىق بولسىمۇ، ئېتىقاد شۇنچە مۇستەھكەم

101 گەمە يادىكارلىق ئورنى:

شارائىت شۇنچە جاپالىق بولسىمۇ، ئېتىقاد شۇنچە مۇستەھكەم

قىزىل بازىلارغا زىيارەت (20)

101 گەمە يادىكارلىق ئورنى. □ نيې مېڭتىڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر نيې مېڭتىڭ

«دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى.» 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مۇخبىر قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىردى، ماۋ زېدۇڭنىڭ غايەت زور سۈرىتى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. سۈرەتنىڭ ئىككى تەرىپىگە ماۋ زېدۇڭنىڭ داڭلىق ئەسىرى «يىچىنئې · لوۋشەن ئۆتكىلى»دىكى مۇشۇ مىسرالار يېزىلغانىدى.

101 گەمە يادىكارلىق ئورنى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ھويلىسىدا، قىزىل كاھىش ياتقۇزۇلغان يول، مىس ھەيكەل ۋە نۇرغۇن بوران - چاپقۇننى باشتىن ئۆتكۈزگەن قاتار - قاتار گەمىلەر بار بولۇپ، جىمجىت ھالدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

گەمە − يادىكارلىق ئورنىنىڭ ئىمارەت ئاساسىي گەۋدىسى، شۇنداقلا ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ئاساسلىق قىسىم. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم گەمىلەر يېڭىلىنىپ، زامانىۋى كۆرگەزمىخانا شەكلىدە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ جاپاغا چىداپ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان خىزمەت ۋە تۇرمۇش مەنزىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق نامايان قىلىپ بەردى؛ يەنە بىر قىسىم گەمىلەرنىڭ ئۆز ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، كېسەك تاملارنى شامال يالاپ، خۇددى ئۇنىڭغا تارىخ ئويۇلغاندەك ئىدى.

«مەن <3 - ئەۋلاد نېفىتچى>.» فېڭ شۆ 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى، ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسى نېفىتچى بولغاچقا، گەمە ئىچىدىكى ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئۇنىڭ ئالاھىدە مېھىر - مۇھەببىتى بار ئىدى.

گەمىدىن ھاسىل قىلىنغان كۆرگەزمىخانىغا كىرگەندە، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇيۇمىنىڭ ھەممىسى قاراماي نېفىتچىلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخىنى بايان قىلىپ تۇراتتى، شۇنداقلا كىشىلەرگە: «بىر تېمىم نېفىت بىر جانلىق تارىختۇر» دېگەننى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

1956 - يىلى، جەرەنبۇلاق رايونىدىكى تۇنجى نېفىت قۇدۇقى − 65 - نومۇرلۇق قۇدۇقتىن نېفىت چىقتى؛ 1960 - يىلى، نېفىت ئايرىش 2 - زاۋۇتى نېفىت چىققانلىق سەۋەبلىك بارلىققا كەلدى؛ 1978 - يىلى، نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون توننىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەينى چاغدا مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ نېفىت ئېلىش زاۋۇتى قاتارىغا كىردى؛ 1987 - يىلى، نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 2 مىليون 660 مىڭ توننىغا يەتتى؛ 2020 - يىلى، نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 100 مىليون توننىدىن ئاشتى.

101 گەمە دەل مۇشۇنداق مۇساپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇرۇلغان. 101 گەمە 1964 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا نېفىت رايونىدىكى 300دىن كۆپرەك ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش بازىسىغا ئايلانغان. 1972 - يىلىغا كەلگەندە نېفىت ئېلىش ئەترىتى ئاندىن گەمىدىن نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ يېڭى خىزمەت ۋە تۇرمۇش بازىسىغا كۆچۈپ كەلگەن.

فېڭ شۆ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ بوۋام، موماملار باشتىن كەچۈرگەن يىللار بولۇپ، مەن ئۇلاردىن ئاڭلىغان. بۈگۈنكى كۈندە مەن كۆرگەزمىخانىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ شۇنچە جاپالىق بولسىمۇ، ئېتىقادىنىڭ يەنىلا شۇنچە مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاندىن ھەقىقىي ھېس قىلدىم!»

فېڭ شۆ مۇنداق دېدى: گەمە يادىكارلىق ئورنىنىڭ ھەربىر جايىدىكى كۆرۈنۈش مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ماڭا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ زور سالماققا ئىگە تارىختىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بەھرىلەندۈرۈپ، بىرلىكتە بۈگۈنكى بۇ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

فېڭ شۆ كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىغا چاپلانغان ھەربىر رەڭسىز سۈرەتنى كۆرسىتىپ، سۈرەتلەردە خاتىرىلەنگەن ھېكايىلەرنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى −

«ۋەتەن ئېھتىياجلىق جايغا بارىمىز»دا ئىرادىلىك ياشلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جاي - جايلاردىن قارامايغا كېلىپ، قاراماي نېفىتلىكىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى.

«قىزىل بايراق جەۋلان قىلغان جايدا ئۈمىد بار»دا گەرچە ئەينى چاغدا شارائىت جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش يەنىلا نېفىتلىكتە كەم بولمايدىغان مۇراسىم ئىدى. چۆل - باياۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى يېڭى جۇڭگونىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«قىزغىنلىقىمىز بىلەن قار - مۇزلارنى ئېرىتەيلى»دە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تۆمۈر ئادەم روھى بويىچە ناچار شارائىتتا مۆجىزە ياراتقانلىقىدەك قەھرىمانلىق ئۇلۇغ ئىشى خاتىرىلەنگەن.

...

ھەربىر پارچە رەڭسىز سۈرەتتە قۇملۇق، چېدىر، گەمە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، لېكىن نېفىتچىلارنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم، ئۈمىد ۋە قانائەتچانلىق چىقىپ تۇراتتى. دەل مۇشۇنداق جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىغا تايىنىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىگە تايىنىپ، پۇختا ئىشلەش قىزغىنلىقىغا تايىنىپ، ئۇلار يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

گەمە يادىكارلىق ئورنىنىڭ ھويلا تېمىدا «نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» دېگەن قىزىل رەڭلىك چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. گەمە ئىچىدە بولسا بۇ جۈملە سۆز ئەڭ ھەقىقىي گەۋدىلەنگەن − ھەربىر گەمىنىڭ تېمىغا ماۋ زېدۇڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان؛ ھەربىر پارچە «ماۋ زېدۇڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» ئەينى چاغدىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ قولدىن چۈشۈرمەيدىغان ئوقۇشلۇقى ئىدى.

«بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە ئاللىبۇرۇن ئادەم تۇرمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گەمىلەر خۇددى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ مۇستەھكەم ئومۇرتقىسىغا ئوخشاش، ئۇنىڭغا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئايلانغان. ئۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتچىلارنى ئىرادىسىدىن يانماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ» دېدى فېڭ شۆ.

□ ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

101 گەمە 1964 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ غەربىدىن 3.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. نۆۋەتتە، 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى شىنجاڭ نېفىت شىركىتى بىرقەدەر ياخشى ساقلاپ قالغان نېفىت سانائىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىرى، قۇرۇلۇش كۆلىمى 8886 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 298 بۇيۇم ساقلانغان. 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى قاراماي نېفىتلىكىنى ئېچىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلغان، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان روھىي قىياپىتىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، 101 گەمە يادىكارلىق ئورنى نېفىت سانائىتى تېما قىلىنغان ئەسلىي جايدىكى خاتىرە سارىيىغا ئايلاندى، شۇنداقلا جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا روھى تەربىيە بازىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.