تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2021 - يىللىق پارتىيە گۇرۇپپىسى(پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2021 - يىللىق پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى مەركەزنى چۆرىدەش، قوشۇن قۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش يادرولۇق ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ ئاساسنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى تۇتۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ئىستىل ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ تۇتۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئاساس قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئورگان قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش، تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىشقا سىجىل كۈچەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئون ئورۇننىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرى يىغىندا خىزمىتىدىن دوكلات بەردى ھەم نەق مەيداندا باھالاشنى قوبۇل قىلدى. باشقا تارماق، ئورۇنلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرى خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.