سىكاننېرلاپ چوڭ ئىشلار خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نى تۈزدى. «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 100 مىڭ خەت. خەلق نەشرىياتى يېقىندا كىتابچىسىنى نەشر قىلىدۇ.
«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»دە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى، يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مىسلىسىز جاپالىق ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان شانلىق مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنغان؛ 100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ يولنى ئېچىپ، ئۇلۇغ تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىغانلىقى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دىپلوماتىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق نامايان قىلىنغان.
«چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تەھرىرلىنىپ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى جەريانىدا قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق!