تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچقۇندىن يانغىن چىقتى شامالدا خۇڭخۇ دولقۇنلىدى

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى:

ئۇچقۇندىن يانغىن چىقتى شامالدا خۇڭخۇ دولقۇنلىدى

قىزىل بازىلارغا زىيارەت (14)

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

شىنجاڭ داشۆنىڭ ئەسلىسى 1924 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ رۇس تىلى قانۇن ۋە سىياسەت مەخسۇس مەكتىپى بولۇپ، 1935 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ شۆيۈەنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 100 يىلغا يېقىن بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى شىنجاڭ داشۆ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇلۇشىدىكى 42 ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى، ھازىر ئۈچ مەكتەپ رايونى بار، ھەرقايسى تۈرلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 35 مىڭدىن ئاشىدۇ.

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى شىنجاڭ داشۆ ئاساسىي مەكتەپ رايونىغا جايلاشقان، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپنىڭ «ئازادلىق بىناسى»نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سېلىنغان. «ئازادلىق بىناسى» 1952 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، 70 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە، بۇ يەردە شىنجاڭ داشۆنىڭ بىر تۈركۈم قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللىرى ساقلانغان ۋە كۆرگەزمىگە قويۇلغان. سارايدىكى مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن قويۇق تارىخىي تۇيغۇ، قايناق ھېسسىياتقا تولغان قىزىل مەدەنىيەت كەيپىياتى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

تارىخقا نەزەر سالساق، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يۈ شيۇسۇڭ، لىن جىلۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار ۋە ئەدىب ماۋ دۇن، پەيلاسوپ جاڭ جۇڭشى، سەنئەتكار جاۋ دەن قاتارلىق بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر زاتلار مەكتەپكە كېلىپ دەرس ئۆتۈپ، «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن» قىلغان ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قوزغىغان، مەكتەپ «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىدىكى 2 - ھەربىي سىياسىي داشۆ» دەپ تەرىپلەنگەن.

مەكتەپ تارىخى سارىيىغا كىرگەندە، ئۇدۇلدىلا يۈ شيۇسۇڭ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ قاپارتما مىس ھەيكىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ داشۆ ئارخىپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا باشلىقى يۈ فۇئېن مۇنداق تونۇشتۇردى: ماركسىزملىق نەزەرىيە ئىختىساسلىقلىرىنى سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، يۈ شيۇسۇڭ ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسىنى زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، سىياسىي ئىقتىساد، يېڭى پەلسەپە ۋە پەلسەپە تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆزى ئۆتۈپ، تۈركۈم - تۈركۈم ياش ماركسىزم - لېنىنىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

مەكتەپ تارىخى سارىيى «ئالتۇندەك يىللار» «قىزىل ۋارىسلار» «بازىنى چىڭ ساقلاش» «قەتئىي ئىرادە - جاپالىق ئەمگەك» «جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» «شىنجاڭ داشۆگە مۇھەببەت» باش تېمىسىدىكى ئالتە كۆرگەزمە زالىغا ئايرىلغان. مەكتەپ تارىخى سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىدە يەنە مەخسۇس جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى تەسىس قىلىنغان.

مەكتەپ تارىخى سارىيىدا 69 نەپەر ياش ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بار، ئۇلار ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە چۈشەندۈرۈش جەريانىدا غايە، ئېتىقاد، كۈرەش قىلىشقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

يۈ فۇئېننىڭ قانچىلىك ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالغانلىقى ئېسىدە يوق، لېكىن ھەربىر جۈپ كۆزدە ئەكس ئەتكەن نۇر ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە. «ئۇ قايىللىق، ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە سېغىنىش نۇرىدۇر.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭغا ماركسىزمنى ئېلىپ كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرماقتا.

«بۇ تارىخ خاتىرىلەنگەن ۋە نامايان قىلىنغان كۆرگەزمە سارىيى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى غايە نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان قىزىل بايلىق ئامبىرىدۇر.» ياش چۈشەندۈرگۈچى مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ھېكايىلىرى ياش كوممۇنىستلار ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى قىزىل قان تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا ۋە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

چۈشەندۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تاراتقۇ شۆيۈەنى 2 - يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەي شياۋلۇ مۇنداق دېدى: داشۆدە پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرىش مەن ئەڭ پەخىرلىنىدىغان، ئەڭ شەرەپلىك ئىش. «چۈشەندۈرۈش جەريانىدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مەنىۋى مەنزىلىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، قىزىل گېندىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلالايمىز».

2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كۆرگەزمىخانا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلاب ئەنئەنىسى تەربىيەسى بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭ ئالدىن كېلىشىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىنى قوبۇل قىلغان، جەمئىي 17 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالغان.

ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيى ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولىدىكى شىنجاڭ داشۆ ئاساسىي مەكتەپ رايونى قورۇسىغا جايلاشقان، كۆرگەزمىخانىدا شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۇزاق تارىخى، تەرەققىيات ئۆزگىرىشى نامايان قىلىنغان، 2017 - يىلى 12 - ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى دەپ نام بېرىلگەن. مەكتەپ تارىخى سارىيىغا چۈشەندۈرۈش ئاپپاراتى، تەكشى ئېكرانلىق تېلېۋىزور، ئاپتوماتىك ئىزدەش ئاپپاراتى قاتارلىق كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى شىنجاڭ داشۆنىڭ تارىخىنى كۆپ نۇقتا، كۆپ يول ئارقىلىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېچىۋېتىش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30دىن 13:30غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 19:30غىچە، ئېكسكۇرسىيەچىلەر شىنجاڭ داشۆ باشقۇرۇشىدىكى تور بېكىتى ئارقىلىق ئىككى كۈن بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.