تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخىي شان - شەرەپنى ئەستە چىڭ ساقلاش

قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونى:

تارىخىي شان - شەرەپنى ئەستە چىڭ ساقلاش

قىزىل بازىلارغا زىيارەت (19)

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونى نېفىت خاتىرە مەيدانىدا تارتىلغان چوڭ نېفىت كۆپۈكى ھەيكىلى مەنزىرىسى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر نى لۇ

قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى بىر ماددىي ئابىدە، بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان نېفىت.

قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى تېخىمۇ مۇھىمى روھ ئابىدىسى، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ۋاقىتنى 66 يىل ئىلگىرىكى 1955 - يىلىغا قايتۇرساق، نېفىت گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى قارامايدىكى قاراماي تېغى ئەتراپىغا بېرىپ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم شۇ يىلى 3 - ئايدا بۇ قۇدۇقنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ بېكىتكەن. ئۇ قارامايدىكى نېفىت بار رايوندىكى تۇنجى قۇدۇق بولغاچقا، «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى» دەپ نام بېرىلگەن ھەم 7 - ئايدا رەسمىي بۇرغىلاش باشلانغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، بۇرغىلاش ماشىنىسىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى چۆللۈكتىكى ئۇزاقتىن بۇيانقى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىغان.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقى»نىڭ ئوڭۇشلۇق بۇرغىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سانائەت نېفىتى يەر يۈزىدىن ئېتىلىپ چىققان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئوت - چۆپ يوق، سۇ يوق، ھەتتا قۇشلارمۇ ئۇچمايدىغان» بۇ چۆل - جەزىرىدە يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكى بارلىققا كەلگەن.

دۇنياغا كۆز ئاچقان چوڭ نېفىتلىك ئىرادىلىك ياشلارنى تەرەپ - تەرەپتىن قاراماي تېغىغا كېلىشكە جەلپ قىلغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر نېفىت نامى بىلەن ئاتالغان شەھەر − قاراماي شەھىرى دۇنياغا كەلگەن.

2015 - يىلى قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بايقالغىنىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، شۇ جاي «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق» يادىكارلىق ئورنىدا ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇنى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. مەنزىرە رايونىدا «چوڭ نېفىت كۆپۈكى» باش تېما قىلىنغان ھەيكەللەر توپى بىلەن «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق» يادىكارلىق ئورنى ئەپچىللىك بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، قاراماينىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى كۈرەش مۇساپىسىنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى.

«بىز قارامايدىكى قاراماي تېغى نېفىت كۆلچىكىدىكى نېفىت كۆپۈكى چىققان كۆرۈنۈشتىن ئىلھام ئالدۇق، شۇڭا لايىھەلىگەندە قاراماي تېغى نېفىت كۆپۈكى بىلەن <قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق>ىنى بىرلەشتۈردۇق، ئۇنىڭدا نېفىت ئېتىلىپ چىققان چاغدىكى بىر خىل كۈچ قايتا نامايان قىلىندى، بۇ، نېفىتچىلارنىڭ <شارائىت بولسىمۇ ئىشلەش، شارائىت بولمىسىمۇ شارائىت يارىتىپ تۇرۇپ ئىشلەش>تەك قورقماس روھىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى شىنجاڭلىق لايىھەلىگۈچى ياڭ شۈ لايىھە ئىلھامى تىلغا ئېلىنغاندا.

بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىدۇ، قۇياش غەربكە پاتقاندا، كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان «چوڭ نېفىت كۆپۈكى» قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرىپ، ئېگىز بىنالار، يوللار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسىدە قىزغۇچ سېرىق رەڭ ئەكس ئېتىپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

قاراماي نېفىت ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، نېفىت ئارقىلىق گۈللەنگەن، شۇنداقلا نېفىت ئارقىلىق داڭ چىقارغان شەھەر، ئۇنىڭ ئاجايىپ ھېكايىسى «قاراماي ناخشىسى»غا ئەگىشىپ، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئېيتىلدى.

باش تېمىلىق ھەيكەلنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چۆكمە شەكىللىك مەيداندا ئۇزۇنلۇقى 360 مېتىر كېلىدىغان مەدەنىيەت تېمى بار. ئۇ خۇددى بىر جانلىق يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى قاراماي نېفىتلىكى بىلەن شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىدى، شۇنداقلا بۇ شەھەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ھېسسىياتى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى.

«مەدەنىيەت تېمىنى لايىھەلەش داۋامىدا، بىز تارىخىي تۇيغۇ بىلەن زامانىۋى ئالاھىدىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەپ گەۋدىلەندۈرۈپ، نېفىتلىكنى چارلاش، ئېچىشنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شەھەرنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلدۇق» دېدى ياڭ شۈ.

قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ۋاڭ ۋېنخۇي «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق»نىڭ بۇ شەھەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى كەمچىل، تېخنىكا كۈچى ئاجىز شارائىتتا، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىت ئىشچىلىرى قەتئىي بوشاشماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بۇرغىلاپ چارلاش ئارقىلىق <1 - نومۇرلۇق قۇدۇق>نى قېزىپ چىققان. ھەقىقەتەن قالتىس!»

نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان شەھەر ئاھالىسى جاڭ جۆنىڭ ئۆيى قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونىغا يېقىن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ نېفىت قۇدۇقى بولمىسا، قاراماي بولمايتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، <قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق>ى قاراماي نېفىتلىكى ۋە بۇ شەھەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭدا قاراماينىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قارامايدىكى نەچچە ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان».

60 نەچچە يىلدىن بۇيان، قارامايلىقلار «ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دېگەننى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نېفىت تەرەققىيات داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق بۇ شەھەردىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت بولۇپلا قالماي، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىلىدىغان ئورۇن، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى ۋە مەملىكەت بويىچە قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

□ ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى

قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونى قاراماي شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، داڭلىق دۇنيا گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرىسى بولغان قاراماي تېغى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. 2015 - يىلى قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بايقالغىنىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، شۇ جاي «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق» يادىكارلىق ئورنىدا قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونىنى قۇرۇپ، ئۇنى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇردى. مەنزىرە رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 65 مىڭ 690 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، قۇرۇلۇش كۆلىمى 3990 كىۋادرات مېتىر، باغ - ئورمان مەنزىرە كۆلىمى 61 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

مەنزىرە رايونىدا، «چوڭ نېفىت كۆپۈكى» ھەيكەللەر توپى بىلەن «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق» يادىكارلىق ئورنى، ئۆلچەش پونكىتى، يەر يۈزىدىكى ماي دولقۇنى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان. ھەيكەل توپىنىڭ يېنىدىكى چۆكمە خاتىرە مەيدانى ئويما ھەيكەل تېمى، ئويۇن قويۇش مەيدانى رايونىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مېتالدىن قۇيۇلغان «1955.10.29» دېگەن خەتلەر «قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق»نىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.