− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى»، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەمىزنىڭ 3 - تارىخىي قارارى پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا بولغان يېڭى تونۇشىمىزنى نامايان قىلدى، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزگە پايدىلىق».
پارتىيەمىز 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيە تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەرسلىك. پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇش، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ھەمىشە پارتىيەمىزگە نىسبەتەن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلار، قىزىل كونا ئورۇنلار، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە مەيدان - سورۇنلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئاساسلىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسىي جەھەتتىن باردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنىدىن پارتىيەنىڭ ھەرقايسى مۇھىم ئىنقىلابىي تايانچ بازىلىرىغىچە، يەر ئىنقىلابى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشى خاتىرە ئورۇنلىرىدىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم خاتىرە مەيدان - سورۇنلىرى قاتارلىقلارغىچە، ھەربىر جايغا بېرىپ، ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ياد ئەتكىنىمدە، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتكىنىمدە، قەلبىم بىر قېتىم لەرزىگە كېلىدۇ، روھىم بىر قېتىم تاۋلىنىدۇ. ھەر قېتىم ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن كېلىپ، نۇرغۇن تەسىرات بىلەن قايتىمەن.» تارىخ بىزنى شۇنداق چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇكى: ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭساقمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تارىخىي مۇساپىگە بولغان تونۇش قانچە ئەتراپلىق بولغانسېرى، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەش قانچە چوڭقۇر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ تارىخىي ئەقىل - پاراسىتى شۇنچە مول بولىدۇ، ئىستىقبالنى ئىگىلەشتە شۇنچە تەشەببۇسكار بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشى تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيەگە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىشقا، روھىي جەھەتتە چېنىقىشقا ئىگە بولدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، تارىخىي ئىشەنچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، بىزنىڭ داۋاملىق ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش - تاپشۇرالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچنىڭ بار - يوقلۇقىدا. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ ئىناق - ئېجىللىقى ئۈچۈن تىرىشتى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئىشەنچكە ئىگە بولۇشتىكى ئەڭ زور ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگودا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى. تارىخنى بىلىش تارىخىي ئىشەنچنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تۇرغۇزۇپ، توغرا تارىخنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە بارلىق خەلقنى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى مۇستەھكەملەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا پۈتۈن پارتىيە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ، 6 - ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم - مېخانىزمنى ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز، كېڭەيتىشىمىز كېرەك.» پۈتۈن پارتىيە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى شانلىق مۇساپىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى چىڭ ساقلاش يولىدا قىلغان قەتئىي كۈرىشىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي ئەھمىيەت ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تۈزۈمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدىن ئىبارەت بۇ يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە شەكىللەنگەن ياخشى مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو يولىدا ياخشى مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارماقتا، ۋەزىيەت، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش تېز، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆپ، پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن سىناق زور بولۇش مىسلىسىز. بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى مەنزىلگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باشتىن - ئاخىر قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇغا يۈز كېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىسەك، بىز چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)