تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە پۈتۈن تاراتقۇ ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە مۇنداق تەكىتلىدى​

قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە پۈتۈن تاراتقۇ ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

​جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى

تەبرىك خېتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

90 يىلدىن بۇيان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر روھىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، سىرتقا تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە پۈتۈن تاراتقۇ ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

22 - قېتىملىق جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللايمەن!

شى جىنپىڭ

2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم 22 - قېتىملىق جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 90 يىلدىن بۇيان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر روھىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، سىرتقا تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە پۈتۈن تاراتقۇ ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيونلار ئاگېنتلىق باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، خىسلىتىنى چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى چىن قەلب بىلەن سىزىپ، دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى كۈچەپ ياڭرىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇلى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ياش مۇخبىرلار، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

1931 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاساسى بولغان قىزىل جۇڭخۇا ئاگېنتلىقى رۈيجىندا قۇرۇلغان بولۇپ، 1937 - يىلى 1 - ئايدا يەنئەندە نامى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 90 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ھازىر دۆلەت ئىچى - سىرتىدا 200دىن ئارتۇق تارماق ئاپپاراتى بار بولۇپ، 15 خىل تىلدا پۈتۈن دۇنيادىكى 8000 ئابۇنىچى ئورۇننى ئاخبارات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى قاپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.