تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«1- ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن​

«1- ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ

​شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «1- ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۈرەتتە: «1 - ئىيۇل ئوردېنى». □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى تارقىتىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

«1 - ئىيۇل ئوردېنى» پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ بولۇپ، ئاددىي، سالماق بولۇش ئاساسىي لايىھەلەش ئىدىيەسى قىلىنغان، قىزىل رەڭ، ئالتۇن رەڭ، ئاق رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنىپ، سوغۇق پىرېسلاپ شەكىلگە كەلتۈرۈش، گۈللۈك يىپەكنى تەگلىك قىلىش، رەڭلىك يىپەكتە كىمخاب توقۇش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت قوللىنىلىپ ياسالغان. ئوردېنغا پارتىيە گېربى، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، بايراق، ئابىدە ۋە نۇر، ئاپتاپپەرەس، تاغ - دەريا، قۇت بۇلۇتى قاتارلىق ئامىللار كىرگۈزۈلگەن. دۆلەت شەرەپ ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالىنىڭ مېتال زەنجىرىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا توقۇلما ئوردېن لېنتىسى ئىشلىتىلگەن، ئاپتاپپەرەس، نۇر، يۇلتۇز نۇرى قاتارلىق ئامىللار قوللىنىلغان. بۇ، ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە ئەگىشىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.