تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاقىللار ئامبىرى بەرپا قىلىپ، تەتقىقات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتى 7 - قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئاچتى

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاقىللار ئامبىرى بەرپا قىلىپ، تەتقىقات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، پىراكتىكانت لى جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 7 - قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا 6 - نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خۇلاسىلەندى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 7 - نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلاندى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتى بىلەن تەمىنلەش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئورۇنلۇق بولغان، قىممىتى بار، سالمىقى بار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.