تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

​لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

■پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

■بۇ يىل پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئونىنچى يىل بولۇپ، كۆپ يىل جاپاغا چىداپ تاۋلاندۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان چەكلەپ بولۇنمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى چەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن جاھىل كېسەللىكنى تۈگىتىپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا تايىنىپ تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىنى تېپىپ چىقتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر ھاسىل قىلدى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئونىنچى يىل بولۇپ، كۆپ يىل جاپاغا چىداپ تاۋلاندۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان چەكلەپ بولۇنمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى چەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن جاھىل كېسەللىكنى تۈگىتىپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا تايىنىپ تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىنى تېپىپ چىقتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر ھاسىل قىلدى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە سىرتقى جەھەتتە خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ، ئىچكى جەھەتتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا تايىنىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە گۈللەپ ياشنىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بولۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ تۈپ سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى پارتىيەنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورالىنى تاۋلاش كېرەك؛ جەزمەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى بېيىتىش كېرەك؛ جەزمەن زور كۈچ بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ جەزمەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك؛ جەزمەن ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت تۈزۈم، قائىدە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزدۇق. بۇ دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىمىزدىن ئىبارەت.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھەقىقىي يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇشنى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشۇپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى ھەقىقىي تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېرىم - يارتا، يۈزەكى ئىش قىلماي، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىك، قورۇقچىلىقنى تۈزىتىپ، ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئۈچۈن كىچىك چوت سوقماسلىق، بىلەرمەنلىك قىلماسلىق، ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، چىرىكلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىش يەنىلا كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ھەم بەزى يېڭى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولۇۋاتىدۇ، رەڭگارەڭ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ گۇرۇھ بولۇپ ئۇيۇشۇۋېلىشى، «قورشاپ ئوۋلاپ» چىرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، چىرىكلىك ۋاسىتىسىنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىشىگە، يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، چىرىكلىك پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش، تىنچ - ئاسايىشلىق ۋەزىيەت يارىتىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، سىستېمىلىق چىرىكلىكنى تازىلاش، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىز كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ چېلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت مەۋجۇت بولىدىكەن، چىرىكلىك ھادىسىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىزمۇ توختاپ قالمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، روھ يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىشنى توسۇپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چوقۇم ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، جورىسى، پەرزەنتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قائىدە - يوسۇنلۇق ئادەم بولۇشى، پاكىز ئىش قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بويىچە توسمىنى مۇستەھكەملەپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. رەھبىرىي كادىرلاردىن، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ياسالمىلىق قىلىش، سۆلەتۋازلىق قىلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنى توسۇش كېرەك. كادىرلارنى باھالاش، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى ئىلمىي باھالاپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنى بېيىتىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىغا ھەربىر كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق، ئىشەنچلىك كادىرى بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھوقۇققا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىنتىزام، قانۇن، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشتىكى «تۇنجى تۈگمە»نى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ياش كادىرلار چوقۇم سەگەك تونۇشقا ئىگە بولۇشى، دائىم پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، بەزى ئىشلارنى قىلىش كېرەكمۇ - ئەمەسمۇ، قىلىشقا بولامدۇ - بولمامدۇ دېگەننى ئېنىق تونۇپ، چىرىكلىكنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى ساقلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەتچىلىككە مەخسۇس مەسئۇل ئورگان بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن باشقا تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامى كەيپىياتىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدە شەكىللەنگەن قىممەتلىك تەجرىبە ۋە ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرانى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنى جەزمەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام بىلەن ئۆزىگە تەلەپ قويۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىدىيەۋى ئىستىل، ئىقتىدار ساپاسىنى چېنىقتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكنى مەۋقە قىلغان ھالدا ئىش قىلىپ، قەيسەر ھەم ھەققانىي بولۇپ، ئىنتىزامنى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ھوقۇقنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىچى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى چوڭقۇر بايان قىلىندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي مىزانى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ - ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.