تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑯

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (16)

1964 - يىلى

2 - ئايدا  مەركەز «سانائەتتە داچىڭدىن ئۆگىنىش» چاقىرىقىنى چىقاردى، شىنجاڭدا «سانائەتتە داچىڭدىن ئۆگىنىش» ھەرىكىتى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى.

5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ مەكىت ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى ياخشى قۇرۇپ، «بەش ياخشى» (ياخشى سالا ئېتىز، ياخشى ئۆستەڭ، ياخشى يول، ياخشى ئورمان بەلبېغى، ياخشى ئاھالىلەر نۇقتىسى) قاتارلىق تەلەپلەرگە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا قۇرۇلۇشىدا «بەشتە ياخشى» بولۇش كۆرسەتكۈچىنى چۈشۈردى.

7 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوندا 1 -، 2 -، 3 - سەپنى ئايرىشنى تەتقىق قىلىپ، ئۈچ سەپ قۇرۇلۇشى، تىيانشان تاغلىق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي زاۋۇت قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى  دۆلىتىمىز شىنجاڭ لوپنۇر رايونىدا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتتى.

12 - ئايدا  مەركەز «يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىش» چاقىرىقىنى چىقاردى، شىنجاڭدا «يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىش» ھەرىكىتى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلدى.

1965 - يىلى

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى  زۇڭلى جوۋ ئېنلەي بىلەن مۇئاۋىن زۇڭلى چېن يى ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى (مىسىر)دىكى دوستانە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىخەنزە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا يېزا، زاۋۇت، مەكتەپ، ئورگان قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى.

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى  «شىنجاڭ گېزىتى»دە مۇنداق خەۋەر بېرىلدى: شىنجاڭدا ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق ئون نەچچە قېرىنداش مىللەتلەردىن 106 مىڭدىن ئارتۇق كادىر بار بولۇپ، 1955 - يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان ۋاقىتتىكىدىن 1.5 ھەسسە كۆپىيىپ، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن 34.5 ھەسسە كۆپەيدى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لۇڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كېلىپ تەبرىكلىدى.

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ 3 - بەش يىللىق پىلانى (لايىھەسى)»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى.

12 - ئايدا  ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشەش غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشقا بۇرۇلدى.

شۇ يىلى  بازار تەمىناتى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى خېلى ياخشىلاندى.

1966 - يىلى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى يولداش جياۋ يۈلۇدىن ئۆگىنىشكە تەشىكللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى يولداش جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جان - دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بىرىنچى سەپكە مەخسۇس بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىشتەك ياخشى ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

2 - ئايدا  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش شىسى تەسىس قىلىپ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. زۇڭلى جوۋ ئېنلەي مۇنداق يوليورۇق بەردى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە ئىشتاتلىق بىر تۇەن تەشكىللەپ، شىزاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، شىزاڭدا دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى  ليۇ شاۋچى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئوتلاقلارنى ياخشى قوغداش كېرەك، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدۇ، ئىستىقبالى بار؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇزاق مەزگىللىك تەسەۋۋۇر بولۇشى، سانائەتتە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان بولۇشى كېرەك.

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «پىرولېتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

5 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ يىراق مەزگىللىك يىرىك پىلانى (1980 - 1965)» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى  لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.