تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكەت يېڭى مەنزىل ئاچتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى:

ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكەت يېڭى مەنزىل ئاچتى

قىزىل ئىزنالار (19)

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلىمەكتە. □ماتېرىيال سۈرەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

«دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز!» − 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىدىكى بىر قۇر چوڭ خەت، ئارقىمۇئارقا قويۇلغان، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىككى ئۈندەش بەلگىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىش، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. 1955 - يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، بۇ ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكەت شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى ئىناق، مۇقىم بولۇشى، گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سېلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغانلىقىدەك شان - شەرىپى ۋە شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى.

ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىگەن قەدەم

«قورغاس ناھىيەسى تەزكىرىسى»دە، بىر پارچە تارىخىي سۈرەت كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ − چوڭ يولدا قالدۇق قار - مۇزلار بولۇپ، پاختىلىق كىيىم كىيىۋالغان كىشىلەر قىزىل بايراقلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داقا - دۇمباق چېلىۋاتقان كۆرۈنۈش ئىنتايىن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. بۇ، 1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناھىيەسىنىڭ يىچىگاشەن شىبە ئاپتونوم رايونى(يېزىسى) قۇرۇلغان چاغدىكى مەنزىرە ئىدى.

1953 - يىلى، شىنجاڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قورغاس ناھىيەسىدىكى شىبە مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يىچىگاشەننى تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىپ، يىچىگاشەن شىبە ئاپتونوم رايونى(يېزىسى)نى قۇرغان. ۋاقىتنىڭ ئاستا - ئاستا ئۆتۈشى بىلەن، 2014 - يىلى يىچىگاشەن شىبە يېزىسى قورغاس شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، لېكىن بۇ شانلىق تارىخ ھېلىھەم كىشىلەرنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باسقان پۇختا قەدىمى خاتىرىلەنگەن.

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى»دا: «ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نوپۇسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە رايونلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر خىل مىللىي ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى قۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

1952 - يىلى 9 - ئايدا، شىنجاڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئىشلىگەن.

«تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى» پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، شىبەچە، رۇسچە قاتارلىق كۆپ خىل مىللەت يېزىقىدا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ باستۇرغان؛ كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىن مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالغان؛ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، 1953 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا «شىنجاڭنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش پىلانى(لايىھە)»سىنى يوللىغان. 1954 - يىلى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىغا جاۋاب تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، بۇ لايىھەگە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى، مۇرەككەپلىكىگە قارىتا، شىنجاڭدا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەن، مۇھىم نۇقتىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تەييارلىق خىزمىتىنى تولۇق ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى تەكىتلەش كېرەك؛ جەزمەن «ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك...

پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى بىلىدىغان، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى سىياسىتىنى ئىگىلىگەن بىر تۈركۈم ھەر مىللەت كادىرلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى 1953 - يىلى 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىدە مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى بويىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان خىزمەتتىكى كادىرلار ھەم ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زاتلار قاتارلىقلاردىن بولۇپ 296 كىشى تەربىيەلىنىپ، شىنجاڭدا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى تايانچقا ئايلانغان.

1953 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان. 1954 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، يەكەن ناھىيەسى زەرەپشات تاجىك ئاپتونوم رايونى قاتارلىق رايون، يېزا دەرىجىلىك 16 مىللىي رايون ئاپتونومىيەلىك جاي كەينى - كەينىدىن قۇرۇلغان؛ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە دەرىجىلىك ئالتە مىللىي رايون ئاپتونومىيەلىك جاي قۇرۇلغان؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋالىي مەھكىمىسى دەرىجىلىك تۆت مىللىي رايون ئاپتونومىيەلىك جاي قۇرۇلغان. مەمۇرىي مەھكىمە دەرىجىلىك ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 1954 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قۇرۇلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلەش

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن ئېلسۆيەر بۇرھاننىڭ قىزى. بىر كۆرۈنۈش ئۇنىڭ خاتىرىسىدە باشتىن - ئاخىر ئېنىق ساقلىنىپ كەلمەكتە: 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئېلسۆيەر ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاممىۋى نامايىش قوشۇنى ئارىسىدا كېتىۋاتقانىدى، ھەممە يەردە داقا - دۇمباق ئاۋازى، ناخشا - ئۇسسۇل ساداسى ياڭراپ تۇراتتى، خۇشال كەيپىيات يۇقىرى پەللىگە يەتكەنىدى. ئاشۇ كۈنى دادىسى رەئىس سەھنىسىدە تۇرغانىدى. قوشۇندىكى ئېلسۆيەر دادىسى بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولغانىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى پارتىيەنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش.

مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەييارلىق خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ئىدى. 1955 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ، گېزىت - ژۇرنال، رادىيو قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لا دىشېڭ مۇنداق دېدى: تەشۋىق - تەربىيە ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەرقايسى قاتلامدىكى خەلق مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى.

ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشتا، نام بىر مۇھىم مەسىلە ئىدى. «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاش ياكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاش توغرىسىدا ئىلگىرى پىكىر تېخى بىرلىككە كەلمىگەنىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى 1955 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭدا مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى نام مەسىلىسى توغرىسىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يوليورۇق سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتاش مۇۋاپىق، دېگەن تەكلىپنى بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەستىقىي جاۋاب بېرىپ، بۇ پىكىرگە قوشۇلدى ھەم چوقۇم خەنزۇ كادىرلار ئارىسىدىكى چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيەسىنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدىكى چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسى خاھىشىنى تۈگىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

تەشۋىق - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەييارلىق خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسى ئەسلىي پىلاندىكى بويىچە 1955 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇشنى 10 - ئايدا قۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. 1955 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جوۋ ئېنلەي ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇش، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

1955 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ بىۋۇنى يىغىنغا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. يىغىندا ئالاقىدار قارارلار ماقۇللىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى ھەم سەيپىدىن ئەزىزى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

لا دىشېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ چىقارغان تارىخىي تاللاش. بۇ جەرياندا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە بولغان تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى يەنىمۇ ئۇرغۇدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىشىنىش ۋە ئىتتىپاقلىق يەنىمۇ كۈچەيدى.

جاسارەت بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش

پەنەر چىراغ، كەتمەن، تاش تۇلۇق، ساپان قاتارلىق كونىچە دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئەمەلىي بۇيۇملىرىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئىلگىرىكى جاپا - مۇشەققەتلىرى خاتىرىلەنگەنىدى؛ يېپيېڭى كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەكتەپ، يول قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرىدە بولسا كىشىلەرنىڭ قايناق تۇرمۇشى، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپىتى نامايان قىلىنغانىدى... قورغاس شەھىرىنىڭ يىچىگاشەن شىبە يېزىسى يىچىگاشەن كەنتىنىڭ كەنت تارىخى سارىيىدا، كەنت ئاھالىسى تۇڭ شىنمىن مۇنداق دېدى: «مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى بىز ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئورۇن بەردى، بىزنى ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

يىچىگاشەن شىبە يېزىسى خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 2020 - يىلى پۈتۈن يېزا بويىچە كىشىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يەردە ياشاۋاتقان شىبە، خۇيزۇ، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 20 مىللەت شاد - خۇراملىققا چۆمدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

لا دىشېڭ مۇنداق دېدى: مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈردى. 1955 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بىر سۇڭمۇ تۆمۈريول بولماسلىقتىن گاۋتيې دەۋرىگە قەدەم قويۇشقىچە؛ بېكىنمە، قالاق بولۇش، چەت - ياقىغا جايلىشىشتىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشقىچە؛ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قورسىقى تويماسلىق، كىيىمى پۈتۈن بولماسلىقتىن، خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەشكىچە... تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى: پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى تەڭداشسىز توغرا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى تەڭداشسىز ئەۋزەل.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش بولۇش بىلەن ئاپتونومىيەنى بىرلەشتۈرۈش، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش>تىن ئىبارەت مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىگە ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەرنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ياخشى يولغا قويۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى لا دىشېڭ.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش... مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنىڭ پارلاق يولىدا شىنجاڭ جاسارەت بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.