تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، شىنجاڭنىڭ سانائىتىگە ئاساس سېلىش

قىزىل ئىزنالار (20)

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلىرى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇلۇش ئورنىدا قۇرۇلۇشچىلار قەھرىتان سوغۇققا قارىماي قۇرۇلۇش قىلماقتا. ماتېرىيال سۈرەت

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۈنشيا

«1951 - يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى تۇدۇڭخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇنجى كەتمەننى چېپىپ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى قۇرۇش مۇقەددىمىسىنى داغدۇغىلىق باشلىدى...» 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونىغا جايلاشقان 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى تارىخ سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئون نەچچە ئىشچى - خىزمەتچىسى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنى قۇرغان قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ھېس قىلدى.

شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، مەبلەغ توپلاپ، ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى زامانىۋى سانائەت كارخانىسىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. 1952 - يىلىلا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى، 1 - ئاۋغۇست ئۇن زاۋۇتى قاتارلىق نۇرغۇن تايانچ كارخانىلارنى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائىتىگە دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس سالدى.

ئاز - ئازدىن تېجەپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش يولىنى ئېچىش

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مۇخبىر 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ «مول ھىدروگېنلىق كاربون ئايلانما دومنا پېچ» مەركىزىي كونترول ئىشخانىسىغا كىرگىنىدە، زامانىۋى كارخانا كەيپىياتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى: تامنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئېكران ئىگىلىگەن، ئوخشاش كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىۋاتقان مەركىزىي كونترول سۇپىسى ئالدىدا، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيگەن خىزمەتچىلەر بىر تەرەپتىن، كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن، سۆزلىشىش ئاپپاراتى بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇۋاتاتتى...

تارىخنى 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكىگە قايتۇرساق، ئۇ چاغدىكى شىنجاڭ بىر جىڭ تۆمۈر، بىر جىڭ پولاتمۇ ئىشلەپچىقىرالمايتتى. شىنجاڭدا تۆمۈر ۋە پولات كەمچىل بولغاچقا، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يەر ئاغدۇرغاندا ئىشلىتىدىغىنى ئىككى كالىغا چاتىدىغان ياغاچ ساپان ئىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بەش ئائىلىگە ئاران بىردىن كەتمەن، ئۈچ ئائىلىگە ئاران بىردىن ئورغاق توغرا كېلەتتى، ئىككى كۈمۈش تەڭگىگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن توشۇپ كېلىنگەن بىر جىڭ تۆمۈرنى تېگىشكىلى بولاتتى.

«ئەينى چاغدا بىر كەتمەننى 200 كىلوگىرامغا يېقىن بۇغدايغا، بىر تاختا چاينى بىر قويغا، بىر توپ رەختنى 3000 - 1500 كىلوگىرام بۇغدايغا، بىر قاپ سەرەڭگىنى بىر كىلوگىرام قوي يۇڭىغا، ھەتتا بىر قۇتا ئاق شېكەرنىمۇ بىر پۈتۈن قوي تېرىسىگە تېگىشكىلى بولاتتى.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى قىزىل مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇەن يې مۇنداق دېدى: سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

شىنجاڭنىڭ قالاق قىياپىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى زامانىۋى سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئاساسىي قۇرۇلۇشنى لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

بۇ، بىر مەيدان نۆلدىن باشلىنىدىغان جەڭ ئىدى. زامانىۋى سانائەت قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن، ئۇلاردا ھەم ئىدىيەۋى تەييارلىق يوق ئىدى، ھەم ئەمەلىي تەجرىبىمۇ يوق ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەنگەن، قۇرۇلۇش مەبلىغى، تېخنىكا كۈچى، باشقۇرۇش تەجرىبىسى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغىنى جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش يولى ئىدى.

ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1949 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى زاۋۇت قۇرۇش ئىدى. بارلىق ئاماللار بىلەن مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر سىلىڭيۈەن ۋاڭ جېننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىر ئادەم بىر قۇر كىيىم، بىر شەپكە تېجەشتىن باشلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى ئاز - ئازدىن توپلىدى.

«1 - ئاۋغۇست ئۇن زاۋۇتى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ھەربىرى بىردىن شەپكىسىنى تېجەپ، تېجەلگەن خىراجەت بىلەن قۇرۇلغان.» رۇەن يې مۇنداق دېدى: 1950 - يىلى قىشتا، قىسىمغا ئۇدا تۆت ئاي مائاش بېرىلمىدى، بەزى قىسىملار كۆكتات پۇلىنىمۇ ئالمىدى، ئاز - ئازدىن پۇل يىغىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر تېجەپ قالغان ھەربىي خىراجەتنىڭ ھەممىسىنى ھەربىيلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇش مەبلىغى قىلىپ ئىشلەتتى. 1951 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە %90 ھەربىي مەبلەغ سېلىشقا قاتناشتى، بۇ مەبلەغنىڭ %80ى سانائەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى.

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئاساسىنى بەرپا قىلىش

شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە سانائەت ئاساس، پولات - تۆمۈر ئاچقۇچ.

شىنجاڭدىكى تۇنجى پولات - تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى − 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 1951 - يىلى جياڭجۈن ۋاڭ جېن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ ئادەمزات ئاياغ باسمىغان تۇدۇڭخې دەرياسى بويىغا كېلىپ، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەش، ئادەم سۆرەش، مۈرىدە كۆتۈرۈشكە تايىنىپ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنى قۇرۇپ، شىنجاڭ پولات - تۆمۈر سانائىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

«ئەينى چاغدا شارائىت ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان كەڭ ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە بارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قار - شىۋىرغانغا قارىماي، قەھرىتان سوغۇقتا جەڭ قىلىپ، قار - مۇزلارنى يېرىپ قۇرۇلۇش قىلدى.» 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كۆرۈنۈشلەر 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان 88 ياشلىق ئىشچىسى يەن جاڭخۇانىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى.

1951 - يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەن جاڭخۇا 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا قۇرۇلۇش قىلىشتا كىران، كېسىش ماشىنىسى ۋە تۇرۇبا ئېگىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش قوشۇنى پەقەت ئادەم سۆرەش، مۈرىدە كۆتۈرۈش ئۇسۇلىغا تايىنىپ قۇرۇلۇش قىلاتتى. ئەمما شىنجاڭدىكى تۇنجى زامانىۋى پولات - تۆمۈر كارخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا تۈگىمەس كۈچ باردەك قىلاتتى.

ئۈسكۈنىلەر قالاق بولغاچقا، رۇدا قاتارلىق خام ماتېرىياللار پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بولقا بىلەن ئۇرۇپ پارچىلانغانىدى؛ دومنا پېچقا ماتېرىيال قوشۇشتا ئىشچىلار سېۋەت - سېۋەت رۇدىلارنى ئوچاق بېشىدا تۇرۇپ تۆكەتتى، بەزى كادىرلار ۋە جەڭچىلەر كۆمۈر گازىدا ئىس ئېلىپ يىقىلىپ قالدى؛ كان قېزىشتا جوتۇ ئىشلىتىلەتتى، رۇدا توشۇشتا ئېشەك ۋە تۆگە ئىشلىتىلەتتى... يەن جاڭخۇا بوۋاي ناھايىتى جانلىق سۆزلەپ بەردى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش تارىخى خۇددى رەڭسىز كۆرۈنۈشتەك مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. يەتتە ئايدىن ئارتۇق كېچە - كۈندۈز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇشچىلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ زاۋۇت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى ھەم 1952 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۇنجى تۆمۈرنى تاۋلاپ چىقتى. «ئۇچقۇن چاچرىغان تۆمۈر سۈيى ئېتىلىپ چىققاندا، پۈتكۈل سېختا قىزغىن ئالقىش ساداسى ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى. كىشىلەر دومنا پېچنىڭ ئالدىغا، پىروكاتلاش ماشىنىسىنىڭ يېنىغا ئولىشىپ كېلىپ كۈلۈشۈپ، كۆز يېشى قىلىپ، قۇچاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈر كەمچىل بولۇش، پولات كەمچىل بولۇش تارىخىغا ئاخىرى خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.» بۇ كۆرۈنۈش يەن جاڭخۇانىڭ كاللىسىغا مەڭگۈ ئورناپ كەتكەنىدى.

1952 - يىلى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرغان 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى، 1 - ئاۋغۇست ئۇن زاۋۇتى، 1 - ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، ئۆكتەبىر ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شىنجاڭ سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق ئون نەچچە چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كارخانا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم چوڭ سانائەت دەۋرىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ياڭرىدى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بۇ كارخانىلارنى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائىتىگە ئاساس سالدى.

روھنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش

شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا كۈل رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن كونا ھەربىيچە پەلتو بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 296 پارچە ياماق چۈشكەنىدى، بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىلەر تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. «بۇ، 1950 - يىلى تارقىتىپ بېرىلگەن ھەربىيچە پەلتو بولۇپ، ئۇنىڭ تىكىلگىنىگە 70 نەچچە يىل بولدى، بۇنى جياڭجۈن ۋاڭ جېن بىلەن بىللە شىنجاڭغا كەلگەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پېشقەدەم جەڭچىسى ۋاڭ دېمىڭ 1995 - يىلى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا ئىئانە قىلغان» دېدى شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى سەي شياۋچۈەن.

مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، ۋاڭ جېن ھەربىي رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملارغا ھەربىر ئادەم كۈنىگە 250 گىرام ئوزۇقلۇق ئاشلىق تېجەش، 50 پىرسەنت ياردەم پۇلى تېجەپ قېلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. ھەربىي فورمىنىڭ قوش قاتلىق ياقىسى بىر قاتلىق ياقىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۆت يانچۇقى ئىككىگە قىسقارتىلدى. بىر يىلدا بىر ھەربىي شەپكە تېجەپ قېلىندى، ئىككى قۇر يالاڭ كىيىم بىر قۇر يالاڭ كىيىمگە قىسقارتىلدى، ھەر ئايدىكى ئۈچ يۈەن ياردەم پۇلىدىن ئىككى يۈەن چىقىرىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەم يىلىغا 91.2 يۈەن تېجەپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

«ھەممە يېرىگە ياماق چۈشكەن بۇ ھەربىيچە پەلتونىڭ ياقىسى بىر قات بولۇپ، ئىككى يانچۇقىلا بار، قانچىلىك كىيىلگەنلىكىنى، قانچىلىك تەر سىڭگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ، ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ھېچنېمە تەلەپ قىلماسلىق، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۈنسىز بايان قىلىپ تۇرىدۇ» دېدى سەي شياۋچۈەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى تارىخ سارىيى مول سۈرەت ماتېرىيال، ئەمەلىي بۇيۇملار قاتارلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭ پولات - تۆمۈر سانائىتىنىڭ جاپالىق مۇساپىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.

«تۇرىدىغىنىمىز گەمە ئۆي ئىدى، يەيدىغىنىمىز قارا ئاشلىق ئىدى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى تەرلەپ كېتەتتۇق، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى لاي بولۇپ كېتەتتۇق، سوغۇق شامال نەشتەردەك سانجىلىپ سۆڭەكتىن ئۆتەتتى، شۇنداق بولسىمۇ پولاتتەك ئارزۇيىمىز ئۆزگەرمىدى. پېشقەدەم قۇرغۇچىلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ.» 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققان 65 ياشلىق كادىر ۋاڭ يىمىن 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى تارىخ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئارزۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىقلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، كىچىكلىكتىن زورايدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى.

«1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات تارىخى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغان ئىگىلىك تىكلەش تارىخى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش تارىخى، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخى بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىدىكىلەرنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنىڭ كارتىنىسى.» باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋۇ بىن مۇنداق دېدى: بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، پولات - تۆمۈر تاۋلاپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش»تەك ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، رايون پولات - تۆمۈر ئېكولوگىيە چەمبىرىكى قۇرۇشتەك شەرەپلىك بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالىدۇ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە پولات - تۆمۈر كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.