تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇمھۇرىيەتنىڭ نېفىت سەركىسى»نىڭ دۇنياغا كېلىش خاتىرىسى

قىزىل ئىزنالار (22)

قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونى (ماتېرىيال سۈرەت).

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«نېفىتلىكتىكى 3 - ئەۋلاد» ئارزۇ ئەكبەرجان كىچىكىدىن بوۋىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتى (كۆرگەزمىخانا)غا بېرىپ چۈشەندۈرگۈچى بولغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن بوۋىسى ئېيتقان ھېكايە ماس كەلگەندە، ئۇ دائىم چۈشەندۈرگەچ كۆزىگە ياش ئالىدۇ.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مايبۇلاق 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىت - تەبىئىي گاز ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىپ، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىكنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى! شىنجاڭدىكى نېفىتچىلار ئىسسىق قېنى، ئەقىل - پاراسىتى، ئەجرى بەدىلىگە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئايلىنىپ جەڭ قىلىپ، قۇملۇق - چۆللۈكلەردە شىددەتلىك جەڭ قىلىپ «نېفىت ئىزدەپ، تەبىئىي گاز ئىزدەپ»، كەسىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك شانلىق تارىخنى ياراتتى. قاراماي نېفىتلىكى يەنە «جۇمھۇرىيەتنىڭ نېفىت سەركىسى» دەپ ئاتالدى.

«كىچىك ۋاقتىمدا بوۋامنىڭ بۇ شانلىق تارىخنى سۆزلىگىنىنى ئاڭلايتتىم، چوڭ بولغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتىدا نۇرغۇن كونا سۈرەتلەر، كونا بۇيۇملارنى كۆردۈم... بۇ ھېكايىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ روھىنى چۈشىنىش، ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىمدىن بەكلا پەخىرلىنىمەن» دېدى ئارزۇ.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا بارلىققا كېلىش

قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتى (كۆرگەزمىخانا)غا كىرگىنىمدە، «كۆڭۈلنى توختىتىش، يىلتىز تارتىش، نېفىت قېزىپ چىقمىغۇچە نىيىتىدىن يانمايدىغان» ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللار كۆز ئالدىمدا بارغانسېرى روشەنلەشتى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى، نېفىت سانائىتىدە جاپالىق قەدەم ئېلىش باشلاندى. ئەينى چاغدىكى جۇڭگودا نېفىت كەمچىل ئىدى. 1953 - يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاران 435 مىڭ توننا بولۇپ، پەقەت دۆلەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئېھتىياجىنى قاندۇرالايتتى.

ماي بولمىسا، ئاپتوموبىللار قانداق ماڭىدۇ؟ ئاپتوموبىللار ماڭالمىسا، ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملار قانداق توشۇلىدۇ؟ نەرسىلەر ئوبوروت قىلىنمىسا، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن!

نېفىت كىشىلەر قەلبىنى يېتەكلىدى.

ئەينى چاغدا مەركەزدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مەسئۇل يولداش چېن يۈن مۇنداق كۆرسەتكەن: ئىككى - ئۈچ يىل ئىچىدە بىر - ئىككى چوڭ نېفىتلىك رايونى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك، بولمىسا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغىلى بولمايدۇ.

«نېفىت غەربىي شىمالدا» دېگەن قاراش ۋە ئەينى چاغدا ئىگىلىگەن چەكلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن، نېفىت گېئولوگىيەلىك چارلاش قوشۇنى غەربىي شىمال رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.

1950 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى نېفىت پاي شىركىتى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقىنى چارلاش، ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. ئىلگىرى «جۇڭگونىڭ قېزىلما بايلىق تەزكىرىسى»دە خاتىرىلەنگەن، ئەمما كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان مايبۇلاق كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىشكە باشلىدى.

1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مايبۇلاق 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىت - تەبىئىي گاز ئېقىمى ئېتىلىپ چىقتى. 1956 - يىلى 5 - ئايدا، مايبۇلاق ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك چارلاش باشلاندى. 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 -، 7 - نومۇرلۇق قۇدۇقلارنى ئارقا - ئارقىدىن بۇرغىلاش باشلىنىپ، غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى.

1956 - يىلى 9 - ئايدا، پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى جۈكۇي سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قاراماي نېفىتلىكىنىڭ كۆلىمى 130 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، نېفىت زاپىسى كۆلىمى يەنىلا كېڭىيىۋاتىدۇ، قېزىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ».

1956 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، «1956 - يىلى بايقالغان چوڭ نېفىتلىك − قاراماي» دېگەن خەت يېزىلغان غايەت زور بېزەك ئاپتوموبىل تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئاستا - ئاستا ئۆتكەندە ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن قول پۇلاڭلاتتى، نامايىشچىلار توپى نەزەر سېلىپ تەنتەنە قىلىشتى.

قاراماي نېفىتلىكى − يېڭى جۇڭگو نېفىت سانائىتىنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن «جۇمھۇرىيەتنىڭ نېفىت سەركىسى» ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا بارلىققا كەلدى.

ئىلگىرىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەش

شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان چاغدا، 150تىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى، نېفىت چىقىدىغان ئىككى قۇدۇق بولۇپ، كۈنىگە ئىككى - ئۈچ توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلاتتى، بۇ ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ نېفىت سانائىتىنىڭ ھەممىسى ئىدى.

نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قاراماي نېفىتلىكىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، كان رايونىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق ياخشى ھەل قىلىش شىنجاڭ نېفىت سانائىتىدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتى (كۆرگەزمىخانا)دا، نېفىت ۋە تۇرمۇشقا دائىر بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بار: ئادەمنىڭ ئۆمرىدە «سەپەر»گە تەخمىنەن 3838 كىلوگىرام نېفىت ئىشلىتىلىدۇ، «يېمەك - ئىچمەك»كە 551 كىلوگىرام نېفىت ئىشلىتىلىدۇ، «كىيىم - كېچەك»كە 290 كىلوگىرام نېفىت ئىشلىتىلىدۇ، «تۇرالغۇ»غا 3790 كىلوگىرام نېفىت ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە جەڭلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتىغا ئېسىلغان كونا بىر پارچە سۈرەتنىڭ نامى «مۇز مۇناردىكى مۇز ئادەم» بولۇپ، ئۇنى ئارزۇ كىچىكىدىن كۆرۈپ چوڭ بولغان.

1956 - يىلى 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مايبۇلاق 2 - نومۇرلۇق قۇدۇقىنىڭ 500 مېتىر يەر قاتلىمىغا بۇرغىلاپ كىرگەندە، تۇيۇقسىز سۇ ئېتىلىپ چىققان. زىمىستان قىش پەسلىدە، سۇ تۈۋرۈكى قۇدۇق ئاستىدىن ئۇدۇل ئېتىلىپ چىقىپ، يەرگە چۈشكەن سۇ، قۇدۇق جازىسىغا چېچىلىپ، مۇز تۇتۇپ، غايەت زور مۇز مۇنارىنى شەكىللەندۈرگەن. قۇدۇقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەپ 2 - نومۇرلۇق قۇدۇقنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا بىر گۇرۇپپا بولۇپ نۆۋەتلىشىپ ئالماشقان. ھەر قېتىم ئىشچىلار بۇرغىلاش سۇپىسىغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چېچىلىپ چۈشكەن سۇغا چىلىنىپ، ئۈستباشلىرىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئىشچىلار كىيىملىرىگە سۇ چېچىپ، كىيىم يۈزىنى بىر قەۋەت مۇز تۇتقۇزۇش ئارقىلىق، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاپ، داۋاملىق خەتەردىن قۇتقۇزغان.

خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋاقتى 60 سائەتكە يەتكەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئىشچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ سۈرەتنى قالدۇرۇپ قويغان. سۈرەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ئۈستباشلىرى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خۇددى قار - مۇز ھەيكەللىرىگە ئوخشاپ قالغانىدى. كەينىدىكى قۇدۇق جازىسىمۇ قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ، مۇز مۇنارغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

«ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە نۆلدىن تۆۋەن 40 - 30 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا جىددىي رېمونت قىلىپتۇ، ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ چېھرىدە پەقەت جىددىي رېمونت قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى خۇشاللىقلا ئەكس ئېتىپتۇ. ھەر قېتىم سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاپىرىن ئوقۇشتىن باشقا يەنە ئىچىم ئېچىشىدۇ» دېدى ئارزۇ.

ئوخشاشلا «نېفىتلىكتىكى 3 - ئەۋلاد» بولغان فېڭ شۆ شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» تېخنىك كادىرى بولۇپ، دائىم جۇڭگو نېفىتى كارخانا روھى تەربىيە بازىسى − شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 101 گەمە خارابىسىگە بېرىپ، نېفىتلىكنىڭ تارىخىنى خالىس چۈشەندۈرىدۇ.

فېڭ شۆنىڭ بوۋىسى فېڭ يى، 1958 - يىلى خېبېي باۋدىڭدىن قارامايغا كەلگەن، ئەينى چاغدا شارائىت ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، ئۇ خىزمەت قىلغاچ نېفىت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. چۆللۈكتە كۈندۈزى قۇرۇق موما يەپ، كەچتە چېدىردا ئۇخلىغان، چېدىرنى دائىم يېرىم كېچىدە شامال ئۇچۇرۇپ كېتەتتى. كېيىن گەمىدە تۇرغان، گەمە گەرچە ئانچە سوغۇق بولمىسىمۇ، لېكىن ھەمىشە سىرتتا بوران چىقسا، گەمە ئىچىگە قۇم چۈشەتتى. بوران توختىغاندىن كېيىن، ئاۋۋال قۇمنى كولاپ يول ئاچسا ئاندىن سىرتقا چىققىلى بولاتتى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بۇ، فېڭ يىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپەلمىدى، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېرىم ئۆمرىنى نېفىت ئىشلىرىغا بېغىشلىدى.

«بوۋامدىن ئاڭلىشىمچە، ئەينى چاغدا ئەڭ قىيىن ئىش ئىچىدىغان سۇنىڭ يوقلۇقى ئىكەن. قىشتا تاماق ئېتىش ئۈچۈن قار سۈيى ئىشلىتىدىكەن، يازدا تۆت - بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆستەڭگە بېرىپ سۇ توشۇپ كېلىدىكەن. سۇ دۇغ بولغاچقا، تىندۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىچىشكە ياكى تاماق ئېتىشكە بولىدىكەن.» فېڭ شۆ مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا چوڭلاردىن نېفىتچىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايتتىم، ھازىر ئۆزۈممۇ نېفىتچى بولدۇم، بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن».

جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش

«ھازىر نېفىت رايونىدا تۇرمۇش، خىزمەت ناھايىتى قولايلىق، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نېفىت رايونىدىن قاراماي شەھەر رايونىغا بارغىلى بولىدۇ. ئىلگىرى جاپاغا چىداپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان جايلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى» دېدى فېڭ شۆ.

يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 4 - تۈركۈمدىكى دۆلەت سانائەت مىراسلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، قاراماي شەھىرى مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. قاراماي پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە سانائەت ساياھىتىنى ئەڭ بالدۇر تەرەققىي قىلدۇرغان شەھەرلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش ساياھىتىنى بىرقەدەر بالدۇر قانات يايدۇرغان رايون. 1955 - يىلى بۇرغىلاش باشلانغان 1 - نومۇرلۇق قۇدۇققا قاراماينىڭ تارىخى يۈكلەنگەن، ئۇنىڭدا نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ نەتىجە يارىتىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، ئاۋات مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. مايبۇلاق دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي نېفىت يەر ئۈستىگە چىقىپ تۇرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ. قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتى(كۆرگەزمىخانىسى)دا قاراماي نېفىت سانائىتىنىڭ باشلىنىشتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقىچە بولغان مۇساپىسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، سارايدا تۇنجى ئەۋلاد نېفىت ئىشچىلىرى تۇرغان گەمە، ئىشلەتكەن ماي چىراغلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ كۆرگەزمە قىلىنماقتا...

تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەلقئارا مۇزېي كۈنىدە، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتى (كۆرگەزمىخانىسى) پېشقەدەملەردىن ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاش، نېفىت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. «پائالىيەتتە، بىز بىر تۈركۈم پىدائىي چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قارامايدىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلار. ئۇلار جانلىق ھېكايىلەر ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا باشلاپ باردى.» خىزمەتچى خادىم لى نا مۇنداق تونۇشتۇردى: 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە، مەدەنىيەت كۆرگەزمە يۇرتى بۇ يىل جەمئىي 16 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى.

1980 - يىلى تۇغۇلغان «نېفىتلىكتىكى 3 - ئەۋلاد» جاڭ گې ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، سىرتتا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن نېفىتلىككە قايتىپ كەلدى. «1955 - يىلى، بوۋام خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە مايبۇلاق 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق جازىسىنى قۇراشتۇرۇشنى تاماملىغانىكەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ جاي جۇغراپىيەلىك بەلگە مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. مەن دائىم قىزىمنى ئېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپلا بۇ تارىخنى ئىگىلەپ، ھازىرقى تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن» دېدى جاڭ گې.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.