تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ⑰

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (17)

1967 - يىلى

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى  مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتۇشقا مەسئۇل بولدى.

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى  دۆلىتىمىز شىنجاڭ لوپنۇردا تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتتى.

8 - ئايدا  چىڭخەي ماڭيادىن شىنجاڭ خوتەنگىچە بولغان چىڭخەي - شىنجاڭ تاشيولىدا قۇرۇلۇش باشلاندى.

1968 - يىلى

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى  دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلىگەن، ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلىدىغان شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كۆمۈر قۇدۇقى − ئۈرۈمچى 1 - نومۇرلۇق تىك قۇدۇق رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئۈرۈمچىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئىنقىلابنى تۇتۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەلەپ قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىش» دولقۇنىنى قوزغىدى.

1969 - يىلى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى  ئۈرۈمچى رايونىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 2000 دىن ئارتۇق زىيالىي ياش ماۋ زېدۇڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يېزىلارغا بېرىپ نامرات دېھقان، تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقانلاردىن قايتا تەربىيە ئالدى.

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى  سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئېلىمىزنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 9 - شىسى 161 - تۇەنىنىڭ ئايال خىزمەتچىسى سۈن لۇڭجېن ۋەتەن زېمىنىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قوغداش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

1970 - يىلى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  يەكەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سانائەت 3 - شىسىنىڭ 23 - تۇەنى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پۈتۈن ئۆستەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى 29.6 كىلومېتىر كېلىدۇ، 2 مىليون 300 مىڭ مو ئېتىزنى سۇغارغىلى بولىدۇ.

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى  بىڭتۇەن ئۇلانباي خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ پولىۋىنىل خىلورىد شۆبە زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ سولياۋ ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

12 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4 - بەش يىللىق (1975 - 1971) خەلق ئىگىلىكى پىلانى (لايىھەسى)»نى ئېلان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى  لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.