تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (18)

1971-يىلى

5 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق 2 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلدى.

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. 1974 - يىلى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تۆت چوڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

1972-يىلى

ئەتىيازدا زۇڭلى جوۋ ئېنلەي ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇش تۇەنىگە شىنجاڭغا ئاتلىنىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 20 يىل ئىچىدە شىنجاڭنىڭ سۇرايى گېئولوگىيە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئېغىر قۇرغاق رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىدىكى بارلىق قوي نەسلىنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى.

1973-يىلى

1 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت سەيپىدىن ئەزىزىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1 - جېڭۋېيلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلاشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايون «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى توختىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.

7 - ئايدا ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا قۇرۇلۇش باشلاندى.

12 - ئايدا يىللىق نېفىت يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 3 مىليون توننا بولغان قاراماي - ئۈرۈمچى نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى پۈتتى.

□ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□ سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.