مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزى مەۋقەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پەيتكە ۋە «ئىككى 100 يىل» تارىخىي كېسىشكەن ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە قويۇپ، شانلىق تارىخنى قايتا ئەسلەپ، پارلاق كەلگۈسىنى پىلانلىغان ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «1 - ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى سۆزنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە «1 - ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك. «1 - ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى «1 - ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.