تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ھەرىكەت قىممىتى» ناملىق ھۆججەت - ماتېرىيالنى ئېلان قىلدى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ھەرىكەت قىممىتى» ناملىق ھۆججەت - ماتېرىيالنى ئېلان قىلدى.

ھۆججەت - ماتېرىيالدا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى؛ خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان كۈرەش نىشانى.

ھۆججەت - ماتېرىيالدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن خەلقنىڭ تارىخىي سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تاماملاش بىلەن خەلق مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

ھۆججەت - ماتېرىيالدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماركسىزم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ جېنى، پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان شانلىق بايراق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ. پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغان نەزەرىيەدە ئىزدىنىش تارىخى.

ھۆججەت - ماتېرىيالدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ پارتىيەنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتتە 1 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر قېتىم جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتەلىشى، ھەر قېتىم قىيىنچىلىق، كىرىزىسلارنى يېڭەلىشىدىكى ئاچقۇچ − پارتىيەنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كەلگەنلىكىدە، قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچىگە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدا.

ھۆججەت - ماتېرىيالدا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ يەنىلا دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ساقلىغانلىقى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، باشتىن - ئاخىر ئۆز ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىغانلىقىدا.

ھۆججەت - ماتېرىيالدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان سىياسىي پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىگە ئەمەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.