تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك

​ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويدى، كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، پۈتكۈل پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ھەقىقىي، ئەمەلىي، پۇختا بولدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيەگە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىشقا، روھىي جەھەتتە چېنىقىشقا ئىگە بولدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، تارىخىي ئىشەنچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش مەقسىتىگە يەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. دىققەتنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو يولىدا ياخشى مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە مۇھىم، زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى خۇلاسىلەش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى كېڭەيتىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئاساسىي تەلىپى، ئىلمىي پوزىتسىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىغا بولغان تونۇشىمىزنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولغان تارىخىي ئىشەنچ، نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭ، خاراكتېر ۋە ئاساسىي مەقسەت، ئىنقىلابىي روھ، دەۋر مەسئۇلىيىتى تەربىيەسىگە ئىگە بولۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن يېڭى مۇساپىدە جەسۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك.

خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دىڭ شۆشياڭ، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى ۋە مياۋ خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.