جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيى:
غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ
قىزىل بازىلارغا زىيارەت (15)
قومۇل شەھىرىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيى قورۇسى ئىچىدىكى قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلى ۋە يولداش چېن يۈن بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك ئابىدىسى(3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ
قومۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ يېنىدىكى بىر ھەيۋەتلىك، تىمتاس چوڭ قورۇنىڭ ئىچىدە ياپيېشىل قارىغاي - ئارچىلار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، كۆك خىش، ئاق تام قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئېگىز، چوڭ ھەيكىلىنى ئوراپ تۇراتتى، ئالدىدىكى ئابىدىدە يولداش چېن يۈن ئۆز قولى بىلەن يازغان «قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك ئابىدىسى» دېگەن چوڭ خەتلىك بېغىشلىمىسى بار ئىدى، بۇ يەر دەل جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيى.
جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيىغا كىرسىڭىز، «مەڭگۈلۈك شىڭشىڭشيا» تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىدە يېزىق، سۈرەت، ئەمەلىي ماددىي بۇيۇم ۋە ئۈن - سىنلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، خېشى كارىدورىدىن شىڭشىڭشيا (بۈگۈنكى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شىڭشىڭشيا بازىرى)غا يېتىپ بارغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك ۋە تەسىرلىك مۇساپىسى قايتا نامايان قىلىنغانىدى.
باش تېما كۆرگەزمىسى «خېشىدا قان كېچىپ جەڭ قىلىش» «مەڭگۈلۈك شىڭشىڭشيا» «ئوت ئۇلغايماقتا»دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان. 1 - قىسىم «خېشىدا قان كېچىپ جەڭ قىلىش» كۆرگەزمىسى غەربتە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈش، شەن - يۇڭ (شەندەن، يۇڭچاڭ)دا شىددەتلىك جەڭ قىلىش، لىن - گاۋ (لىنزې، گاۋتەي)دا قان كېچىپ جەڭ قىلىش، قار - شىۋىرغانلىق چىليەندىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللار، سۈرەتلەر ئارقىلىق ئېچىنىشلىق جەڭ مەيدانى قايتا نامايان قىلىپ بېرىلگەن.
1936 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى غەربتە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ نىڭشيا ئۇرۇشى پىلانىنى ئىجرا قىلغان. ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئۆزگەرگەنلىكتىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنى تەشكىللەپ، خېشى كارىدورىغا ئاتلىنىپ جەڭ قىلىپ، شىنجاڭغا بېرىپ جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقئارا يولىنى ئېچىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق قوماندان - جەڭچىسى خېشى كارىدورىدا يېرىم يىلدىن ئارتۇق قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان، لېكىن ئاخىرىدا ئۆزى ئاز، دۈشمەن كۆپ بولغانلىقتىن خېشى كارىدورىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.
«بىز پولاتتەك قىزىل ئارمىيە، پولاتتەك كۈچ، ئىشچى - دېھقانلارنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. خەلقئارا يول لىنىيەسىنى ئاچمىساق، قىزىل 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى ھېسابلانمايمىز...» ساراي ئىچىدە جۇشقۇن ئارمىيە مارشى ياڭرىدى، دەل ناخشىدىكى بۇ خىل ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان مەردانە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىدا چىڭ تۇرغان قىزىل ئارمىيە 5 - جۈننىڭ جۈنجاڭى دۇڭ جېنتاڭنىڭ جەسىتى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گاۋتەي ناھىيەسىدە مەڭگۈلۈك قالدى. گاۋتەي جېڭىمۇ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى تارىخىدا قۇربان بولغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئۇرۇشنىڭ بىرى. نەق مەيداندىكى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشتەك ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلدى.
ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ 1 - رېتىدە تۇرغان ۋېي ليېجۇڭ بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2013 - يىلى پېنسىيەگە چىققان، ئىلگىرى قومۇل تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
«مەن 1975 - يىلى ئەسكەر بولدۇم، 1980 - يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن تاشيول مۇھاپىزەتچىسى بولدۇم. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مەن <ئائىلە پارتىيە مەكتىپى>گە قاتنىشىپ ئىدارىدىكى پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە قەرەللىك ئۆگىنىش قىلدىم، ئۆزۈمگە قويغان تەلەپنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويمىدىم.» ۋېي ليېجۇڭ مۇنداق دېدى: بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋردىكى جەڭچىلەرنىڭ شۇ دەۋر جەڭچىلىرىگە خاس ھېسسىياتى بولىدۇ.
قار - شىۋىرغانلىق چىليەنشەن تېغىغا تەقلىد قىلىنغان كۆرۈنۈشتىن ئۆتۈپ، تاش پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىققاندا، چاڭ - توزان باسقان قاتار - قاتار كونا ياغاچ سىم تاناپ تۈۋرۈكلەر تام بويلاپ قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى يۆنىلىش كۆرسىتىش تاختىسىغا «شىڭشىڭشيا بىلەن بولغان ئارىلىق 66 كىلومېتىر» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. بۇ ياغاچ تۈۋرۈكلەر شىڭشىڭشيادىن كۆرگەزمە سارىيىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئەمەلىي ماددىي بۇيۇم بولۇپ، ئەينى يىللاردا چۆل باياۋاندا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر سىم تاناپ تۈۋرۈكىگە تايىنىپ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پەرقلەندۈرگەنىدى.
كۆرگەزمىنىڭ 2 - قىسمى «مەڭگۈلۈك شىڭشىڭشيا» كۆپ تەرەپ قۇتقۇزۇش، زېمىن ۋاقىت بوشلۇقى، جەڭگاھتا جەڭچىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، قەددىنى رۇسلاشتىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە ئايرىلغان. ئەينەكلىك پوكەي ئىچىدە، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى جەڭچىلەر ئىلگىرى ئىشلەتكەن نۇرغۇن بۇيۇم بار ئىدى. بىر يۈرۈش كۆك رەڭلىك قىزىل ئارمىيە فورمىسى، قىزىل ياقا بەلگىسى يەنىلا ئوچۇق رەڭدە بولۇپ، كىيىم پاكىز يۇيۇلغانىدى؛ جەڭچىلەر ئىلگىرى كىيگەن نەچچە جۈپ چىغ چورۇغ، پېتەك سەل بۇزۇلۇپ سارغىيىپ كەتكەن، پېتەكنىڭ تىكىلىشى زىچ، چوڭ - كىچىك، بەزىلىرىنىڭ ئۈستىگە «قىزىل ئارمىيەگە ياردەم بېرەيلى» «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزايلى» دېگەن خەتلەر تىكىلگەنىدى؛ پىلىموتچىلار ئىشلەتكەن مۈرە قىستۇرمىسىمۇ قولدا تىكىلگەنىدى. ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم جەڭچىلەرنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى يوقىتىش ئوبرازىنى كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقىي نامايان قىلغانىدى.
«شىڭشىڭشيا غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتى خەتەر ئىچىدە ھاياتلىق يولى تاپقان جاي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان جاي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى پۈتۈن ئىشتات بويىچە يېتىپ بارغان ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربىدىكى جاي» دېدى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى جاڭ گۇيجى.
«غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى شىڭشىڭشياغا كېلىپ، ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلدى، شۇنداقلا مەنىۋى تومۇرىنى قالدۇردى، بۇ بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى ۋېي ليېجۇڭ.
كۆرگەزمىنىڭ 3 - قىسمى «ئوت ئۇلغايماقتا»دا، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى نۇرغۇن كوماندىر - جەڭچىنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان سۈرەت تېمى كىشىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلاتتى. ئۇلار شىڭشىڭشيا ئارقىلىق تۇرپان، داۋانچىڭدىن ئۆتۈپ، دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)غا كەلگەن، ئەڭ ئاخىرىدا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دا مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەنگەنىدى. كۆرگەزمە ساراي ئىچىدىكى كۆرۈنۈشتە ئەينى يىللاردىكى دەرسخانا قايتا نامايان قىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئايروپىلان، ئاپتوموبىل مودېللىرى كۆرگەزمە قىلىنغانىدى. «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالاھىدە ئەسكەرلەر مەكتىپىگە ئايلانغانىدى، ئىلگىرى جەڭگاھتا قان كېچىپ جەڭ قىلغان جەڭچىلەر تىيانشان باغرىدا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنئەنگە قايتىپ، يەنە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە خەلق ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانىدى.
«غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيىنىڭ قىزىل تەربىيە بازىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز يەنە <غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ> تېمىلىق توردا ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش دەرسخانىسى ئېچىپ، مەخسۇس تېمىلىق سىن ئىشلەپ، قومۇل شەھىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا ئۆگىنىشىگە بەردۇق» دېدى جاڭ گۇيجى، خاتىرە سارىيى يەنە سېپىرلىق كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، بۇنىڭ بىلەن ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق مەخسۇس تېمىدىكى سىننى كۆرگىلى بولىدىغان، ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان بولدى.
□ ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى
جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيى قومۇل شەھىرىدىكى شەرقىي شىنجاڭ چوڭ يولى خەلق ئاۋىياتسىيە مۇزېيىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 96.83 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2844 كىۋادرات مېتىر، كۆكەرتىلگەن كۆلىمى 50 مو بولۇپ، قەدىمىي باغ ئورمان قۇرۇلۇش ئەندىزىسى قوللىنىلغان، 2015 - يىلى 5 - ئايدا رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. ساراي ئىچىدە «مەڭگۈلۈك شىڭشىڭشيا» باش تېمىلىق كۆرگەزمە بولۇپ، نۇرغۇن تارىخىي يېزىق ماتېرىياللىرى، سۈرەتلەر، ئۈن - سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىختا قالدۇرغان ھەيۋەتلىك سەھىپىسى قايتا نامايان قىلىنغان. خاتىرە ساراي ھەر ھەپتە سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، ئېچىۋېتىش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30دىن 12:30غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:30دىن 19:30غىچە.