تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (19)

1974 - يىلى

1 - ئايدا  دۆلەت قۇرۇلۇش كومىتېتى، دۆلەت پىلان كومىتېتى بېيجىڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەمكارلىشىش يىغىنى ئاچتى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ياساش باشلاندى.

8 - ئايدا  تىيانشان مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساش باشلاندى.

9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى  «شىنجاڭ گېزىتى» ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى زامانىۋى ئوغۇت زاۋۇتى − شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ھەر يىلى 68 مىڭ توننا سىنتېتىك ئاممىياك، 130 مىڭ توننا ئورىيا ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

11 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1976 - يىلىدىن 1985 - يىلىغىچە بولغان خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)»سىنى تۈزۈش تاماملاندى.

1975 - يىلى

1 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى ناھىيە، شەھەر ۋە تۇەن - مەيدانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەرتىپكە سېلىشقا ئاجرىتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى.

5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىسى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەھۋال ئىگىلەش، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش».

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېن شىليەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كېلىپ تەبرىكلىدى. ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت ئامما يىغىلىش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 26 يىللىقى ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

1976 - يىلى

1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى  گوۋۇيۇەن ھۆججەت تارقىتىپ، شىخەنزە ۋىلايىتى ۋە شىخەنزە شەھىرى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى.

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جوۋ ئېنلەي ۋاپات بولدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىنتايىن قايغۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق باغچىسىدا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، نۇرغۇن ئورۇنلار ئۆزلۈكىدىن تۈرلۈك تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پەخرىي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ بېيجىڭدا ۋاپات بولدى. ھەر مىللەت خەلق چەكسىز قايغۇرۇپ، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق مەيدانىدا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىنى تارمار قىلدى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشتى.

□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەت رەتلىگۈچى\ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.