تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشقان تۆھپىكار كان

قىزىل ئىزنالار (21)

ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى ئالدىدا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا. □ خۇ جىنلياڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

كۆكتوقاينىڭ باش ياز مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىدىن 54 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكتوقاي بازىرى جىمجىت، گۈزەل بولۇپ، سۈيى سۈپسۈزۈك ئېرتىش دەرياسى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. كۆكتوقاي بازىرى ئالتاي تاغ تىزمىسى كان رايونىغا جايلاشقان. بۇ يەردىكى 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئاز ئۇچرايدىغان مېتال «گېئولوگىيە دەرسلىكى» بىلەن «تەبىئىي گېئولوگىيە مۇزېيى».

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەنىدى. 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى مول كان بايلىقى بىلەن تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان يېڭى جۇڭگوغا تىرەك بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشقا ۋە «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تەتقىقاتىغا ئاجايىپ تۆھپە قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، غايەت زور كان ۋە كان تومۇرلىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى ئايلىنىپ تۆۋەنگە قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىل يولى ھەربىر ئېكسكۇرسىيەچىگە بۇ يەرنىڭ ئىلگىرىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بىر بۆلەك تارىخىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى مەخپىي ھەم ئۇلۇغ

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مۇخبىر كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالدى، تاقالغاندىن كېيىنكى 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا جىمجىت ياتقان بولۇپ، ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.

«ئۇنىڭغا تەقدىرى كاج، ئازاب - ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت تامغا بېسىلغانىدى، ئۇ جۇڭگونىڭ قەددىنى رۇسلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.» كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى تەن شېڭلى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بەردى.

1935 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى كۆكتوقايدىن بېرىل مىنېراللىشىش نۇقتىسىدىن سەككىزنى تاپقان، بۇ يەر ئەسلىدە ئالتاي تاغ تىزمىسىدىكى ئادەتتىكى بىر تۆپىلىك بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدا مول كان بايلىقى بارلىقى بايقالغان. كۆپ يىل قۇرۇلۇش قىلىش، قېزىش ئارقىلىق، كان تومۇرى ئەسلىدە يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ تىزمىسىدىن تىك چوڭقۇرلۇقى 140 مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭقۇر ئازگالغا ئايلانغان.

«3 - نومۇرلۇق كان تومۇرىنى ئېچىش تارىخى ۋەتەننىڭ خاتىرىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى» دېدى تەن شېڭلى. 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى قېزىلىشتىن بۇرۇن، يېڭى جۇڭگو ئۆز ئالدىغا، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ ئايرىپ چىقالايدىغان رەڭلىك مېتال ئون خىلغا يەتمەيتتى، رەڭلىك مېتالنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننىدىن ئاشمايتتى. 1950 - يىلى، جۇڭگو - سوۋېت شېرىكلىشىپ كان رايونىنى كەڭ كۆلەمدە قازدى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال سانائىتىنىڭ مۇقەددىمىسى مۇشۇ يەردە باشلاندى.

«ھەممىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا توغرا كېلەتتى، لېكىن ھېچكىم ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى.» كان تومۇرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە قاتناشقان 1 - ئەۋلاد كان رايونى خىزمەتچىسى لى چىڭچاڭ ئاشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگەندە كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى.

1960 - يىلى، جۇڭگو قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىدى ھەم جۇڭگودىن مۆھلەت ئىچىدە تاشقى قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مىسلىسىز ئىنتايىن قىيىن مەزگىلگە قەدەم قويدى، كۆكتوقاي «ئېكسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش بىرلەشمە جېڭى»نى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، تاشقى قەرزنى قايتۇردى. ئەينى چاغدا، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قالاق، شارائىت ناھايىتى جاپالىق بولغاچقا، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە كەمچىل ئەھۋالدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى. كۆكتوقايلىقلار بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەڭ ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن كان بايلىقلىرىنى قازدى. سانسىزلىغان كىشىلەر قىشتىكى نۆلدىن تۆۋەن 40 - 50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا بىر بازغان، بىر جوتۇغا تايىنىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، قولىدا كۆتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. 1969 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، «خەلق گېزىتى» دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى «ئىچكى قەرزى ھەم تاشقى قەرزى يوق» دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا جاكارلىدى.

بۇ كاننىڭ كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى، ئۇنىڭ يېڭى جۇڭگو ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسى: جۇڭگو تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتقاندا ئىشلەتكەن بېرىللىي، تۇنجى ۋودورود بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتقاندا ئىشلەتكەن لىتىي، تۇنجى سۈنئىي ھەمراھقا ئىشلەتكەن سېزىي، تۇنجى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بىرلەشمە سىنىقىدا ئىشلەتكەن تانتال، نىئوبىي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرىدىن كەلگەن.

1950 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە، 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى ئىزچىل قېزىلدى. دۆلەت مۇداپىئەسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئېھتىياجى بىلەن، بىر مەزگىل «كۆكتوقاي» دېگەن بۇ يەر نامى جۇڭگو خەرىتىسىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «111» دېگەن بۇ سىرلىق نومۇر قويۇلغانىدى. تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىغا كەلگەندە، كۆكتوقاي مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنىپ، كىشىلەر ئاندىن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى كىچىك بازاردا كىشىلەر بىلمەيدىغان مۇشۇنداق بىر ئۆتكەن ئىشلارنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى بىلدى.

ئېتىقاد شانلىق نۇرىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەش

كۆكتوقاي كان بايلىقىغا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن، كان بايلىقىغا تايىنىپ گۈللەنگەن. نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا، كۆكتوقاي ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەنىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە كۆكتوقاي گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى ئاشۇ قايناق ھېسسىياتقا تولغان يىللارنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەردى.

گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، كان ئىشچىلىرىنىڭ ھەيكىلى مەردانە، روھلۇق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، كىشىنى قان - تەر بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئەقىدىنى تاۋلىغان ئاشۇ جاپا - مۇشەققەتلىك يىللارغا باشلاپ بارىدۇ.

«سىز كۆرگەن بۇ بىرنەچچە پارچە سۈرەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا ئوچۇقچىلىقتا كان قېزىۋاتقاندا تارتىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، پولات سۈمبە بىلەن بازغان قېزىش سايمىنى ئىدى، كۆكتوقاينىڭ قەھرىتان قىش پەسلىدە مەشغۇلات قىلغاندا، تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئايىغىنىڭ چەمىگە قېلىن بالۇن پارچىسىنى مىخلىۋالاتتى. ئىشچىلار پولات سۈمبە تۇتقان ئىككى قولىغا پەلەي كىيىۋالغان تەقدىردىمۇ سوغۇققا دال بولمايتتى، پەلەينى تەرلەپ كەتكەن قولىدىن ئېلىۋەتسىلا بىر قەۋەت تېرىسى سويۇلۇپ چىقاتتى، ئۈششۈپ قېلىش ھادىسىسى دائىم يۈزبېرەتتى». تەن شېڭلى كۆرگەزمىخانىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىدىكى بىر پارچە رەڭسىز سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن كۈرەش قىلغان ئۆتكەن ئىشلارنى ئالدىرىماي بايان قىلدى. ھەر يىلى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرگەزمىخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، نەرسىلەرنى كۆرۈپ، ئەسلەپ، كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئەينى يىللاردىكى كان رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش ئېتىقادىنىڭ شانلىق نۇرىنى ھېس قىلىدۇ.

چۈشەندۈرگۈچى 3 - نومۇرلۇق كان تومۇرىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەندە، مۇنداق بىر سۆزنى ئەڭ كۆپ نەقىل كەلتۈردى: «ئۆزىمىز جاپا تارتساقمۇ دۆلەتنى جاپاغا قويساق بولمايدۇ، ئۆزىمىز قىسىلساقمۇ دۆلەت قىسىلىپ قالسا بولمايدۇ، ئۆزىمىز قىيىنچىلىق تارتساقمۇ دۆلەتنى قىيىنچىلىقتا قويساق بولمايدۇ.» تامغا يېزىلغان بىرنەچچە جۈملە شوئار قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئاشۇ كۈرەش تارىخىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كان رايونى خىزمەتچىلىرىنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.

70 يىل ئىلگىرىكى بىر تومۇز كۈنى، كۆكتوقاي كان رايونىدا تۇنجى پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى. تەن شېڭلى مۇنداق دېدى: «1951 - يىلى كۆكتوقاي كان رايونىدىكى تۇنجى پارتىيە ياچېيكىسىدا ئاران سەككىز پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى. 1956 - يىلىغا كەلگەندە ئادەم سانى كۆپىيىپ 583 كە يەتتى، بۇ مەزگىلدە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى تېز تەرەققىي قىلىپ زورايدى».

ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قۇئېرتىش بازىرى مەدەنىيەت شەرقىي يولى مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى لى خۇڭشيا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، جاپادا ئالدىدا تۇرغاچقا، كۆكتوقايلىقلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئارقا - ئارقىدىن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىغان.»

كۆرگەزمىخانا ئىچىدە ئۇچراتقان ھەربىر لوزۇنكا، ھەربىر پارچە كونا سۈرەت، ھەربىر كونا بۇيۇم، ھەربىر بەت ماتېرىيال، ھۆججەتلەر ئاشۇ سىرلىق تۈسكە تولغان دەۋرگە ئۆزگىچە مول مەزمۇن قوشقانىدى.

كۆرگەزمىخانىنىڭ 2 - قەۋىتىگە نۇرغۇن كونا بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى «2 - ئەۋلاد كانچى» باقىتبېك جاسىمقان يىغىپ ساقلىغان. 2016 - يىلى گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ، 2017 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، باقىتبېك يىغىپ ساقلىغان كۆكتوقايغا مۇناسىۋەتلىك كونا بۇيۇملار ۋە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلىگەندىن كېيىن، ھەممىسىنى كۆرگەزمىخانىغا ئىئانە قىلدى، شۇنداق قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە كۆرگەزمىخانىنىڭ پىدائىي چۈشەندۈرگۈچىسى بولدى.

«پېشقەدەم كۆكتوقايلىقلار ئېتىقاد نۇرى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى، بۇ تارىخنى ھەربىرىمىزنىڭ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.» باقىتبېك مۇنداق دېدى: يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىدىن كۆكتوقاينىڭ تارىخىنى ئىزدىگىلى بولىدۇ. ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرگەن بۇ گۆھەر تۇپراقنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىزىل بازىدا يەنە يېڭى نەتىجە يارىتىش

بۈگۈنكى كۆكتوقاينىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئاللىقاچان ئېلىۋېتىلدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر بوشاشماي تىرىشىپ، بۇ يەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. 2013 - يىلى كۆكتوقاي كان رايونى شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت كان باغچىسى بولۇپ قالدى، كېيىن يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى. كان رايونى مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەردى، «قىزىل» رەڭ بۇ يەرنىڭ ئاساسىي رېڭىگە ئايلىنىپ، بۇ بازارنى مەڭگۈ توختاپ قالماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.

قالدۇق قېزىلما توپا دۆۋىلىرى كۆمۈۋېتىلگەن ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بازار رايونىغا تۇتىشىدىغان تاغ يولى تۈزلىنىپ، دەۋر ئىزنالىرى قالغان كان تومۇرى، كان ئۆڭكۈرى، يەر ئاستى چوڭقۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلار كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ساياھەت بايلىقىغا ئايلانغان. ھەر يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا، كۆكتوقاي ساياھەت ئاۋات پەسلىگە كىرىدۇ، نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە كېلىپ، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ كان رايونىدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىش، تاشقى قەرزنى قايتۇرۇش، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»قا تۈرتكە بولۇشتەك شانلىق مۇساپىسى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدۇ.

«بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى مەركىزىي مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كۆپلىگەن قىزىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچتۇق» دېدى تەن شېڭلى. 2015 - يىلى، كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى يېرىم ئەسىر كۆمۈلۈپ ياتقان ئايغۇز كان ئۆڭكۈرىنى ئېچىپ، نەچچە ئون يىل سۈكۈتتە تۇرغان بۇ كان ئۆڭكۈرىنىڭ ئىلگىرىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياپىتىنى قايتا نامايان قىلدۇردى.

«3 - نومۇرلۇق كان تومۇرى، گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى، ئايغۇز كان ئۆڭكۈرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇسلۇبىدىكى كونا ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ ھەممىسى قىزىل ساياھەتتىكى قىزىق نۇقتىلىق جەزمەن بارىدىغان جاي.» تەن شېڭلى مۇنداق دېدى: 4 - ئايدىن بۇيان، كۆرگەزمىخانا ساياھەتچىلەر ئېقىمى يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈندە كۆرگەزمىخانىغا كىرگەنلەرنىڭ سانى 1000دىن ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قېزىش ۋە بىرىكتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى. «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قىزىل بازىنىڭ تارىخىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كان رايونى خىزمەتچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلادنىڭ كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت» دېدى تەن شېڭلى.

قىزىل ھېكايىنى ئاڭلاپ، قىزىل ئىزلارنى ئىزدەش. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بىر توپ ياشلار، ئۆسمۈرلەر كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىدا تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش ساياھىتى قىلىپ، كان رايونىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى قىزغىن مەنزىرىسىنى ھېس قىلدى.

كۆكتوقاينىڭ قىزىل مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاشۇ تارىخقا ئاساسەن، كۆكتوقاي كۆلىمى 29 مىڭ مو كېلىدىغان تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لاگېرى بەرپا قىلىپ، تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش ساياھىتى پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.

كۆكتوقاي تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لاگېرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياۋ بىڭجيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل تەربىيە ۋە ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە مەنىۋى كۈچنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.