تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلار يول بىلەن بىللە تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە قالدى

قىزىل ئىزنالار (23)

مايتاغ - كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە.

تىيانشان تېغىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 562.75 كىلومېتىر بولۇپ، تۆت مۇز داۋان، بەش دەريادىن ئۆتىدۇ، يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر دائىم دېڭىز يۈزىدىن 4000 - 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يول بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلغاچقا، ھەر ۋاقىت ھايات - ماماتلىق سىناققا دۇچ كېلەتتى. □ سۈرەتنى مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى جۇڭگو تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى بىر ئابىدە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يولنى ياساش ئۈچۈن جەمئىي 168 يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەر ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 31 ياشتا، ئەڭ كىچىكى 16 ياشتا ئىدى.» 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، نىلقا ناھىيەلىك ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىدىكى 20نەچچە ئوت مۇداپىئە كوماندىر - جەڭچىسى پېشقەدەم يول ياسىغۇچى ئەسكەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ باشقۇرغۇچىسى چېن جۈنگۇينىڭ يېتەكلىشىدە، قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ روھى ۋە يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلدى.

1974 - يىلى، نەچچە ئونمىڭ يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەر تىيانشان تېغىغا قاراپ ئاتلاندى، ئون يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شىمالدا مايتاغدىن باشلىنىپ جەنۇبتا كۇچاغا تۇتىشىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى تۇنجى دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى − مايتاغ - كۇچا تاشيولى 1983 - يىلى 9 - ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇ «كۆككە تاقاشقان يول»دا، ھەر ئىككى - ئۈچ كىلومېتىر ئارىلىقنى بىر ساداقەتمەن روھ ساقلاپ كەلمەكتە، ئۇلار پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يول بىلەن بىللە تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە قالدى!

بىر تال موما بىر ئۆمۈر ساقلاش

نىلقا ناھىيەسىدىكى مايتاغ - كۇچا تاشيولى بىلەن S315 دۆلەت يولى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، پېشقەدەم يول ياسىغۇچى ئەسكەر چېن جۈنگۇينىڭ بۇ يەرنى چىڭ ساقلاۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولدى. ھەر قېتىم ياد ئېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئۇچراتسىلا، ئۇ دائىم «بىر تال موما»نىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

1974 - يىلى، سابىق ھەربىي كومىتېت قۇرۇلۇش قىسمىنىڭ 4 - قۇرۇلۇش رايونى بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ ئۆزىگە قاراشلىق قۇرۇلۇش قىسمىدىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى باشلاپ شىنجاڭ تىيانشان تېغىدا مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساشقا ئاتلاندى.

تىيانشان تېغىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا تۆت مۇز داۋاندىن، بەش دەريادىن، ئۈچ ئېگىز تاغ تونېلىدىن، 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق تىك يار - چوڭقۇر ھاڭلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە تاغ يېرىپ تاش چېقىش زۆرۈر بولۇپ مەشغۇلات جاپالىق، خەتىرى زور ئىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 168 يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەر بۇ يەردە قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېن جۈنگۇينىڭ سەپداشلىرىمۇ بار.

1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان شىۋىرغان چىققان. بۇ يەردە مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساۋاتقان قۇرۇلۇش قىسمىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى 1500دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاپسىلىپ قالغان، تېلېفون سىمى ئۈزۈلۈپ كەتكەن. نۆلدىن تۆۋەن 30نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھاۋا رايىدا، 21 ياشلىق يېڭى ئەسكەر چېن جۈنگۇي بەنجاڭ جېڭ لىنشۇ، مۇئاۋىن بەنجاڭ لو چياڭ ۋە سەپدىشى چېن ۋېيشىڭغا ئەگىشىپ بۇيرۇققا بىنائەن بۇ قىسىمغا: ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يىغىلىپ قالغان قارنى تازىلاپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاغ باغرىدىكى قىسىمنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ماسلىشىڭلار دېگەن بۇيرۇقنى يەتكۈزۈشكە ماڭغان.

«بىز تۆتەيلەن پەقەت بۆرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان بىر تاپانچا ۋە 20نەچچە موما ئېلىۋالغانىدۇق، يولدا قارنىڭ چوڭقۇرلۇقىنىڭ بىر مېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى نەدىن بىلەيلى، دەسلەپتە ئاران ماڭالىدۇق، كېيىن ئۆمىلەپ ماڭدۇق، يەنە شىۋىرغانغا ئۇچراپ، ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە قاپسىلىپ قالدۇق، ئېلىۋالغان مومىدىن پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىرسىلا قالدى» دېدى چېن جۈنگۇي، قار ئۆڭكۈرىدىكى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە ئىكەن.

ھايات - ماماتلىق پەيتتە، بەنجاڭ جېڭ لىنشۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر مومىنى چىقىرىپ «چېن جۈنگۇي يېڭى ئەسكەر، يېشى ئەڭ كىچىك مومىنى ئۇ يېسۇن» دېگەن، بەنجاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، چېن جۈنگۇي كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ بۇ مومىنى يەۋەتكەن.

بەنجاڭ جېڭ لىنشۇ قۇربان بولغان، مۇئاۋىن بەنجاڭ لو چياڭمۇ قۇربان بولغان، چېن ۋېيشىڭ بىلەن چېن جۈنگۇي ئېغىر دەرىجىدە ئۈششۈپ قالغان بولسىمۇ، ھايات قالغان.

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، چېن جۈنگۇي ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلىرىنى سۈرتتى، نىلقا ناھىيەلىك ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي جياۋداۋيۈەنى شۈ چۇاڭفېڭ ئىختىيارسىز قولىنى كۆتۈرۈپ چاس بەردى.

«مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساش جەريانىدىكى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانە ھەرىكىتى ھەربىرىمىزنىڭ ئەستە چىڭ ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، مەن تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادەم بىلەن، شەرەپلىك ھەم ئۇلۇغ ئوت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئاتلىنىمەن» دېدى شۈ چۇاڭفېڭ.

روھقا ۋارىسلىق قىلىش كۈچ يەتكۈزۈش

قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا جايلاشقان مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

«يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا يول ياساۋاتقاندىكى سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم» دېدى قاراماي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى (جۇڭيى دوختۇرخانىسى) دورىگەرلىك بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

مۇزېيدىكى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا ئىنقىلابىي قۇربان لى شەنگو قالدۇرۇپ كەتكەن بىر يۇڭ ئەدىيال ۋە بىر قول سائەت بار ئىدى. «لى شەنگو ئاساسىي قۇرۇلۇش قىسمى 12 - تارماق ئەترىتى 112 - تۇەن 3 - يىڭ 7 - ليەنىنىڭ جىداۋيۈەنى بولۇپ، بەل ۋە ئاشقازان كېسىلى بار ئىدى. 1976 - يىلى 7 - ئايدا، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقاندا، خوتۇنى زېڭ جاۋيىڭ جۇڭيى دورىلىرىنى ئېلىپ ۋۇخەندىن ئۇنى يوقلاپ كەلگەن. قىسىم نىزامى بويىچە، ئۇ ئەسلىدە دەم ئالسا بولاتتى، ئەمما قۇرۇلۇش مۇددىتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولغاچقا، لى شەنگو قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئايرىلماي، سەپداشلىرىغا تاغدىن چۈشۈپ خوتۇنىنى تاغقا ئېلىپ چىقىشنى ھاۋالە قىلغان. 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، زېڭ جاۋيىڭ كېلىپ ئۈچىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى شەنگو قۇرۇلۇش مەيدانىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاغ جىنسلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ قېلىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان. ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن بىر ئەدىيال ۋە بىر قول سائەت زېڭ جاۋيىڭغا نەچچە ئون يىل ھەمراھ بولغان.» مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيىنىڭ باشلىقى بى خۇڭبىن مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيىنى سالغاندا، زېڭ جاۋيىڭ قەدىرلەپ ساقلاۋاتقان بۇ ئىككى بۇيۇمنى ئىئانە قىلغان.

بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى مۇزېيى ئېچىلدى. 70 نەچچە ياشلىق پېشقەدەم يول ياسىغۇچى ئەسكەر جاۋ يۇڭيى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلدى، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 46 نەپەر پېشقەدەم يول ياسىغۇچى ئەسكەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى.

ئىنقىلابىي قۇربان چېن جيەنلۇ قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى قالدۇرۇپ كەتكەن كۈندىلىك خاتىرە، پېشقەدەم ئەسكەر شيا شۈنشىنىڭ تېنىدە 25 يىل ساقلىنىپ قالغان تاش... مۇزېيدىكى سەپداشلىرىنىڭ تەۋەررۈك بۇيۇملىرى ۋە ئىشلەتكەن پولات سۈمبە، جوتۇ، كان چىرىغى، يەنە قەھرىتان سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كىيگەن جۇۋىلارنى كۆرۈپ، جاۋ يۇڭيى سەپداشلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى بىللە ياسىغان ۋاقىتلارنى ئەسلىدى.

«دائىم دېڭىز يۈزىدىن 4000 - 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايلاردا يول ياسايتتۇق، ئۇ يەردە يىل بويى قار ئېرىمەيتتى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. قار كۆزنى چېقىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن سەپداشلار قار قارىغۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېگىز، سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولغاچقا، ھەممە ئادەمنىڭ قاپىقى ئىششىپ، كالپۇكى يېرىلىپ كېتەتتى، يەنە قار كۆچۈش، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا ئۇچرايتتۇق، ھەر ۋاقىت ھايات - ماماتلىق سىناققا دۇچ كېلىمىز دېيىشكە بولاتتى.» جاۋ يۇڭيى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا قىسىمدا مۇنداق بىرنەچچە جۈملە سۆز مودا بولغانىدى: «قان - تەرىمىز تىيانشان تېغىغا تۆكۈلدى، ھاياتىمىزنى كىم ئۈچۈن تەقدىم قىلىمىز؟ دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن؛ ئەر - خوتۇنلار ئايرىلىپ تۇرغىلى ئون يىل بولدى، بەخت قەيەردە؟ ھەممە ئائىلە جەم بولىمىز ئەمدى».

ئەڭ گۈزەل تاشيول داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىش

ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرى 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇل مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا ئاتلىنىدۇ. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ئۈچەك مەزگىلى ئۆتۈپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول» دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ تىيانشان تېغى تاشيولى ئويغىنىدۇ.

ئەگرى - بۈگرى مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ماڭغاندا، بىر تەرىپى تىك تاغ، بىر تەرىپى چوڭقۇر جىلغا بولۇپ، مەنزىرىسى ئاجايىپ، خەتەرلىك، گۈزەل. تاغلىق رايوننىڭ ھاۋا رايى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، بەزىدە يامغۇر، بەزىدە قار يېغىپ، بىر كۈندە تۆت پەسىلنى، ئون چاقىرىمدا ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 562.75 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 280 نەچچە كىلومېتىر يول بۆلىكى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ ھەيۋەتلىك چوققىلار، چوڭقۇر جىلغىلار ئىچىدە بولۇپ، قارلىق تاغ، جىلغا، دەريا ئېقىنى، ئوتلاق، سۇلۇق يەر قاتارلىق رەڭدار مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ، «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «تىيانشان تېغىنىڭ ئومۇرتقىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىرە يولى» دەپ باھالانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتى ۋە دىققىتىنى تارتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مايتاغ - كۇچا تاشيولى شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە «توردا ئالقىشلانغان تاشيول»غا ئايلاندى، ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بىر كۈندە قاتنىغان ئاپتوموبىل 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»دا مېڭىپ، چەكسىز مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، روھىي جەھەتتىن چېنىقىدۇ.

«بۈگۈن بىزنىڭ بۇ تاشيولدا ماڭالىشىمىز ئەينى يىللاردىكى يول ياسىغۇچىلاردىن، ئاشۇ بىر توپ <ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر>دىن ئايرىلالمايدۇ.» نىلقا ناھىيەلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ فەن مۇنداق دېدى: يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جەرەنلەرمۇ كۆرۈپلا ئارقىغا داجىيدىغان داۋاندا قەتئىيلىك بىلەن تونېل قېزىپ، يول ياساپ، ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى يەڭدى. 168 يول ياسىغۇچى ئوفىتسېر - ئەسكەر تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى، قارلىق چوققىدىكى شەمشاد ئۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.