تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

​− 2021 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، دىڭ شياۋشى، ليۇ شو

«ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، <تۆت خاھىش>نى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى.

ئىلگىرىكىدەكلا، يىغىندا يەنە بىر قېتىم دىققەت ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، «2021 - يىللىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە «2021 - يىللىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە بولۇشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا بوشاشماي، قەدەمنى توختاتماي، قايتا يولغا چىقىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

2021 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىنى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىنى كۈتۈۋالدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، يۈكسەك جاسارەت بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا ئاتلاندى.

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش

100 يىللىق كۈرەش سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى پۈتتى؛ ئۇلۇغۋار مۇساپە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى يېتىلدۈردى.

«پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىل تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە ئېلىپ كىرىپ، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك».

2021 - يىلى 1 - ئايدا، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى باسقۇچتا پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساسىي رىتىم بېكىتىپ بەردى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

100 يىللىق قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى باشتىن - ئاخىر ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئۇنى بىزنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئايلاندۇردى.

مەۋقە تارىخنىڭ يېپيېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كىرىپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى قايتا ئەسلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

− قىزىل ئىنقىلابىي كونا ئورنىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى قايتا ئەسلىدى.

2021 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭجياگوۋ ئىنقىلابىي كونا ئورنىغا كەلدى. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە كوممۇنىستلارغا «تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزمەسلىك» قائىدىسىنى بېكىتكەن: «پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغاندىمۇ، پارتىيە ئىچىدە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ».

چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا كوممۇنىستلارغا بېكىتىلگەن «تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزمەسلىك» «سوۋغا بەرمەسلىك» قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەھۋالنى بىرمۇبىر ئېدىتلىدى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، <تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزمەسلىك>نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ <قەدەھنى ئاز تۇتۇش>نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىز ھازىر ھاراقنى ئاز ئىچىدىغان بولدۇق؛ <ئادەم ئىسمىنى يەر نامى قىلماسلىق>، بۇنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

بۈگۈنگە قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك».

− پارتىيە تارىخىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلىدى.

2021 - يىلى «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، بېيجىڭ داشۆدىكى قىزىل بىنا، فېڭزېيۈەندىكى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئېكسكۇرسىيە بىلەن مۇزاكىرە ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇردى.

«دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ جۇغلىنىشىغا ئېھتىياجلىق، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق»، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنقىلاب قىلىش ۋە جان تىكىش روھىنى يوقىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، كەمتەر - ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق - ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇش ئەنئەنىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەتنى يوقىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

بىۋاسىتە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە نەق مەيداندا ئوقۇتۇش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى باشتىن - ئاخىر شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

− باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش يولىنى ھېس قىلدى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختاتتى: «ھازىر بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز ماددا ئىچىدە، يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش ياخشى ئىشلىنىۋاتىدۇ، يەنىلا قايتا - قايتا سۆزلەش، قايتا - قايتا تۇتۇش كېرەك...»

«سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىش كېرەك» دېدى باش شۇجى كەسكىنلىك بىلەن.

2021 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش مەسىلىسى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىندى، پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارى − «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

«مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» قارارغا كىرگۈزۈلدى، بۇ قارار يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە تەجرىبە بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېئاللىقنى ئەينەك ۋە ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تارىختىن ئىلھام ئېلىپ، تارىختىن كەلگۈسىنى ئىگىلىدى.

ھازىر، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، بىز 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، يېڭى مۇساپىنى باشلاشتىكى ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، بىز پۇختا ئىستىل ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.

«خەۋپ - خەتەر قانچە چوڭ، خىرىس قانچە كۆپ، ۋەزىپە قانچە ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى قوزغىتىپ، ئوبراز تىكلەپ، خەلق رايىنى ئۇتۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي بولدى.

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش تېمىسى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشكەن «پارتىيە دەرسى» پارتىيەنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىدا باشلاندى.

نەق مەيداندىكى كەڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارغا يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ ھەممىسى بىزنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىشى كېرەك».

يېڭى مۇساپىگە قەدەم تاشلاپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش خىسلىتىنى ئۇرغۇتقاندا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن «يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» «يېڭى سەھىپە پۈتۈش»نىڭ تارىخىي تۈگۈنىدە تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلىش

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

2021 - يىلى، 2022 - يىلى ئۇدا ئىككى يېڭى يىلدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي نەق مەيدانغا بېرىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر تەلەپ قىلدى.

بۇ ھەقتە، ئۇ ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوت باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇپ، چىرىكلىكنى توسۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قار - مۇزدەك پاك - پاكىز ئۆتكۈزۈش كېرەك».

ئىقتىسادچىللىق، پاكلىق ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى.

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى قاتارلىق يىغىنلاردا ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار قارالمىدىن ئايرىم - ئايرىم 20سى ۋە 9ى بار؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش، قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلارنى تۈزەش قاتارلىقلارغا قارىتا 60 نەچچە قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ھەرىكەت ئاۋازسىز بۇيرۇق، ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ، ئومۇم ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش −

2021 - يىلى 5 - ئاي، خېنەن نەنياڭ؛ شۇ يىلى 9 - ئاي، شەنشى يۈلىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش سەپىرىدە ئاپتوموبىلدىن ۋاقىتلىق چۈشۈپ، ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛

شەندۇڭ دۇڭيىڭ غالىبىيەت نېفىتلىكىدە، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەش ئۈچۈن، باش شۇجى تۆمۈر شوتا بىلەن ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇرغىلاش سۇپىسىغا چىقىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛

خۇاڭخې دېلتىسى يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كېلىپ، باش شۇجى ئېتىزغا كىرىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ بىر تال سەي پۇرچاقنى ئۈزۈپ، بىر تال پۇرچاقنى ئاقلاپ، ئاغزىغا سېلىپ يۇمشاق چايناپ: «پۇرچاق ناھايىتى ياخشى ئوخشاپتۇ» دېدى؛

...

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي، تاغ - دەريالارنى كېزىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا رايونلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سورىدى، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان چوڭقۇر ھېسسىيات −

گۇيجوۋ چيەنشى ناھىيەسىنىڭ خۇاۋۇ كەنتىدە مياۋزۇلارنىڭ بىر يىڭنە - بىر يىپتىن كەشتىلىگەن كەشتىسىنى «نېمىدېگەن ئېسىل» دەپ ماختىدى؛ فۇجيەن شاشيەن ناھىيەسىنىڭ يۈباڭ كەنتىدە شاشيەن ناھىيەسىنىڭ يېمەكلىكلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ گۇاڭشى چۈەنجوۋنىڭ ماۋجۇشەن كەنتىدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىغا تۆھپىنى زېمىنغا پۈتۈشنى تاپىلىدى...

تەپسىلىي كۆردى، شۇنداقلا ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر جايغا بارغاندا قىيىنچىلىقى بار ئامما، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىللە كىرىمنى ھېسابلاپ، ئۆزگىرىش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى.

بۇ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئالىيجاناب سالاپىتى −

جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۇچرىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى...

بۇ بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بۇلۇت دىپلوماتىيەسى»نى زىچ قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق 120 نەچچە مەيدان مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، توختىماي ئىشلەپ «ئۆزىنى ئۇنتۇغان» خىزمەت ھالىتى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى.

يولداش لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا يولداشلار ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئاساسلىق باشقۇرىدىغان جاي، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە ۋە تارماقلارنى تۇتۇشتىن باشلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىزچىللاشتۇردى، ئىجرا قىلدى −

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش جەھەتتە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئەزالىرى جايلارغا بېرىپ جەمئىي 228 قېتىم 600 كۈن تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بۇ، كىشى بېشىغا 13 قېتىمدىن 35 كۈندىن توغرا كەلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھەشەمەتسىز يولغا چىقىش، ئەمەلىيەتچىل، تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇردى.

يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش جەھەتتە، مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىنلارغا قارىتا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىدى. نۇرغۇن يىغىن، پائالىيەتلەر تېلېۋىزىيە - تېلېفون شەكلىدە ئېچىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا «ئەسلىي ئاۋازنى ئاڭلاش، ھەقىقىي ئادەمنى كۆرۈش» پۇرسىتى يارىتىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەينەن ھالدا ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى، بىرىنچى سەپكە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.

ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش جەھەتتە، «مەركەزنىڭ ھۆججەت تۈزۈش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى چىقىرىپ، ھۆججەت تۈزۈش، تۈر تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھۆججەت تارقىتىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ھۆججەت تارقىتىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئۆلچىمىنى قاتتىق تىزگىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار شەخسىي ئەسەرلىرى، نۇتۇق كىتابچىلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلمىدى، ھەمدە تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىش، كىرىش سۆزى، بېغىشلىما، مۇقەددىمە يېزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.

زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە سىن، تېلېفون «بۇلۇت دىپلوماتىيەسى» شەكلى ئاساس قىلىندى. زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىدە ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، خىراجەت، چىقىمنى تېجەپ، «دىپلوماتىيەنى تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن قانات يايدۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە، ھەجىم، خەت سانى، بەت ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىت بۆلىكى، ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆتكەلنى داۋاملىق قاتتىق ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى، ھەجىمنى تېخىمۇ ئىخچاملىدى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇردى.

قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە، تىزگىنلەشنى ئازايتىپ يوللارنى قامال قىلماسلىق، ئېھتىيات دائىرىسىنى تارايتىپ مەيدانلارنى تازىلىماسلىق، سارايلارنى تاقىۋالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە دەخلى يەتكۈزۈشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، بىخەتەرلىك ئۈنۈمى، سىياسىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش جەھەتتە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ، ئائىلىسىنى پاك باشقۇرۇپ، ئىشخانا، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەت، تۇرمۇش تەمىناتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.

چوڭ ئىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، توختىماي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشنىڭ روشەن سىگنالى تارقىتىلدى.

ئاچقۇچلۇق تۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، چىڭ قادىلىپ قويۇپ بەرمەي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولدى.

«ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ - ئىچىش، يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل، ناچار ئىللەتلەر باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، قايتا - قايتا زەربە بېرىش كېرەك.» 2021 - يىلى 1 - ئايدا ئېچىلغان 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

− 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

باشتىن - ئاخىر «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي ئورگان قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <بىرىنچى قول> ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە قارىتا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ئاشكارا ئېلان قىلىندى. پارتىيەمىز «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشقا قارىتا تۈزگەن تۇنجى مەخسۇس ھۆججەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىكىردە «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا بولغان نازارەتچىلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىنى باشقۇرۇشتا پاك - دۇرۇس بولۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك - دۇرۇس سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ»، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

− «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق «تۆت خاھىش» سىجىل تۈزىتىلىپ، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇلدى.

«پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن جەمئىي 11 مىڭ 24ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 16 مىڭ 483 كىشىگە تەنقىد - تەربىيە بېرىلدى، ياردەم بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى.» 2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2021 - يىلى 11 - ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئايلىق سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. بۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئايلىق سانلىق مەلۇماتنى ئۇدا ئېلان قىلغان 99 - ئاي ھېسابلىنىدۇ.

ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى بوشاشماي چىڭ تۇتتى.

يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي توسۇشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتىن، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىلىرى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقىچە، يەنە ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈشكىچە...

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ئەمەلدارلىق ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش، ئىمتىيازنى كۆز - كۆز قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

2021 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 44 مىڭى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن 47 مىڭى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

− ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىستىل ياخشىلاندى، ئىستىل ئۆزگەرتىلدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ياشانغانلارنىڭ «ھالىدىن خەۋەر ئېلىش - پەرۋىش قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ «يېمەك - ئىچمەك» ۋە «يول يۈرۈش» بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ «قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇتقۇزۇش»قا تۈرتكە بولۇندى...

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك، ئىستىل مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تۈزىدى.

دىققەتنى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان ھەق ئېلىش، خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق «ئامما ئەڭ ئاغرىنىۋاتقان، ئەڭ نەپرەتلىنىۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تىرىشىش يۆنىلىشى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى. 2021 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن جەمئىي 137 مىڭى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

− قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش - بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتلارنى قاتتىق توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش - خەتەردىن قۇتقۇزۇش داۋامىدا ئىقتىدار سىنىقىنى قوبۇل قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا پۇختا ئىستىل يېتىلدۈرۈلدى...

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىستىل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن نۇقتىلىق خىزمەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان ئىرادە، ئىستىلنى چىڭىتىپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئىستىلنى سىنىدى، تاۋلىدى.

ئىمتىھانغا بېرىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، قەتئىي بوشاشماي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوقۇم ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.