پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى
ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىن ئىشى، ئاممىنىڭ باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش» پائالىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، سەپەرۋەر قىلىش، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشنى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغارلار يېتەكلەش، تىپلار يول باشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خەلق چاكىرىلىق ئېڭى ۋە خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، خىزمەتكە تەتبىقلاپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى دەل تېپىپ، ئەمەلىي تېپىپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسى غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇشقا قويۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پائال تۈردە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى ئىزناك تاقاش، پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش، ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا يار يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئېھتىياجلارنى چۆرىدەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ھالقىمۇھالقا چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە تەلەپلىرىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئىزچىللاشتۇرۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈش، پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ھەل قىلىدىغان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى خەلق ئۈچۈن ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى پائال يارىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىق كېرەك.