تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (21)

1979 - يىلى

1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۆتكەشنى قارار قىلدى.

1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە تارىختىن قېپقالغان بەزى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قارار»نى چىقىرىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ۋە تارىختىن قېپقالغان بەزى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلدى. «قارار» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەركەزنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تېلېگرامما بۇيرۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى ھەربىي رايونىغا رەسمىي ئۆزگەرتىلدى.

5 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ «تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىش، تەرتىپكە سېلىش، ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت تەپەككۇرى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق 1 - قېتىملىق مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يىغىنى شىخەنزە شەھىرىدە ئېچىلدى.

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش.

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇشنى تەستىقلىدى.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قاراماي نېفىتلىكى بەيكوۋچۈەن يېڭى نېفىت رايونى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى.

8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا غەلىبىلىك ھالدا كورلىغىچە رېلىس ياتقۇزۇلدى. بۇ تۆمۈريول تۇرپاندىن كورلىغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 456.9 كىلومېتىر، يول بويى 29 تونېل (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 33 كىلومېتىر)نى كېسىپ ئۆتىدۇ، 492 تۆشۈكلۈك كۆۋرۈك (ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر) سېلىندى، 251 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ دۆڭ يول ياسالدى.

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق 5 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلدى.

10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاسفالت يول قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، جەنۇبىي شىنجاڭدا قەشقەرگىچە قاراماي ياتقۇزۇلغانلىقى، شىمالىي شىنجاڭدا كۈنەسكىچە قاراماي ياتقۇزۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 23 مىڭ 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق قاتناش مۇساپىسىدە 6800 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئاسفالت يول ياسالدى.

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قومۇل − يامانسۇ يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ 110 كىلوۋولتلۇق لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 132 كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى.

11 - ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاكىستانغا ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن قاراقۇرۇم تاشيول قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي پۈتتى ھەم پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

□ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \ لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.