تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (20)

1977 - يىلى

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى  جوۋ ئېنلەي خاتىرە مۇنارى شىخەنزىدە تۇرغۇزۇلدى.

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى  دۆلىتىمىزنىڭ تاغقا چىقىش ئەترىتى تۇنجى قېتىم تىيانشاندىكى ئەڭ ئېگىز چوققا − تۆمۈر چوققىسىغا چىقىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ۋەتىنىمىز زېمىنىدىكى تۆمۈر چوققىسىنىڭ پەللىسىگە قادىدى.

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سوتسىيالىستىك دوستلۇق مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورتاق قارار قىلدى.

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى خۇا لوگېڭ مەملىكەت بويىچە «ئەلالىرىنى تاللاش ئۇسۇلى»نى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە ئەترىتىنى باشلاپ ئاپتونوم رايونغا كېلىپ، «ئەلالىرىنى تاللاش ئۇسۇلى» «بىرتۇتاش پىلانلاش ئۇسۇلى»نى ئومۇملاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى  «شىنجاڭ گېزىتى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى  «شىنجاڭ گېزىتى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە قەدىمى قەبرىستانلىقنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ، شىنجاڭ رايونىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن قۇللۇق جەمئىيەتكىچە بولغان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن قىممەتكە ئىگە.

1978 - يىلى

1 - ئايدا  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋاڭ فېڭنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىغا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1 - جېڭۋېيلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

3 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «كادىرلار سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

5 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرۇلدى.

5 - ئايدا  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىدا بىردەك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى.

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى  جۇڭگو - پاكىستان تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى.

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە  ئاپتونوم رايون ئىلىم - پەن يىغىنى ئېچىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ 1978 - يىلىدىن 1985 - يىلىغىچە بولغان پەن - تېخنىكا تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى ماقۇللىدى.

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، «ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى» دېگەن بۇ ئىلمىي ھۆكۈمنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈردى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، لىن بياۋ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئىدىيە، نەزەرىيە مەسىلىسىدە پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى سىستېمىسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى.

12 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە  پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۆتكەشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىر چىقىرىلدى.

□ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

□ سۈرەتلەرنى رەتلىگۈچى \لايىھەلىگۈچى لياڭ ۋېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.