بۇرچىن جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى:
قىزىل تارىخنى خاتىرىلەپ، مەنىۋى كۈچكە ۋارىسلىق قىلىش
قىزىل بازىلارغا زىيارەت ⒄
5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيىدا، كىچىك دوستلار شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلىمەكتە. □ سۈرەتنى بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لو ياڭشۆ
بۇرچىن شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە شەھەر. جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى ۋەكىللىكىدىكى قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى نۇقتىسى خۇددى قىزىل يەر بەلگىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇنتۇلغۇسىز قىزىل ھېكايىلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، چۆچەكلەردىكىدەك بۇ چېگرا شەھەرنىڭ تارىخىي ئابىدىسىگە ئايلانغان.
«1901 - يىلى جۇڭگو تەرەپ بۇرچىندا پىرىستان تەسىس قىلغان ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى رۇسىيە تەرەپ بىلەن قەرەللىك قاتناش باشلاپ، سودا ئالاقىسى ۋە خەلق ئىشلىرى ئالاقىسى قىلغان؛ ئەسلىدە ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە، پىرىستانىمىز دۆلەت ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان...» 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەندە، بۇرچىن جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى ئالدىدا ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. چۈشەندۈرگۈچى ۋاڭ شۈچىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىك ئېكسكۇرسىيە لىنىيەسىنى بويلاپ بىر تەرەپتىن ماڭغاچ، ئاڭلىدى، كۆردى، ھېس قىلدى.
«يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە شۇنچە كۆپ تەسىرلىك مەنىۋى كۈچ بار، بىز ساياھەت قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھېس قىلىپ، تارىخنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش جاسارىتىمىز، كۈچىمىزنى ئاشۇرىمىز.» بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىر ساقچىسى يەن چۇنخۇڭ ساياھەت قىلغاچ ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدى.
بۇرچىن جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بۇرچىن بازىرى خېبىن يولىدىكى جۇڭگو - رۇسىيە كونا پىرىستانى ئۆرپ - ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان، ئۇنىڭدا بۇرچىننىڭ ئۆزگىچە قىممەتلىك جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى تارىخى خاتىرىلەنگەن ۋە نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە دۆلەتنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى، خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى ۋە قىزىل ئەسلىمىسى.
«نۆۋەتتە، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بازىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى بازىسى، ۋىلايەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بولۇپ باھالاپ بېكىتىلدى. 2019 - يىلى بۇرچىن ناھىيەسى خاتىرە ساراينى قوغداپ رېمونت قىلىپ ۋە كۆرگەزمە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەسلىي ئورنى ۋە سۇ تىرانسپورتى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىدى» دېدى مۇخبىرلارغا جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيىنىڭ مەسئۇلى دۇ خۇەن.
بۇرچىن جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيىغا كىرسىڭىز، ئېرتىش دەرياسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان پىرىستاندىكى مەشغۇلات كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، سۇ يولى تۇتاش بولغان قولايلىق شارائىتقا تايىنىپ، 1901 - يىلى جۇڭگو تەرەپ بۇرچىندا پىرىستان تەسىس قىلىش ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى رۇسىيە تەرەپ بىلەن قەرەللىك قاتناش باشلاپ، سودا ئالاقىسى ۋە خەلق ئىشلىرى ئالاقىسى قىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا كەلگەندە، كۆكتوقاي رۇدىسىنى يۆتكەپ توشۇپ ئېكسپورت قىلغاچقا، بۇرچىن پورتى ئەڭ گۈللىنىش باسقۇچىنى كۈتۈۋالغان. كېيىن جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، 60 نەچچە يىل سىجىل باردى - كەلدى قىلغان ئېرتىش جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتىدا ئاخىر 1962 - يىلى قاتناش توختىتىشنى جاكارلىغان.
1960 - يىلى جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگودىن قەرز سۈيلىگەن، ئىچكى جەھەتتە قىيىنچىلىقتا قالغان، تاشقى جەھەتتە بېسىمغا ئۇچرىغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەركەز كۆكتوقايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن قەرز قايتۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلق سۇ تىرانسپورتى ئارقىلىق كۆكتوقاي رۇدىسىنى ئېكسپورت قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇشتەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. دۆلەتنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆكتوقاي بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ئېتىقادى ۋە خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئورۇندىغان.
«رۇدا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇرچىندا مەخسۇس تاشقى تىرانسپورت 8 - ئەترىتى قۇردى، 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل مۇشۇ يولدا بۇرچىن بىلەن كۆكتوقاي ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ قاتنىدى، ئەينى چاغدىكى تىرانسپورت ئەترىتىنى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، نۇرغۇنلىغان رۇدا توشۇپ، ئېكسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملىدى دېيىشكە بولاتتى، بۇ ئىسمى - جىسمىغا لايىق تۆھپىكار ئاپتوموبىل ئەترىتى ئىدى» دېدى ئەينى يىلىدىكى رۇدا توشۇغان شوپۇر سۈن جىلياڭ ئەسلەپ.
سۈن جىلياڭ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئەسلا يول يوق ئىدى، قەيەر تۈز بولسا شۇ يەرگە قاراپ ماڭاتتۇق، پاتقاق يولغا ۋە قىش پەسلىدىكى قار - شىۋىرغانلىق كۈنلەرگە يولۇققاندا مېڭىش تېخىمۇ تەسكە توختايتتى. 300 كىلومېتىر كېلىدىغان يولنى ھازىر ئۈچ سائەتتىلا بېسىپ بولغىلى بولىدۇ، ئەينى چاغدا تۆت توننا رۇدا قاچىلانغان ئاپتوموبىل سائىتىگە ئاران 20 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرەلەيتتى، بىر قېتىم بېرىپ - كېلىش ئۈچۈن ئۈچ كېچە - كۈندۈز كېتەتتى.
ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلى بۇرچىن ناھىيەسىدە قۇم - بوران ئەڭ كۈچلۈك، پاشا ئەڭ كۆپ بولىدىغان پەسىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تىرانسپورتى مەزگىلى قىسقا، ۋەزىپە ئېغىر ئىدى، ئەڭ جىددىي ۋاقىتتا ھەر كۈنى پاراخوتقا 400 توننا رۇدا قاچىلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا توغرا كېلەتتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، بۇرچىنلىقلار «ئاچلىق ئۆتكىلى»، «پاشا ئۆتكىلى»، «كېچە - كۈندۈز ئۆتكىلى»نى يېڭىپ، رۇدىلارنى خالتا - خالتىغا قاچىلاپ يۈدۈپ پىرىستانغا ئاپىرىپ بەردى. ئۇلار ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى بىلەن دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى سۇ تىرانسپورتى تارىخىي ماتېرىياللىرىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىپ، سۇ تىرانسپورت يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ رېمونت قىلدى ۋە كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلاندى، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتىدىن ئىبارەت بۇ قىزىل تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى كادىرلارنى تەربىيەلەش بايلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، قىزىل تەربىيە بازىسىنى پائال بەرپا قىلدى.
تارىخ ئەڭ ياخشى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىكى، مول جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى تارىخى بۇرچىن تۇپرىقىغا سىڭىپ كىرگەن قىزىل ئەسلىمە بولۇپ، كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. ئېرتىش دەرياسىدىكى سۇ تىرانسپورتى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا ئاشۇ پۇشايمانسىز يىللارنى خاتىرىلىدى.
«جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى تارىخى مەدەنىيىتى ئالاھىدە يىللاردا ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان، ئۇنىڭدا تاۋلىنىپ چىققان جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان مەنىۋى كۈچ قىزىل گېننىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايون تۇپرىقىدىكى جانلىق كارتىنىسى. تارىخقا نەزەر سېلىپ، كەلگەن يولنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بۈگۈن بىز بۇ بۆلەك ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا ئەسلىگەندە، ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىغاندىن سىرت، يەنە ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش، سادىق بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئەمگەكچان، باتۇر بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە داۋاملىق يەتكۈزۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي.
ئېكىسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى:
بۇرچىن ناھىيەلىك جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى خاتىرە سارىيى 2012 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازىرى خېبىن يولىدىكى جۇڭگو - رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ - ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونى ئىچىگە جايلاشقان، ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەسلىي ئورنى ۋە سۇ تىرانسپورت تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورت ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي ئورنى 1952 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، رۇسچە ئۇسلۇبتىكى ئەنئەنىۋى توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت ھېسابلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 410 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 340 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى جۇڭگو - سوۋېت سودا ئالاقىسى، خەلق ئىشلىرى ئالاقىسى ھەمدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە دۆلەت ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇش جەريانىدا ياراتقان سۇ تىرانسپورتىنىڭ قىممىتى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتى نامايان قىلىنغان. پۈتكۈل كۆرگەزمە سارىيىدا جەمئىي 563 پارچە (نۇسخا) تارىخىي سۈرەت، سانلىق مەلۇمات گىرافىكى (نۇسخا)، 734 پارچە ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمە قىلىنغان ھەم ئىككى گۇرۇپپا قاپارتما نەقىش، بىر گۇرۇپپا تام رەسىمى، ئىككى تەقلىدىي كۆرۈنۈش ۋە قۇم مودېل، بىر تېلېۋىزور ئېكرانى، بىر كۆپ ۋاسىتىلىك چەكمە قويۇش رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ساراي ھەر دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە سائەت 10دىن 14كىچە، سائەت 16دىن 20گىچە ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن.