تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش

​− ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدىن خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چى   خەلق گېزىتى مۇخبىرى كۇاڭ شىشى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ھەممە يېڭى قىياپەتكە كىردى. بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ قورۇسىغا كىرسىڭىز، ھەممىلا جايدا ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش قىزغىن دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش قاتارلىق بەش مەسىلىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، سۆز قىلىشقا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش... تۆت كۈن ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىن كەلگەن كۇرسانتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى زىچ چۆرىدەپ تەتقىقات - مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. مەكتەپ قورۇسىدا، سەيلە قىلغاچ پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقانلارنى دائىم كۆرگىلى بولاتتى، ياتاقلارنىڭ چىراغلىرى دائىم يېرىم كېچىگىچە يورۇق تۇراتتى.

چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مول، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ۋە ناھايىتى كۈچلۈك رېئال يېتەكچىلىككە ئىگە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ جەزمەن پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش −

100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى، ئىلھامىنى ئۆزلەشتۈرۈش

2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، «14 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم، زور.

ئاچقۇچ تۇتۇلۇپ، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولۇندى، تۇتقا تۇتۇلۇپ، باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى.

«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا يۈزتۇرا دەرس ئۆتۈلدى، «ئاچقۇچلۇق بىر قېتىملىق دەرس» ياخشى ئۆتۈلدى. كۇرسانتلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق ھېس قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى سۆزلىگەن يېڭى يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ دەرسنىڭ ئىدىيە تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن تەشنالىقىمىز ئىنتايىن قاندى.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گويىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتىكى يۈزتۇرا كونسۇلتاتسىيە بولدى؛ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش باش تېما قىلىنغان بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيە دەرسى بولدى؛ باش شۇجى چىقارغان پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش توغرىسىدىكى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولدى».

قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021 - يىلىنى ئەسلىسەك، ئۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى −

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارى تۈزۈلدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى...

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

كۇرسانتلار تەتقىقات - مۇھاكىمە جەريانىدا بىردەك مۇنداق قارىدى: يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شانلىق يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىشى ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم، زور سىياسىي تۆھپىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ تارىخ، خەلق، دەۋرنىڭ تاللىشى.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى لى بىڭجۈن مۇنداق دېدى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت گۇيجوۋنىڭ تارىختىكى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولغان مەزگىلى بولدى. گۇيجوۋ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مۇتلەق نامراتلىق بەلگىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېلىپ تاشلىدى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىقتىساد، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى. بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزگە <ئىككىنى قوغداش>نىڭ ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ زور چوڭ ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى».

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: «<ئىككىنى تىكلەش> ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى بىر بۈيۈك سىمفونىيەنى ئورۇنلاشقا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا دىرىژور دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭ؛ نوتا پەقەت بىرلا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ دەل شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى. كۆپچىلىك بىرتۇتاش دىرىژورلۇققا بويسۇنۇپ، ئوخشاش بىر نوتا بويىچە، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسا، ئاندىن ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك، ئاجايىپ گۈزەل ئۇلۇغ سىمفونىيەنى ئورۇنلىيالايدۇ».

ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ھەم ئۆزگىچە بولغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، قانداق قىلغاندا دەۋر ئېقىنىدا جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا ياخشى جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى چەكسىز ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماركسىزم <ئوقى> ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت <نىشان>نى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ئىشخانىسىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك مۇدىرى شېن فاڭۋۇ مۇنداق دېدى: « پارتىيەمىز ئىزچىل نەزەرىيە تەپەككۇرىغا ماھىر سىياسىي پارتىيە بولۇپ كەلدى، ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ ھەممىسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ نەتىجىسى. نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدىكى قۇدرەتلىك قورال. پارتىيەنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيەدە قاتماللىشىپ قالماي، كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالماي، ئۆزۈمنى ئۆزۈم چۈشەپ قويماي، شى جۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىمەن».

يۇقىرى قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش −

مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش

يېڭى دەۋرنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى يېڭى ئىدىيەنىڭ يېتەكلەپ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئىككى ئاي ئىلگىرى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەھلىل يۈرگۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش - ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى توغرا تونۇش - تونۇيالماسلىقىمىز ۋە ئىگىلەش - ئىگىلىيەلمەسلىكىمىز، مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىش - بېكىتەلمەسلىكىمىزگە باغلىق. قاچانكى جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىگە توغرا ھۆكۈم قىلىنغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ».

ئىستراتېگىيەلىك پىلان مۇكەممەل تۈزۈلگەندىلا، ئىشلاردا غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ.

چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئاساسىي زىددىيەتكە ھۆكۈم قىلىش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. كۇرسانتلار بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ تەمىنى تېتىدى، پەلسەپىۋى ئەقىل - پاراسەتنى ئۆزلەشتۈردى.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ چىن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپە چىڭ كۆزلىنىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ئىگىلىنىپ، نەزەرىيەۋى بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن ئەمەلىيەت مېتودولوگىيەسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىندى، تۈرتكە بولۇندى، بۇ، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىلمىي كۆرسەتمىسى. يېڭى مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرغان خېيلۇڭجياڭ سىياسىي يۈكسەكلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىش، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، خېيلۇڭجياڭنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ۋەتەننىڭ <شىمالىي دەرۋازىسى>نى ياخشى قوغدايدۇ، بۇ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇشتىكى زۆرۈر تاللاش».

پارتىيە ۋە خەلق جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى.

بۇنىڭ «شىفىرلىق ئاچقۇچ»ىنى تەھلىل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز دائىم مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور تارىخىي تېمىلارنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن تونۇپ، تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكا تۈزۈپ چىقتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ سان - ساناقسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ شاڭجياڭ دەرىجىلىك جېڭۋېيسى لى فېڭبياۋ مۇنداق دېدى: «ئىستراتېگىيە يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، تاكتىكا پۇرسەتنى ئىگىلەيدۇ. ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى ھەم بىر پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەم نىشان بىلەن ۋاسىتىنىڭ مۇناسىۋىتى. شى جۇشىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشتا، بىرىنچىدىن، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭىتىش، ئىككىنچىدىن، غەلىبە ۋەزىيىتىنى يارىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھاياتىي كۈچنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈچىنچىدىن، ئۇرۇش قىلىدىغان، قۇرىدىغان، تەييارلىق قىلىدىغان كۈرەش ئەمەلىي كۈچىنى توپلاش، تۆتىنچىدىن، ئومۇمىي جەڭ قىلىدىغان خەلق ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك».

100 يىللىق كۈرەش، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىش، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىش، دۇنياۋى مۇھەببەت، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۈيۈك مەنزىلى.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ چىڭشيەن مۇنداق دېدى: «چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش توغرا كوردىنات، چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزلەش تىك كوردىنات، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا جەھەتتىن مەسىلىنى ئىگىلەش ماھىيەتتە قەلبكە <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>نى پۈككەنلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئويلايدىغىنىنىڭ ھەممىسى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتە، ئالدى بىلەن باش شۇجىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئىدىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، باش شۇجىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەرلىكنىڭ تاكتىكا، تەدبىرلىرىدە دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرۇپ تەرەققىياتنى پىلانلىشى، ئورنىنى توغرا تېپىشى، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك».

قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلىنىش −

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەتنى مەڭگۈ ساقلاش

بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا قايتا نەزەر سالغاندا بۇ يوللارنىڭ نەقەدەر جاپالىق ۋە ئەگرى - توقاي ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى دەل ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش تارىخى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قايتا - قايتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشى، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىكى، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى ئۆتكۈزسىمۇ، باشتىن - ئاخىر خىسلىتىنى يوقاتماسلىقىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب دەل دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى مۇنداق چوڭقۇر شەرھلىدى: «پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنچە ئۇزاق، كۆلىمى شۇنچە چوڭ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋاقتى شۇنچە ئۇزاق، قانداق قىلغاندا تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىققىلى بولىدۇ؟ يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ <پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.> 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش».

بۇ قېتىمقى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا، پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەلەپ قويدى: «قاتتىق بولۇش چېكىگە يەتتى دەيدىغان بىزارلىق كەيپىياتى پەيدا بولسا قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تاشقا، تۆمۈرگە ئىز قالدۇرغۇدەك قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك».

كۈچلۈك، قاتتىق چارە - تەدبىرلەر كىشىلەرنى ئويغاتتى.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، ھاۋا ئارمىيەنىڭ شاڭجياڭ دەرىجىلىك سىلىڭيۈەنى چاڭ دىڭچيۇ مۇنداق دېدى: «شى جۇشىنىڭ مۇھىم تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاۋا ئارمىيە قىسمى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. بۇ يىللاردا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق، ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ پۈتكۈل سىياسىي ئېكولوگىيەسى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى، بۇ، شى جۇشىنىڭ دىققەتنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش، خەلق ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش تەلىپىنىڭ غايەت زور ئېففېكتى. يېڭى تارىخىي باسقۇچتا، ھاۋا ئارمىيە قىسمى يەنىلا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇشى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، <ئۇششاق چىرىكلىك>كە قارشى تۇرۇپ، ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتكۈل قوشۇننىڭ تېخىمۇ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇشى، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، تېخىمۇ جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

ئۆتكەن ئىشلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا ئالدىن ئىنچىكە ھۆكۈم چىقىرىپ، ھازىرقى ئىشلاردىن پايدىلىنىپ، ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندە ئاندىن كەسكىن قارار چىقارغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى بىلەن، ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيەگە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىشقا، روھىي جەھەتتە چېنىقىشقا ئىگە بولدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، تارىخىي ئىشەنچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم - مېخانىزمنى ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، مەركەز ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى جىن جۇاڭلۇڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر بىزنىڭ ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىشىمىز، كەلگۈسىنى ئىلمىي ئالدىن كۆرۈشىمىز، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى، مەسىلىنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشىمىزدىكى مۇھىم مىزان، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىتىشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ».

تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ نىڭ مۇنداق دېدى: «2021 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا 1 - بېكەت − قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىدىكى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىغا بېرىپ، قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. 100 يىللىق پارتىيە تارىخى ئۆگىنىلدى، گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىرادىسى كۆزلەندى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇاڭشىنىڭ قىزىل بايلىق مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، قىزىل مائارىپنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، پارتىيە مەكتىپىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى <ئىككىنى تىكلەش>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

تارىخ بىلەن رېئاللىق بۇ يەردە ئۇچراشتى −

پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتكەن يوللاردا، تالاي قېتىم بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، ئەزەلدىن بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمىدۇق، ئەسلىي مەقسەت بىلەن بۇرچ، جاپا - مۇشەققەت بىلەن شانلىق نەتىجىنىڭ ھەممىسى تارىخ سەھىپىسىگە چوڭقۇر ئورنىدى. تۆت كۈنلۈك ئۆگىنىش گەرچە قىسقا بولسىمۇ، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق ئەسلىمە، كۇرسانتلارنىڭ تەسىراتى ۋە ھاسىلاتى تەپسىلىي، زىچ خاتىرىلەنگەن خاتىرە، چىن ھېسسىيات بىلەن قىلىنغان سۆز، چوڭقۇر بولغان تونۇش، شۇنداقلا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىرادىسى بولدى.

يېڭى 100 يىل باشلاندى، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش داۋاملاشماقتا، كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىمىزغا ئاتلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.