قىزىل ئىزنالار (18)
يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە، يۇرتداشلار ماۋ جۇشىنىڭ جاۋاب خېتىنى تامغا ئېسىپ كۆرگەزمە قىلىپ، تاپشۇرۇقنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ
«ئازاد قىلدىڭ ماۋ جۇشى، يادلاپ بىزنى ئۇزاقتىن... خالايمىز بىز چېلىشنىڭ، قەھرىمانى بولۇشنى، ئىشتا ئاقلاپ ۋەدىنى، دىدارىڭنى كۆرۈشنى...» 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مۇخبىر قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىغا جايلاشقان 100 يىللىق قەشقەر سارىيىغا كېلىپ، 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە، پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار ئۇيغۇرچە شېئىر شەكلىدە ماۋ جۇشىغا يازغان خەتنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنىپ، رامكىغا ئېلىنىپ، بىر تامغا لىق قىلىپ ئېسىلغانلىقىنى كۆردى.
بۇ، پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار يەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن چىقىرىپ ئېيتقان مەدھىيە ناخشىسى بولۇپ، يەر ئىسلاھاتىدا قەددىنى رۇسلىغاندىكى خۇشاللىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.
شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، پاختەكلى يېزىسى قەشقەردىكى يەر ئىسلاھاتىنى ئالدىن سىناق قىلىدىغان نۇقتا قىلىنىپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پاختەكلى يېزىسىدا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان. يۇرتداشلار ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىشچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، قەدىمىي يېزا - كەنتنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان.
دېھقانلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېرى بار بولدى
شۇ كۈنى، مۇخبىر 93ياشلىق ياشانغان كىشى ئابدۇغوپۇر ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ياشانغان كىشى ناھايىتى روھلۇق ھالدا ئۇزاق يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت تارقاتقان يەر خېتىنى ئېلىپ چىقتى. سارغىيىپ كەتكەن يەر خېتىنى ئاچقاندا، ئابدۇغوپۇر يەنە خۇددى يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللارغا قايتقاندەك بولدى.
«1951 - يىلى 4 - ئايدا ۋىلايەتتىن تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن كادىرلار يېزىغا بېرىپ، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ يەر ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يەر ئىسلاھاتىنى قانداق قانات يايدۇرۇشنى چۈشەندۈردى.» ئابدۇغوپۇرنىڭ ئەينى چاغدا خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئۇزاق بولمىغان بولۇپ، يېزىنىڭ كاتىپى ئىدى، ئۇمۇ يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا كەنتكە ئەۋەتىلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە يەر تەقسىملەش ئەھۋالىنى خاتىرىلەشكە مەسئۇل بولغانىدى.
«يەر ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن، پۈتۈن يېزا بويىچە 600دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يېرى يوق ياللانما دېھقان ۋە كەمبەغەل دېھقان ئىدى. يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن، دېھقانلارغا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ مو تېرىلغۇ يەر تەقسىملەندى» دېدى ئابدۇغوپۇر.
خەۋەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، يەر ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن، ئەينى چاغدىكى پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 1 مىليون 510 مىڭ نوپۇس ئىچىدە، دېھقان - چارۋىچىلار %94 ئىگىلەيدىكەن. پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 4 مىليون 406 مىڭ 300 مو تېرىلغۇ يەرنىڭ %80ى يېزا نوپۇسىنىڭ %10ىگىمۇ يەتمەيدىغان پومېشچىكلار ۋە باي دېھقانلارنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان ئىكەن.
ئابدۇغوپۇر مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا پۈتۈن يېزىدىكى ھەربىر ئائىلىگە تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ، يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى، مەزمۇنى، يەرلەرنى قانداق تەقسىم قىلىشنى تەپسىلىي چۈشەندۈردۇق. ھەرقايسى كەنت، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ يەرگە ئىگە بولۇش ئەھۋالىنى تولۇق ئىستاتىستىكا قىلىپ چىققاندىن كېيىن، يەر، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، مال - چارۋىلار ھەربىر ئائىلىنىڭ نوپۇس سانىغا ئاساسەن قايتىدىن تەقسىملەندى.
ئابدۇغوپۇرنىڭ ئائىلىسىدىكى توققۇز جانغا 28 مو تېرىلغۇ يەر تەقسىملەنگەن. ئۇ ئەتىۋارلاپ ساقلىغان يەر خېتىگە ئېنىق قىلىپ «بۇ ئائىلىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى تېرىلغۇ يەر جەمئىي بەش پارچە، 28 مو، 11 ئېغىز ئۆي» دەپ ئېنىق يېزىلغانىدى.
1951 - يىلى 4 - ئايدىن 1953 - يىلى 10 - ئايغىچە، يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 1783 يېزا - كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى كۈرەش قوزغاپ، فېئودال ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى تۈپتىن يوقاتتى، دىنىي ئىمتىيازنى بىكار قىلدى، قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان 1 مىليون 410 مىڭ نامرات دېھقانغا 3 مىليون 180 مىڭ مو يەر، 76 مىڭ 606 ئېغىز ئۆي، 100 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمىنى، يەنە 22 مىڭ تۇياق يەر تېرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇلاغ ۋە 23 مىليون 977 مىڭ كىلوگىرام ئاشلىق تەقسىملەندى.
«يەر تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن، بەزىلەر ئۆزىنىڭ يېرىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ھاياجانلانغان ھالدا يەردە دومىلاپ، <ياشىسۇن ماۋ جۇشى، ياشىسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە> دەپ توختىماي توۋلاپ، توپىنى يۈزىگە سۈرتتى.» ئەينى چاغدا دېھقانلارغا يەر تەقسىملەنگەندىكى ئەھۋال تىلغا ئېلىنغاندا، ئابدۇغوپۇر يەنىلا ھاياجېنىنى باسالمىدى.
يەرگە ئېرىشكەن دېھقانلار كومپارتىيەنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 1952 - يىلى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 303 مىليون كىلوگىرامغا يېتىپ، ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، 1949 - يىلىدىكىدىن %29 كۆپەيدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلاندى.
ماۋ جۇشىغا خەت يېزىپ پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش
ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم بۇنچە كۆپ يەرگە ئېرىشكەن ھەر مىللەت كەمبەغەل، ياللانما دېھقانلار كوممۇنىستىك پارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
«ئۇ چاغدا مەن مەمەت ئىمىن، تۇردى قاسىم قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يولداش سەيپىدىن ئەزىزى ئارقىلىق داڭلىق شائىرنى تەكلىپ قىلىپ، ماۋ جۇشىغا بىر پارچە خەت يازدۇردۇق.» ئابدۇغوپۇر 1952 - يىلى خەت يازغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىدى: خەتتە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ماۋ جۇشىغا يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ غەلىبىسى دوكلات قىلىنغان.
شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ماۋ جۇشى پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلارغا جاۋاب خەت قايتۇرغان. بۇ خەۋەر يېزىغا يېتىپ كەلگەندە، يۇرتداشلار چېپىپ يۈرۈپ بىر - بىرىگە خەۋەر يەتكۈزگەن، پۈتۈن يېزا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن. «ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، ھاياجاندىن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىغانىدىم. ئەگەر قانىتىم بولغان بولسا، شۇ ھامانلا ماۋ جۇشىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بارغان بولاتتىم.» ئەينى يىلىدىكى ئىشنى تىلغا ئالغاندا، ئابدۇغوپۇر يەنىلا ھاياجاندىن ئۆزىنى باسالماي قالدى.
100 يىللىق قەشقەر سارىيىدا، بۇ جاۋاب خەت كۆرگەزمە زالىنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغانىدى. جاۋاب خەتتە، ماۋ جۇشىنىڭ راۋان يېزىلغان، ئۇستىخانلىق خەتلىرى كىشىگە تولىمۇ يېقىملىق بىلىنەتتى ۋە ئىلھام بېغىشلايتتى. ماۋ جۇشى جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ، مول ھوسۇل ئېلىش شوئارى ئاستىدا، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىڭلارنى ھەم مۇشۇ ئاساستا مەدەنىيەت سەۋىيەڭلەرنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويدى. پاختەكلى يېزىسى شالنى چېچىپ تېرىيدىغان ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېڭى سورت كىرگۈزدى، پۈتۈن يېزىنىڭ شال مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى زور كۆلەمدە ئاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ناھايىتى زور ياخشىلىنىش بولدى.
20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، شۇ چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى يولداش جياڭ زېمىن شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پاختەكلى يېزىسىغا كېلىپ، شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلات ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 1993 - يىلى پاختەكلى يېزىسىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 11 مىليون 790 مىڭ كىلوگىرامغا يېتىپ، ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن ئون ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.
«تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىن كېيىن، يۇرتداشلاردا يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خەت يېزىش ئويى تۇغۇلدى.» شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئېزىز تۆمۈر ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1993 - يىلى پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلار يىغىلىپ ماۋ جۇشى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىگەن پەيتتە، كۆپچىلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بۈگۈنكى تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى دوكلات قىلىش تەكلىپى بەردى.
«كۆپچىلىك مېنى قەلەم تەۋرىتىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خەت يېزىشقا كۆرسەتتى.» خەتتىكى مەزمۇنلار 78 ياشقا كىرگەن ئېزىز بوۋاينىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىكەن: دوكلات باش شۇجى، ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. دېھقانلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ھەممە ئائىلىنىڭ ئېشىنچا ئاشلىقى بار بولدى، يەنە تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدۇق، بالىلار ۋېلىسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بارىدىغان بولدى.
ناھايىتى تېزلا، يۇرتداشلار جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالدى، پاختەكلى يېزىسى يەنە بىر قېتىم قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. باش شۇجى جياڭ زېمىن خېتىدە يۇرتداشلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئۆز يۇرتىنى گۈللەپ ياشنىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى پارچە قىممەتلىك جاۋاب خەت كىشىلەرنىڭ ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ئۈچۈن، 100 يىللىق قەشقەر سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى. خەتكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پاختەكلى يېزىسىدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىشىغا ئىلھام بەرمەكتە.
پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماي، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش
4 - ئاينىڭ بېشىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئابدۇغوپۇر، ئېزىز قاتارلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى يېڭىدىن پۈتكەن 100 يىللىق قەشقەر سارىيىغا كىرىپ، قەشقەردىكى 100 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ، بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كومپارتىيە بولمىغان بولسا، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. بىزنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، قىزىل گېنغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە پاختەكلى يېزىسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق شال ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايغا ئايلاندى، ئىشلەپچىقىرىلغان ئاجىز ئىشقارلىق گۈرۈچ بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى. يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىمۇ جانلىنىپ، نامرات، قالاق قىياپەت ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى.
«شال يېزىسى، بۇلاق كەنتى» دەپ ئاتالغان يۇقارقى قاقۇللا كەنتى، 30 نەچچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بۇلاق كۆزىگە تايىنىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، 2 - تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللىنىپ، توردا ئالقىشلانغان كۆرگۈچىلىكى بار جايغا ئايلاندى. كەنت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ساياھەتچىلىكتىن كىرىم قىلىپ، بەس - بەستە دېھقانلار ئارامگاھى، تاللا بازىرى، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، كۈنلىرىنى كۈندىن - كۈنگە بەختلىك ئۆتكۈزمەكتە.
پاختەكلى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى دۇمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باغچە يېزىسى، مەنزىرە رايون كەنتى، ئىستېمال نۇقتىسىدىن ئىبارەت ساياھەت تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر كەنتتە بىر مەنزىرە رايون، بىر كەنتتە بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر خاسلىق بەرپا قىلىپ، ھەممە كەنتتە يارقىن نۇقتىلارنى بارلىققا كەلتۈردى.
يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە ماۋ جۇشىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى پۈتۈن بىر تامغا يېزىلغانىدى. كىشىلەر تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىزچىل تۈردە ھەرىكىتى ئارقىلىق تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلاندى.