تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام بازىلىرىنى پۇختىلاپ، ئاممىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، پەرىزات ئابدۇل، خەن چىنيەن، گې يوۋجۈن

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى سوغۇقى جاندىن ئۆتىدۇ، لېكىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قەلبى ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرىدۇ.

دېھقان - چارۋىچىلارنى سىياسەت ئۆگىنىپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، «كاللىنى بېيىتىش»قا تەشكىللەش، تەۋەلىكىدىكى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى خالىس تەكشۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، يېڭى بىر يىللىق بېيىش يولىنى پىلانلاش... نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، ياچېيكا شۇجىلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاساسىي قاتلام بازىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئاممىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانماقتا.

كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى:

يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇردى

«كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئىشنى زەيكەش چېپىش، ئىھاتە ئورمىنى تىكىشتىن باشلىدى، ئاستا - ئاستا كەنت كۆكەردى...» 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەيسا ھوشۇرنىڭ ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، ياشلار، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 35 كىشى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، داشى كەنتىنىڭ قانداق قىلىپ چولپان كەنتكە ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى.

«ئىلگىرى داشى كەنتى ئاشلىق ئىستېمالىدا سېتىۋېلىشقا تايىنىدىغان، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا تايىنىدىغان، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىنىدىغان <ئۈچكە تايىنىدىغان كەنت> ئىدى. ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا قاراپ باقايلى، ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيلىرىمىز يامان ئەمەستۇ؟ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆيىدە پىكاپ بار بولدى...» دېدى ئەيسا.

ئەيسا داشى كەنتىدىكى «تۆت پېشقەدەم»لەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا كەنتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئاھالە. 26 يىل ئىلگىرى، ئەيسا لوپنۇر ناھىيەسىگە ئۆزى يالغۇز ئىشلىگىلى كەلگەن گو زۇڭجۈنگە ياردەم قىلغان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دوستلۇقى تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، بۇ «ئاتا - بالا»نىڭ ھېكايىسى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەيسانىڭ ھويلىسى كەنتنىڭ «قەلبداشلار ھويلىسى»غا ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرى، ئوقۇغۇچىلار دائىم بۇ يەرگە بىللە كېلىپ، ئۇنىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىكنىڭ داشى كەنتىنى يېتەكلەپ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىسىنى، تۇتۇق ئوغلى گو زۇڭجۈن بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ.

لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى جوۋ يۈنچياڭ مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىدىكى سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن كەنت بويىچە ئوندىن ئارتۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلە، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشتىكى ئۈلگىلىك ئائىلە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئۈلگىلىك ئائىلىنى سايلاپ چىقىپ، تىپىك شەخسلەرنىڭ يېتەكلىشى، تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»تىن ئىبارەت كەنت تەلىمىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى، كېڭەيتتى.

مەدەنىيەت بازىسى پارتىيە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان مۇھىم سورۇن. لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، داشى كەنتى داشى كۆرگەزمىخانىسى، داشى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى، داشى پارتىيە تارىخى سارىيى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىللە ئەۋلادمۇئەۋلاد داشىلىقلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل يۇرت قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

«ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك موتور يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، داشى كەنتىنىڭ بۈگۈنىنى ياراتتى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنى داشى كەنتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.» جوۋ يۈنچياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، بەختلىك قىلىمىز.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى:

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش باشلامچىسى بولدى

زىمىستان قىشتا، سىرتتا سوغۇق جاندىن ئۆتىدۇ. مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يىغىن زالى ئىللىقلىققا تولغانىدى، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ۋەكىللىرى بىللە ئولتۇرۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يىڭجيې بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى ئورتاق پىلانلىدى.

مۇشۇ يىللاردا، تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ئەزالارنىڭ پايدا تەقسىماتى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرى سىياسەتنىڭ قوللىشى ۋە ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتتى − ئۇلار ياكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، ياكى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ياكى سىرتقا چىقىپ تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەسىپنى شەھەرلەرگىچە كېڭەيتتى.

خۇاڭ يىڭجيېنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلگىرىكى بۇ نامرات كەنتتە، ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 17 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسىلا، كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، ياخشى شۇجىيىمىز خۇاڭ يىڭجيېنىڭ تۆھپىسىدىن بولدى!»

«كەنتكە يېڭى كەلگەن چېغىمدا يۇرتداشلار مېنى تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ مېھىر - شەپقەتنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمەن.» خۇاڭ يىڭجيې 17 يېشىدا تۇغقانلىرىغا ئەگىشىپ سىچۇەندىكى يۇرتىدىن تۆۋەن خادىلىق كەنتىگە كەلگەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىدە يىلتىز تارتقانلىقىنى، كېيىن ئىلىم - پەنگە تايىنىپ كېۋەز تېرىپ بېيىغانلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلىدى.

«تېخىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مەمەت ھوشۇر بانكىدىن 1600 يۈەن قەرز ئېلىپ ماڭا بەرگەنىدى.» خۇاڭ يىڭجيېنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۇل ئۇنىڭ بېيىشىدىكى ئىش باشلاش مەبلىغى بولۇپ قالغان.

2008 - يىلى، خۇاڭ يىڭجيې كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باي بولۇش - بولالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ياچېيكىدا.» تۆۋەن خادىلىق كەنتى «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى باشلامچى بولۇش + ھەمكارلىق كوپىراتىپى يۈرۈشتۈرۈش + دېھقانلار ئائىلىسى قاتنىشىش» ئەندىزىسى بىلەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، باغ - ئورمانچىلىق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇردى.

ئابدۇۋەلى ئوسمان ئەر - خوتۇن بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 120 مو كېۋەزلىكنى باشقۇرۇپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، پاختا تېرىپ يەنە 12 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، بۇنىڭغا يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش شەكلى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ تەقسىملەنگەن 9000 يۈەندىن ئارتۇق پايدىنى قوشقاندا، يىللىق كىرىمى 40 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۆۋەن خادىلىق كەنتى پاختا، ياڭاق، خاس باقمىچىلىق ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات بىر گەۋدىلەشكەن بېيىش يولىدا ماڭدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقى تومپايدى، ئىتتىپاق، ئىناق كەيپىياتمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

«يېڭى بىر يىلدا، بىز داۋاملىق قامچىنى ئوينىتىپ ئات چاپتۇرىمىز.» خۇاڭ يىڭجيې مۇنداق دېدى: يەرنى پاي قىلىپ قوشۇپ پايدا تەقسىملەش ۋە چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپچىلىكنى باشلاپ كۈرەش قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز.

مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى:

مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

«باھار بايرىمى كېلەي دېدى، مەن مەھەللىدىكىلەرنى بىر قېتىم چوڭ تازىلىق قىلىشقا تەشكىللەپ، باھار بايرىمىنى پاكىز كۈتۈۋېلىش تەكلىپى بېرىمەن.» «قىش پەسلى مەھەللىدىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ ئاغرىپ قېلىش، كېسىلى قوزغىلىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، مەھەللىنىڭ <بىرگە بىر> ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بۇ ياشانغانلارغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەن ئالدى بىلەن تىزىملىتاي.»...

1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى چاڭجېڭ مەھەللىسى قەرەللىك «مەھەللە ئىشلىرى كېڭىشىش يىغىنى» ئېچىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ - كىچىك ئىشلار ئۈستىدە كېڭەشتى، مەھەللىدىكى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بەس - بەستە تەكلىپ بېرىپ، ۋەزىپە ئالدى.

«كېڭىشىش، ئىش بېجىرىش جەريانىدا، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۆپرەك زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، كۆپرەك ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك» دېدى چاڭجېڭ مەھەللىسىدىكى پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ جيەنشۈەن. بۇلتۇر، ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى نۇرغۇن بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇتقۇچ بولمىغاچقا، ياشانغانلار كىرىپ - چىقىشتا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىدى، ۋاڭ جيەنشۈەن بۇنى بايقىغاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن مەھەللىگە ئىنكاس قىلدى، مەھەللە پارتىيە كومىتېتى بۇ «قارالما»نى «مەھەللە ئىشلىرى كېڭىشىش يىغىنى»غا قويۇپ كېڭەشتى، تەۋەلىكتىكى ئورۇن، سودىگەرلەر ۋەزىپىنى پائال ئۈستىگە ئالدى، ناھايىتى تېزلا 200دىن ئارتۇق خەلققە قولايلىق تۇتقۇچ ئورنىتىلىپ بولدى.

«مەھەللە ئىشلىرى كېڭىشىش يىغىنى» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلاردىن بولۇپ جەمئىي 126 مەسىلە ھەل قىلىندى، ئاھالىلەرنىڭ 600دىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىلتىماس - تەلىپى ھەل قىلىندى.

ھەر يىلنىڭ بېشىدا تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئورنىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەھەللە «قىزىل ئۇچقۇنلۇق چاڭجېڭ» «قىزغۇچ سېرىق تىنچ - ئامان چاڭجېڭ» قاتارلىق بەش پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنى زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق 120 تۈردىن ئارتۇق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، پۈتكۈل پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى»، پارتىيە ئەزالىرى دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى «قىزىل قان ھۈجەيرىسى». پىسخىكا مەسلىھەتچىسى لى ۋەنچۇن مەھەللىدە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلدى، ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچى مەمەت نىياز مەھەللە مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ «داڭدار» رىياسەتچىسى بولۇپ قالدى... يېقىنقى ئىككى يىلدا، مەھەللىدىكى «قىزىل قان ھۈجەيرە»لەر ئاممىغا جەمئىي 1000 قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلدى.

«<قىزىل قان ھۈجەيرە>لەر مەھەللىدە جانلىنىپ، ئاھالىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى» دېدى چاڭجېڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ فاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.