تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

​− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ساياھەتچىلەر بىڭتۇەن 6 - شى بىڭتۇەن زىيالىي ياشلار خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □ لى خۇابېي فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى.

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيەگە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىشقا، روھىي جەھەتتە چېنىقىشقا ئىگە بولدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچ مۇجەسسەملەندى.

كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پۇختا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، شىنجاڭ ھەرىكەتكە كەلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت لايىھەسى» ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسى، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق كونكرېت لايىھەلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە، كونكرېت مەزمۇن، يولغا قويۇش تەدبىرلىرى ۋە قەدەم - باسقۇچلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بىردەك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولغان مۇناسىپ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، يۇقىرى تۆۋەنگە باشلامچىلىق قىلىپ، يۇقىرى تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇردى.

1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتناشتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە خۇلاسىلەش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

پۇختا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلدى. ئاپتونوم رايون سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن 20نى قۇرۇپ، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سەييارە ئاڭلاش، سىرتتىن ئاڭلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشى «يېتەكچى» بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن بولۇشى، ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ چوڭقۇر ئۆگىنىش

غايە - ئېتىقاد ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! بۈگۈنكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى دەرسنى ئاڭلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز...» ھەر كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سىڭگىم يېزىسى قەستۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئۆمەر لىتىپ كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن شۇ كۈنلۈك ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ۋىيشىن توپىغا يوللايدۇ. «ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئۆگىنەلەيمىز، يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ، بۇ خىل ئۆگىنىش شەكلى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن!» دېدى قەستۇر كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى پاتەمخان ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، شىنجاڭ «ئۆگىنىش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 12 مىڭدىن ئارتۇق رەھبىرىي كادىر بىرلىكتە دەرس ئاڭلىدى؛ قاتلاملار، تۈركۈملەر بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى ھېس قىلىندى. ئاپتونوم رايون «ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش»نى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى ۋە تۈپ تەلىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

ئۆگىنىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىلدى. كۆپ تىللىق يانچۇق كىتابى «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» دېھقان - چارۋىچىلار ئاممىسىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ياخشى ياردەمچىسى بولۇپ قالدى؛ «تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى؛ پارتىيە تارىخى بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش داۋامىدا كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئالدى. «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس»نى ياخشى ئۆتۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشكە، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەندى.

ئاساسىي قاتلامدا ئەۋج ئالدۇرۇش، ئامما ئارىسىدا ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلىدى. بۇلتۇر يىل بېشىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش دوكلات يىغىنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگىچە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس - ئالىملار قاتارلىقلار ئاساسىي قاتلامغا قايتا - قايتا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئامما بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر، ئەتراپلىق سۆزلەپ، ئورتاق تونۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا - بازار، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ لېكسىيە سۆزلەش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقىنلار ئېيتىشىشى ئەترىتى، ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى قاتارلىق ئۆزگىچە ئەدەبىيات - سەنئەت لېكسىيە ئەترەتلىرى ئېتىز باشلىرىدا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كىگىز ئۆيلەردە جانلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

يېڭىسار ناھىيەسىدە، ھەرقايسى يېزا - بازار، كەنت(مەھەللە)لەر ناھىيە دەرىجىلىك «قىزىل ئانار» ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا مەدەنىيەت يەتكۈزۈش، خۇشاللىق يەتكۈزۈش داۋامىدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن تەۋەلىك رايونى توۋگۇڭ مەھەللىسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللەپ، كۇەيبەن، جىڭجۈ تىياتىرى، ناخشا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 6 - ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلدى. شىخو شەھىرى ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، ئانار بۇلۇت قاتارلىق سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ «بۇلۇت لېكسىيەسى»نى قانات يايدۇرۇپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا «ئۆگىنىش تېز يوللانمىسى»نى يەتكۈزدى... ئاممىغا يېقىن بولغان ئۆگىنىش ۋە لېكسىيە پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھەممە كىشىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئىنقىلابىي روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

پارتىيە تارىخى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى دەرسلىك. ئاپتونوم رايونىمىز قىزىل بايلىقنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى 2 - دەرسخانا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل يادىكارلىق ئورۇنلىرى، ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە قاتارلىق ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىپ، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ۋە مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو دېكلاماتسىيە، مىكرو ھېكايە، مىكرو ھەمبەھرىلىنىشتىن ئىبارەت «تۆت مىكرو» ئۆگىنىش، ئىشلىتىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىلدى، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەت ئۇرغۇتۇلدى، پەزىلەت تاۋلاندى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگەنگەنسېرى ئىشەنچكە تولغانلىقىنى، ئۆگەنگەنسېرى كۈچكە تولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قەتئىي تۈردە ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان، دەۋر بۇرچىغا يۈز كېلەلەيدىغان تارىخىي تۆھپىلەرنى تىرىشىپ يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش

كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش

«پۇل ئالمايمىز، بۇنىڭغا قاراڭ!» يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ساياھەتچىلەرنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، رەھمەت ئېيتىپ بېرىلگەن پۇلنى رەت قىلىپ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن شىنجاڭلىق تاغا ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى تور ۋە تور سىرتىدا كەڭ دىققەت قوزغىدى. ئەزەلدىن تونۇشمىسىمۇ، لېكىن خەتەرلىك پەيتتە قىلچە ئىككىلەنمەي ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بىر تىيىنمۇ ئالمىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: 24 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بۇ ئاددىي پارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

ئابدۇجاپپارنىڭ ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى دەل تاپتى، ئەمەلىي تاپتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، «مەسىلە تىزىملىكى»نى ھەقىقىي تۈردە «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تىزىملىكى»گە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن بېكىتىلگەن 54 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش قىلىش نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار تۈزگەن 1937 خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«ئىشىك ئالدىدا ياغاچ ئورۇندۇق بار بولدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىندى، ئولتۇراق رايوندا تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ساندۇقسىمان ئەخلەتخانا بار بولدى، يۇندى يولىمۇ ئۆزگەرتىلدى...» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى مېيشياڭ ئۆزى 30 نەچچە يىل تۇرغان مەھەللىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى «ئۆي ئىسسىماسلىق، سۇ راۋان بولماسلىق، تازىلىقى ناچار بولۇش» قاتارلىق قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، بىنانىڭ سىرتقى تېمىنى ئىسسىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش - چىقىرىش ۋە پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر ھەم ئولتۇراق رايونلارنى كۆكەرتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملىدى، 2021 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى 1138 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، 167 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، بۇنداق ئۆزگىرىشلەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇردى.

كورلا شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى «ئۆي تاپشۇرۇلغان ھامان گۇۋاھنامە بېجىرىش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، كورلا شەھىرى جيەنيې تيەنلۇ يۇقىرى ئولتۇراق رايونىدىكى جاڭ مەن قاتارلىق 128 ئۆي ئىگىسى ئۆي - مۈلۈك تەرەققىيات كارخانىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆيلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن «كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»نى ئوڭۇشلۇق ئالدى، ئامما كىنىشكا بېجىرىشتە «قاترىماسلىق» ئىشقا ئاشتى.

ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىشتا ئىشنى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاش، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىنى تۇتۇشتىن باشلاش، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىشتىن باشلاش كېرەك.

دىققەت ياشانغانلار توپىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «ۋاپادارلىققا تولغان تىيانشان . ئەخلاق ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇش» باش تېما پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 4755 مەيدان قېتىم ساغلاملىق لېكسىيەسى ۋە خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىن 216 مىڭ ياشانغان كىشى نەپكە ئېرىشتى، «ياشانغانلارغا ئەقلىي ياردەم بېرىش» بويىچە 2000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، 37 مىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغان كىشى ئائىلە مۇلازىمىتى، تازىلىق، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەندى؛

دىققەت «بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت، بالىلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش» بويىچە ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 2805 مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتىپىدە «2+5» دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، 1 مىليون 950 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قەرەللىك زىيارەت قىلىنىپ، ھال سورىلىپ، ھال سوراش پۇلى (بۇيۇم) تارقىتىپ بېرىلدى، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىغا غەمخورلۇق قىلىش «ئىللىق ماكان ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ، سىرتتا ئەمگەك قىلىدىغانلار «مېھىر - شەپقەت دەم ئېلىش پونكىتى» قۇرۇلۇپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش توختاپ قالمىدى...

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى، شەھەر، يېزا - كەنتلەردە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇپ»، ئاۋانگارتلار ئىش ئورنىدىن 70 مىڭنى قۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن 43 مىڭنى قۇرۇپ، 370 مىڭدىن ئارتۇق «مىكرو ئارزۇ»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ 932 مىڭدىن ئارتۇق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

ئاپتونوم رايون خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى پۇختا، ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، كۈرەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى سىجىل كۆتۈرۈلۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قىزغىنلىقى، غەيرىتى ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش. ھازىر خىزمەت تېپىش تەس مەزگىل بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ۋە مەھەللىلەر ياكى سىياسەت جەھەتتە «چوڭ سوۋغا» بېرىپ، ياكى ئىش ئورنى سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن ياردەم بەردى.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال بازىرى قۇمباغ كەنتىدە، كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رەيھانگۈل ئابدۇرېھىم لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ غەيرەتكە تولدى، «بۇ يىل كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېخىمۇ چوڭراق ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز» دېدى رەيھانگۈل.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.